بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. دۇنيانىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلىشى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ۋە مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى زىممىگە ئالغان.
— شۇ جاي ۋاقتى 2025- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى، شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن موسكۋادا بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇشۇنداق تەكىتلىدى