ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز
12:27:00 2025-05-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى −

ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

 ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئىدىيەۋى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى. نازارەت پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزدى، بەنزە ئەزالىرى «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش چوڭقۇر بولماسلىق» «ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، يىغىننى ئاددىيلاشتۇرۇش دەل جايىدا بولماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈردى. نازارەت پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كونكرېت تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەركەزلىك تۈزەشنى تۇتۇپ، تۈزىتىش تەدبىرى، مەسئۇل كىشى ۋە تاماملاش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك تۈزەشتە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستىلنى ئۈنۈملۈك يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق ئەدلىيە مەمۇرىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

 مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال كۆزنىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى «بىر كۆزنەكتە بىرتۇتاش بېجىرىش»كە تۈرتكە بولدى؛ ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ «ئالقان»، «بارماق ئۇچى» ئارقىلىق ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىش ئېھتىياجىغا قارىتا، «شىنفۇبەن» «شىنچىبەن» APPسىنىڭ ھەرقايسىسىدا ئىش بېجىرىش تۈرىدىن 500دىن ئارتۇقنى يېڭىدىن كۆپەيتتى؛ 12345 مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسىدە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىلتىماس- تەلەپلەرنى «تاپشۇرۇۋالغان ھامان بېجىرىپ»، «ئاخىرغىچە بېجىرىش» مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى... ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاددىي، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانا ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىلتىماس- تەلەپلەرنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىلتىماس- تەلەپلەرنى ھەل قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانا ۋە ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق شەرقىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سىستېمىسىدىكى 12 ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى «ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا تاۋلىنىش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نى چوڭقۇر قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، «ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش» ناملىق مىكرو سىننى كۆرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ ئىدارىنىڭ ساۋەن شۆبە ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئورمانچىلىق رايونىنىڭ <ئېكولوگىيە قاراۋۇلى> بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىدىيەۋى ئېڭىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئورمان دېڭىزىنى قوغداش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز».

 ئاتۇش شەھىرى «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سانائەت باغچە رايونىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، گۇرۇپپىلار بويىچە بۆلۈنۈپ ئۆگىنىش، توردا ئۆگىنىشكە قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىشچى- خىزمەتچى پارتىيە ئەزالىرىنى جانلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچى پارتىيە ئەزالىرىنى ئەمگەك روھى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلىدى.

 ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئەمەلىي قوللىنىشتا. ھەرقايسى جايلار ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلىدى.

 قورغاس شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىگە قارىتا، «مەن ئاممىغا ھەمراھ بولۇپ تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىمەن» پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بىۋاسىتە ھېس قىلىش، پۈتۈن مۇساپىدە بېجىرىشكە ياردەملىشىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى بېجىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىش بېجىرىش ھالقىسىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە قولايلىق بولغان مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

 ئاھالىلەر «زاكاز چۈشۈرسە»، پارتىيە ئەزالىرى «زاكازنى قوبۇل قىلىپ»، بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن سۇ ئېقىپ كېتىش، توكلىغۇچنى كۆپەيتىپ ئورنىتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؛ داۋالاش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كېسەل كۆرۈپ، سوزۇلما كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ۋە يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلدى... پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى بەيلى مەھەللىسى مەھەللە خىزمىتى پارتىيە ياچېيكىسى دىققەتنى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر تۈزىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

 خوتەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەۋەلىك رايوندىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ بازار ئەھۋالى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇش، تەرەققىيات بېسىمى ئېغىر بولۇش، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مەخسۇس مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىش كىرا ھەققى، توك ھەققى، قەرز ئۆسۈم ياردىمى قاتارلىق جەھەتلەردە دەل جايىدا ياردەم پۇل بېرىپ، شىنجاڭ جىڭخې توقۇمىچىلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سەككىز توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللاپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

 شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتى «ئۆگىنىش»كە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، «نەق مەيدان + سىن» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپ ى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. گۇرۇھ شىركەت پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تەھلىل قىلدى ھەم ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، ئىش قىلىپ نەتىجە ياراتتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125