ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئاپتونوم رايوننىڭ بازار ئىجازىتى ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش سىياسىتىگە دائىر سوئال- جاۋابلار (2025- يىللىق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىل قومۇل شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تۇنجى نۆۋەتلىك بازار ئىجازىتى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى باھالاشنى باشلاپ، بازار ئىجازىتى توسۇقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرگۈزۈش»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
سىياسەتكە دائىر سوئال- جاۋابلارغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى باھالاش بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ قولايلىقلىقى، مۇلازىمەت يوللىرىنىڭ راۋانلىقى، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنىڭ دەللىكى ھەم تۈزۈم تەشۋىقات كاپالىتى قاتارلىق ئۆلچەملەر نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، «باھالاشقا ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئارقىلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. 2026- يىلىدىن باشلاپ، باھالاش پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە دائىملىق يولغا قويۇلىدۇ ھەم يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆرسەتكۈچلەرنى كۆپەيتىش ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى باھالاشتا مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئومۇمىي نومۇر 100 نومۇر، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى، مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەم تۈزۈم ئۈنۈمىدىن ئىبارەت 1- دەرىجىلىك بەش كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قارىمىقىدا ئۇچۇر ئاشكارىلاش، توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاش، تەستىقلاش ئۈنۈمى قاتارلىق 2- دەرىجىلىك 12 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ تەسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ تۈرلۈك نومۇر تارتىش كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىندى، بۇ، تىپىك مىساللارنى تۈزىتىش كۈچلۈك بولماسلىق، سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاشنى ئاقسىتىش ھەم ۋەزىپە ئورۇنداش مۇددىتى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باھالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بىر گەۋدىلەشكەن مەمۇرىي ئىشلار سۇپىسىغا تايىنىپ سانلىق مەلۇماتلارنى بىۋاسىتە ئالىدۇ ياكى ئالاقە تورىدا ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇچۇر توپلايدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە ئاساسىي قاتلامدىن ئارتۇقچە ئىسپات ماتېرىيالى تەمىنلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ. سانلىق مەلۇمات توپلاش ۋاقىت بۆلىكى 2024- يىلى پۈتۈن يىل بولۇپ، باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىي باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
كارخانا قاتارلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرى سوئال قەغىزى تولدۇرۇش، ئىجازەت مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ.
بازار ئىجازىتى ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇشتا سىستېمىلىق، ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىجازەت ئۈنۈمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجازەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئادىل، تەرتىپلىك بازار ئىجازىتى مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئەڭ ئەلا سەۋىيەگە ۋە پايدىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)