− شىنجاڭ يېڭى دەۋر مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، ھەم خەلقئارا تارقىتىشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مائارىپ جەھەتتىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتتى.
يۇقىرى قاتلامدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاشقى ھەمكارلىق ئېگىزلىكى بەرپا قىلدى
ئۆزئارا ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ... بۇلتۇر 6- ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنىدا، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى قاتارلىق جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن 14 پارچە مەكتەپلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ئۆزبېكىستان گۈللىنىش مائارىپ داشۆسى، قازاقىستان ئالمۇتا ئەشيا ئوبوروتى قاتناش داشۆسى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد- سودا، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.
«يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، بىز دەرسلىك قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىدىغان تېخنىكا- ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش يولى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، دۇنياۋى نەزەر ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە خەلقئارالىق ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈردۇق» دېدى ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ شياۋبىڭ.
جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنى شىنجاڭنىڭ سۇپا بەرپا قىلىپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىدىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت- پەن- مائارىپ مەركىزى (مائارىپ قىسمى) قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت- پەن- مائارىپ مەركىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، مائارىپ جەھەتتىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش- تەربىيەلەش، خەنزۇ تىلىنى خەلقئاراغا كېڭەيتىش ۋە كۇڭزى شۆيۈەنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق كۈچەيتتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت- پەن- مائارىپ مەركىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.
2023- يىلىدىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە يۈزلەندۈرۈشتىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ۋە مائارىپ تاشقى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بەردى.
ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ تاشقى خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پائال سۇپا بەرپا قىلىپ، يولنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلقئارا جۇڭگو تىل- يېزىقى مائارىپى، پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، دۆلەت ۋە رايون تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كۈچەيتتى.
سۇپا كۈچ قوشتى، ئالماشتۇرۇش تورى زىچ توقۇلدى
2023- يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدا، شىنجاڭ داشۆ ئىلتىماس قىلغان «يىپەك يولى كۆپ تىللىق بىلىش- ھېسابلاش خەلقئارا ھەمكارلىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى» مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلدى.
بۇ تەجرىبىخانىنى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئالاقىدار تەتقىقات مەركىزى، نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلار قازاقىستان ياۋروپا- ئاسىيا داشۆسى كومپيۇتېر سىستېمىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقات ئورنى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن- تېخنىكا تەتقىقات ئورنى قاتارلىق چەت ئەلدىكى ئەۋزەل ئورۇنلار بىلەن ئورتاق تەشكىللەپ قۇرغان. ئىككى يىلدىن بۇيان، تەجرىبىخانا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزىنىڭ پەن ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ مودېللىق، كۆپ تىللىق ئۇچۇرلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت، مەدەنىيەت، ساياھەت ئۇچۇرى قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ راۋانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، جۇڭگو شىنجاڭ دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ۋە ئىقتىساد- سودىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «2023- يىللىق ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى . مائارىپ خەلقئارا مۇنبىرى» «جۇڭگو- قازاقىستان ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى» «جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنى» قاتارلىق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 1000دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم شىنجاڭغا جەم بولۇپ تەجرىبىلەردىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئالماشتۇرۇپ- ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو − چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش، «بىر بەلباغ بىر يول» مائارىپى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلقئارا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورتاق دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىدىيە، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ۋە ئەڭ يېڭى ئەمەلىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىجابىي ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.
قىرغىزىستان جالالئاباد دۆلەتلىك داشۆنىڭ مۇدىرى ئۇسۇننوۋ كونېشبېك مۇنداق بىلدۈردى: «بىز جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ قۇرغان سۇپىسى ئارقىلىق، جۇڭگودىكى نۇرغۇن داشۆ بىلەن جۇڭگو تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، <دوستلار چەمبىرىكى>نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق».
ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، تېببىي پەن قاتارلىق ساھەلەردە جەمئىي 42 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاپ ۋە ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاشقا كۈچ قوشۇپ، پەن- تېخنىكا، مائارىپ بىلەن كەسىپلەرنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ يەنە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جۇڭگو- رۇسىيە ـ قازاقىستان- موڭغۇلىيە ئالتاي رايونى ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بازىسى، شىنجاڭ داشۆ رۇس تىلى مەركىزى قاتارلىق كۆپ خىل مائارىپ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللىدى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «جۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى داشۆ مۇدىرلىرى مۇنبىرى»، «جۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك مۇنبىرى»، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى باشقۇرۇش مۇنبىرى» قاتارلىق خەلقئارا يىغىن ۋە ئىلمىي مۇنبەرلەرنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىدى.
ئاپتونوم رايون ئېنېرگىيە، كانچىلىق، قۇرغاق رايون زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ۋە خەلقئارا داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، سۇپا قۇرۇش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى خەلقئارا «دوستلار چەمبىرىكى» ۋە «بايلىق چەمبىرىكى»نى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كەڭ ساھەلەرگە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ مائارىپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.
ماركا ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى
شىنجاڭ داشۆ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ خەتتاتلىق دەرسىدە، تۈركمەنىستانلىق ئوقۇغۇچى گۇڭچا جۇڭگو خەتتاتلىقىنىڭ جەلپكارلىقىغا چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگونى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا بۇ يەرگە كېلىپ جۇڭگو تىل- يېزىقى ئۆگىنىشنى تاللىدىم، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».
گۇڭچا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات ياردىمى بىلەن، بۇلتۇر كۈزدە ئۇ شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپى كەسپىدە ئوقۇدى.
قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچى نېغمەتجان مىنار شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭيى تېبابىتىگە ناھايىتى قىزىقىپ قالغان. بۇلتۇر ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ دوختۇرلۇق قىلىدىغان دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئامبۇلاتورىيە ئېچىپ، جۇڭيى تېبابىتى مەدەنىيىتىنى تارقاتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇشقا جەلپ قىلماقتا. ئۇلار خەنزۇ تىلى، خىمىيە قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى، ئېغىز بوشلۇقى تېبابىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 كەسىپتە ئوقۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %37.6كە يەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى شىنجاڭ قوبۇل قىلغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى سانى 2023- يىلىدىكىدىن 1.75 ھەسسە ئاشقان، جۇڭگو شىنجاڭ كۈنسېرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى ياقتۇرىدىغان مەنزىلگاھقا ئايلانماقتا.
جۇڭگو شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، ئادىمىيەت ۋە مائارىپ بايلىقى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ ئەۋزەللىكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالىي مائارىپ بويىچە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتىكى تەبىئىي ۋاسىتە بولۇپ قالدى. 2011- يىلى «چەت ئەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇش» پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مائارىپ ئوقۇتۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، ھېس قىلىش پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگونى چۈشىنىدىغان، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان، «جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان» زور بىر تۈركۈم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈردى. ھازىرغىچە، 95 دۆلەتتىن كەلگەن جەمئىي 13 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەندى. «چەت ئەلدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش . شىنجاڭدا ئۆگىنىش» ماركىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مائارىپ خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۈچ. شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئەمەلىيىتىگە نەزەر سالساق، كەلگۈسىدە، شىنجاڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مائارىپ بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچىنى قوشىدۇ.