ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ياۋېن، ساۋ خۇا
4- ئاينىڭ 26- كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىدىكى «فۇ جىجوۋ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى سارىيى»غا كىرگىنىمىزدە، ئالتە گۇجېڭ كۆزىمىزگە ئالاھىدە چېلىقتى. ئۇلار داتلىشىپ كەتكەن گۈرجەك، سىرى چۈشۈپ كەتكەن چەينەك، سارغىيىپ كەتكەن ھېسابات تالونى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە جىمجىتقىنا تىزىلىپ تۇراتتى.
«گۇجېڭنىڭ يۈز تاختىسىغا خېنەن لەنكاۋنىڭ چىنار دەرىخى، گەۋدە قىسمىغا دادام تىككەن ئاق تېرەك ئىشلىتىلگەن. ئاڭلاڭ، ئاۋازى نېمە دېگەن ياڭراق». فۇ جىجوۋنىڭ 2- ئوغلى فۇ گوشى قاداق باسقان قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ تارىلىرىنى سىلىدى، ياغاچ تىلىمچىلار ئارىسىدىن تەڭكەش سادا ياڭرىدى.
فۇ جىجوۋ ھايات ۋاقتىدا، ئۆزى تىككەن 800 مىڭ تۈپ ئاق تېرەكنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان چالغۇغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىم بۇ چالغۇلارنىڭ تارىسى چېكىلگەندە، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەسىرلىك مېلودىيەنىڭ ياڭرايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
كۆرگەزمە سارىيىدىن مىڭ مېتىر يىراقلىقتا 34 كىلومېتىرلىق يېشىل كارىدور بار، 40 يىل ئىلگىرى بۇ جايدا دائىم شىددەتلىك بوران قۇملارنى ئۇچۇرتۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز مېتىر ئېگىزلىكتە قۇم بوران ھاسىل قىلىپ، يەر- جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.
1983- يىلى، قۇم بوران فۇ ئائىلىسىنىڭ 40 نەچچە مو بۇغدايلىقىنى بىر كېچىدىلا قۇمغا كۆمۈۋەتتى. فۇ جىجوۋ گۈرجەكنى چىڭ تۇتقىنىچە: «ئادەم قۇمغا بوزەك بولسا بولمايدۇ!» دەپ قەسەم قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئېشەك ھارۋىسىدا قۇم توشۇپ، پىۋا بوتۇلكىسىغا سۇ تولدۇرۇپ ئاپىرىپ كۆچەتلەرنى سۇغۇرۇپ، «يۈگۇڭچە قۇم تىزگىنلەش»نىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.
«كۆچەت پۇلىنى تېجەش ئۈچۈن، دادام تېرەك شېخىنى قەلەمچە قىلىپ تىكتى». فۇ گوشى بىر تۈپ قېرى تېرەكنى سىلىدى، دەرەخ غولىدىكى قوۋزاقلاردىن 40 يىللىق قۇم تىزگىنلەش يىللىرىنىڭ خاتىرىسىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. «قاراڭلار، ئەينى يىلى تىككەن تېرەك قەلەمچىسى ھازىر ئىككى ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمىگۈدەك چوڭ دەرەخكە ئايلاندى».
ئادەم كۈچى بىلەن كۆچەت تىكىشتىن ماشىنا بىلەن ئورمان بىنا قىلىشقىچە، فۇ جىجوۋ قەتئىيلىك بىلەن كۆچمە قۇملۇقتا يېشىل سېپىل بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ توسۇقنىڭ كەينىدىكى ئېتىزلارغا لازا، قىزىلچا، شوخلا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر تېرىلىپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن كۈلكە سادالىرى ئىلگىرىكى قۇم بوراننىڭ ھۇۋۇلدىغان ئاۋازىنىڭ ئورنىنى ئالدى.
فۇ جىجوۋ ئاق تېرەكلەرنى تىكىپ قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ بوستانلىق توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ قولىدا يېڭى كۈي ياڭراتتى.
«جياۋ يۈلۇ شۇجى تىككەن چىنار دەرەخلىرى لەنكاۋدا <يېشىل بانكا>غا ئايلاندى، بىزنىڭ ئاق تېرەكلىرىمىزمۇ يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتالامدۇ- يوق؟» چوڭ ئوغلى فۇ شىنشىنىڭ نەزەرى ئىھاتە ئورمىنىدىن ھالقىپ تېخىمۇ بىپايان دائىرىگە تىكىلدى.
تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ ئوي ھەقىقەتەن رېئاللىققا ئايلىنىپ، يېقىملىق كۈيلەر ئورۇنلىنىدىغان گۇجېڭ ياساپ چىقىلدى − لەنكاۋ چىنار دەرىخىدىن ياسالغان يۈز تاختىسى بىلەن خېجىڭ ئاق تېرىكىدىن ياسالغان گەۋدە قىسمى مۇكەممەل بىرىككەن بولۇپ، ئاۋاز سۈپىتى ئۈنۈمى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، گۇجېڭ كىچىك كۆلەمدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ.
ئەمدىلا پېنسىيەگە چىققان فۇ گوشى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئىھاتە ئورمىنى ئارىسىغا بۇغداي، بېدىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىدى، «دېھقانچىلىق ئارقىلىق ئورماننى بېقىش» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش بۇ تۇپراقنى ھەم ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمگە، ھەم ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە قىلدى. «كېيىنكى قەدەمدە ئىھاتە ئورمىنىنىڭ تىپىنى ئىقتىسادىي ئورمانغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىمىز». قۇملۇققا سوزۇلغان يېڭى كۆچەتزارلىققا قارىغىنىچە فۇ گوشى يان تېلېفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسىنى كونترول قىلىۋاتاتتى، فۇ جىجوۋنىڭ قۇم تىزگىنلەش مۆجىزىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى دەۋرىدە داۋاملىق پۈتۈلمەكتە ئىدى.
«دادام قۇملۇق، چۆللۈكنى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغقا ئايلاندۇردى، بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرىمىز». فۇ شىنشى گۇجېڭنىڭ يۈز تاختىسىنى يېنىك سىلىدى، ئۇ ئالتە گۇجېڭ بۈگۈنكى كۈندە كۆرگەزمە سارىيى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، خۇددى تۇپراقنى يېرىپ چىققان ئالتە تۈپ يېڭى كۆچەتتەك فۇ جىجوۋ بىر ئۆمۈر ئەجىر قىلىپ تۇراقلاشتۇرغان قۇملۇقتا يېشىل مېلودىيە ياڭراتماقتا.