يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسىپ ھالىتىدە يارقىن نۇقتا نامايان بولدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- پەسىلدە، شىنجاڭ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، «مەملىكەتلىك توردا باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئارقىلىق، تور پارچە سېتىش بازىرىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى %66.8نى ئىگىلىگەن، يېمەكلىك- ساقلىق ساقلاش، ئۈنچە- مەرۋايىت، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى، ئۆي جاھازلىرى بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى. مۇلازىمەت تىپىدىكى تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ئىچىدە توردىكى يېمەك- ئىچمەك، توردىكى ساياھەت ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى.
1- پەسىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى توردا پارچە سېتىش بازىرىدا «بىرى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇش، كۆپىنچىسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇش» ئەندىزىسى نامايان بولدى. ئۈرۈمچى %47.6لىك نىسبەت بىلەن مۇقىم باش ئورۇندا تۇردى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2 -، 3- ئورۇندا تۇردى، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %10.2، %8.8 بولدى.
يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا كۈچلۈك ئېشىش قۇۋۋىتى نامايان بولدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1- پەسىلدە يېزىلاردىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشقان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە تۈرىدىكىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %54.9كە يېتىپ، توردا سېتىشتىكى «ئاساسىي قوشۇن» بولغان.
1- پەسىلدە پۈتۈن شىنجاڭدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 540 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشتى؛ جەمئىي 28 مىڭ مەيدان قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، 360 مىليون ئادەم قېتىم جەلپ قىلىنىپ، 26 مىليون 524 مىڭ تاۋار سېتىلدى، يېمەكلىك- ساقلىق ساقلاش، ئۈنچە- مەرۋايىت، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ قالدى، دەملەپ ئىچىلىدىغان چاي بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە بازىرى ئىتتىك يەككە مەھسۇلاتلار تىزىملىكىدە چوققا ئورۇنغا چىقتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)