ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ چيەن
5- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى تۇنجى بېكەتتە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كىردى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ سانائەت سېپى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، كامېرادا زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قۇۋۋىتى نامايان بولدى؛ بوشلۇقتىن سانجى شەھەر رايونىغا نەزەر سالغاندا، يېشىل كەسىپلەر باغچە رايونى بىلەن ئېكولوگىيەلىك يېڭى شەھەر گىرەلىشىپ بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى؛ تىڭجوۋغا نەزەر سالغاندا، ناھىيە رايونى خاس ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ پەرقلىق ماس تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.
شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باشلامچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل سانجى ئوبلاستى شەرقىي جۇڭغار موتورىنى كۈچەيتىش، سانجى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنى كۈچەيتىش، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت «تۆتنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى.
1- پەسىلدە، سانجى ئوبلاستىدىكى 612 كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئېشىپ، كۆپ تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات كۆرسەتكۈچلىرى بىرقەدەر زور دەرىجىدە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاستنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇش جەھەتتە يارقىن جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.
شەرقىي جۇڭغار موتورىنى كۈچەيتىش
تىرىشىپ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇش
5- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 7دە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ يىخۇا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا، شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئالدىراش ئۆتۈشۈشكە باشلىدى.
«كان رايونىدىكى 13 ئىش ئورنىدا ئادەمسىز دىجورنىلىق قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى مەركەزلىك كونترول قىلىش %100كە يەتتى.» بۇ شىركەت ماشىنا- ئېلېكتىر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى خې داچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يىل ئاخىرىدا كان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كۆپىيىپ 300گە يېتىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بازىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئوخشاشلا شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كۆمۈر تېشىنى گاۋلىڭ توپىسىنىڭ ئورنىدا پېچتا ئىشلىتىپ، 1- پەسىلدە 600 مىڭ يۈەن تەننەرخنى تېجەپ قالدى؛ شەرقىي جۇڭغارنىڭ يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىر كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش تۈرى دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم چوڭ تىپتىكى مۇھىت قوغداش تىپىدىكى مۇقىم ئورۇندا گازغا ئايلاندۇرۇش ھۈنەر- سەنئىتىنى قوللىنىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق جياڭسۇ، جېجياڭ ئەتراپلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليون ئائىلىنىڭ بىر يىللىق گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدا جەمئىي 1600دىن ئارتۇق كارخانا بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بىردىنبىر باغچە رايونى. كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دولقۇنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى قانداق قىلىپ «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى»؟
3- ئاينىڭ 25- كۈنى، 100 دوكتور شەرقىي جۇڭغاردىكى كارخانىلارغا ماكانلىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 19 يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىندى. بۇ يەردە 152 چوڭ تۈر، 440 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سېلىنما زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئالتە چوڭ يادرولۇق كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا، بۇ يىل 1- پەسىلدە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى.
بۇ يىل، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى شەرقىي جۇڭغار موتورىنى كۈچەيتىش، شەرقىي جۇڭغار مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش، شەرقىي جۇڭغار نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش» جەھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشكە كۈچەپ، «مىقدارنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇش» جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچىنىڭ يېڭى مىقدار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.
يىرىك پىلان بويىچە، 2027- يىلىغا بارغاندا، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى 2023- يىلىدىكىدىن ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلۇپ، سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 250 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %18 ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2030- يىلىغا بارغاندا، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى، تاشقى مەبلەغ، تاشقى سودا ئومۇمىي مىقدارى 2023- يىلىدىكىدىن ئىككى قاتلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى «3 + 2» كەسىپ توپىنى، يەنى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كىرېمنىيلىق ئاليۇمىن يېڭى ماتېرىيالىدىن ئىبارەت 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ئىككى چوڭ كەسىپ توپىنى، ھەمدە كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىش، كۆمۈر ئېلېكتىر، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ئۈچ كەسىپ توپىنى تېز بەرپا قىلدى. «ئۈچ رايون، بىر باغچە، بىر تايانچ نۇقتا» قۇرۇلۇشىنى، يەنى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى باشلامچى رايونى، يېڭى ماتېرىيال كەسپى توپلانما رايونى، دۆلەتنىڭ ئايلانما ئۆزگەرتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتا باغچە رايونى، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولدى.
سانجى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينى كۈچەيتىش
بىر شەھەر، ئىككى رايون گىرەلەشكەن «قوش شەھەر خاتىرىسى»
سانجى شەھىرىنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسىپ باغچىسىدا سەھەر «ئايلانما ياغاچ ئات»تىن باشلىنىدۇ. دىيامېتىرى 20 مېتىر كېلىدىغان ئايلانما تاختىلىق سۈت سېغىش ماشىنىسى يېنىدا، 80 تۇياق ھولستېين سىيىرى سەھەردە «داكا قىلىۋاتاتتى». ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق بەلگىسىگە ھەربىر تۇياق كالىنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تېز سوۋۇتۇش باكىدىكى يېڭى سۈت سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق پىششىقلاش زاۋۇتىغا توشۇلىدۇ.
يېزا- كەنتلەرگە «يوشۇرۇنغان» بۇ زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسىپ باغچىسىغا سەل قارىماڭ، بۇ كەسىپ باغچىسى ئورۇنلاشقان ئاشىلى قازاق يېزىسى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان «قىممەتلىك سۈت مەنبەسى بەلبېغى»غا جايلاشقان. نۆۋەتتە، بۇ كەسىپ باغچىسىدا كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىدىن 48ى، ماشىنىلاشقان سۈت سېغىش زالىدىن توققۇزى بولۇپ، سۈت كالىسى باقمىچىلىقىنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %70تىن كۆپرەككە يېتىپ، كۈنىگە 250 توننا ئەلا سۈپەتلىك يېڭى سۈت ئىشلەپچىقىرىپ، شىنجاڭ بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندى.
بۇ يەردىن شىمالغا نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى شىنجاڭ لەنشەن تۇنخې پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سولياۋ يوپۇق ماتېرىياللىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەۋاتاتتى. «بۇ خىل يېڭى تىپتىكى بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سولياۋ يوپۇق تۇپراقتا كاربون تۆت ئوكسىدى، سۇ ۋە مىنېرال ماددىلارغا پارچىلىنىدۇ، نۆۋەتتە يەتتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 1 مىليون مو يەردە كېڭەيتىلدى.» بۇ شىركەتنىڭ مەركىزىي تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش 2- بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خاۋ خەيبىن ئەڭ يېڭى نەتىجىنى كۆرسەتتى.
كېچىدىكى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى مەدەنىيەت- ساياھەت ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى. «غەربىي يۇرتقا قايتىش» ناملىق ئويۇن بىلەن سېلىنىۋاتقان جىنپۇدۈن مېھمانسارىيى توپى، خىيالىي تىياتىر شەھەرچىسى قاتارلىق مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرلىرى بىرلىكتە شەھەرنىڭ جۇلالىق ئۇپۇق سىزىقىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
سانجى ئوبلاستىدىكى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى شەھىرى 1 مىليون نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەر نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «غەربىي قىسىمدا مەدەنىيەت- مائارىپ، شەرقىي قىسىمدا مەدەنىيەت- ساياھەت» يېڭى ئەندىزىسى ئارقىلىق «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى پۈتمەكتە − غەربىي قىسىمدىكى كەسپىي مائارىپ ئېگىزلىكى كەسىپ يېڭى قوشۇنىنى يېتىشتۈرمەكتە، شەرقىي قىسىمدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت سېپى ئىستېمال قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرماقتا. «شەھەر، دەريا، مەدەنىيەت، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى»دىن ئىبارەت بەش ئىشنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى، سودا- يىغىن كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت- ساياھەت، ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش ۋە مەھەللە مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ يېتەكچى كەسىپنى يېتىلدۈردى ۋە زورايتتى.
سانجى ئوبلاستى سانجى شەھىرى بىلەن سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ئىبارەت «بىر شەھەر، ئىككى رايون» كەسىپ- شەھەر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «بىر شەھەر، ئىككى رايون»دىن ئىبارەت كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى «ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينى كۈچەيتىش»نىڭ تارتىش كۈچى مەنبەسى، «ئىككى رايون ماسلىشىش» ئىستراتېگىيەلىك رامكىسىدا، سانجى شەھىرى دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىدارە قىلىش، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش، زېھنىي كۈچنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش
رايونلار ماس، يۇغۇرما تەرەققىياتىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش
تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئالغاندا كامېرا مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان دۇڭفاڭ ئېلېكتىرو گۇرۇھىنىڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق تاغلىق رايون شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا توغرىلاندى، 124 شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى شامالدا قەد كۆتۈرۈپ، غايەت زور شامال ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز پاكىز ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇۋاتاتتى. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، بۇ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلېكتىر تورىغا ئۇلىنىپ توك چىقىرىلدى، بۇ، مورىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تورغا ئۇلانغان سىغىمچانلىقىنىڭ 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇرۇلغان ناھىيە دەرىجىلىك 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى.
بۇ يىل، مورى يەنە 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى يولغا قويىدۇ ھەم دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش، تۈرلەرنى ئەمەلىي پىلانلاش ئارقىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ «يېڭى ئېنېرگىيە +» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
يېقىندا، 100 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل گۇچۇڭ ناھىيەسى جيۇئەن ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدىن قازاقىستانغا يولغا سېلىندى. گۇچۇڭ ناھىيەسى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق سانائەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش جېڭى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جېڭى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش جېڭى، رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بىخەتەرلىك، مۇلازىمەت، ئاساسىي قۇرۇلۇش، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەم دەرىجىسى بويىچە تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.
جىمىسار ناھىيەسى دىققەتنى «شەرقىي جۇڭغارغا تۇتىشىش، بېيتىڭغا سىڭىشىش، شەھەر- يېزىلارنى يۇغۇرۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشتىن ئىبارەت «بەش چوڭ كەسىپ»نى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىدىن ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھالىتىگە ئايلاندۇردى.
بۇ يىل، سانجى ئوبلاستى رايون تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرقىي قىسىمدىكى ئۈچ ناھىيە بىلەن شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇش، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ غەربىي قىسىمدىكى ئىككى ناھىيە، ئىككى شەھەر ئىستېرېئولۇق قاتناشنى ۋاسىتە، كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى تىرەك، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە شەھەرلەر توپىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشتى. شەرقىي جۇڭغارنى موتور، «بىر شەھەر، ئىككى رايون»نى ئېگىزلىك قىلغان، شەرق- غەرب ئىككى رايوننىڭ ماس تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.
تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسى جەھەتتە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن شەرقىي جۇڭغارغا سىڭىشىپ، شەرقىي جۇڭغارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەرقىي جۇڭغار بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ھەم جابدۇق ياسىمىچىلىقى، تۈجۈپىلىك خىمىيە سانائىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى زورايتىدۇ.
فۇكاڭ شەھىرى، سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە شەھەرلەر توپىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، «مېھمان كۈتۈش زالى» «ئارقا ھويلا» «چوڭ ئاشخانا» بولۇشنى چۆرىدەپ، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى، مىس، ئاليۇمىننى ئىنچىكە پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.
ئېگىزدىن سانجىغا نەزەر سالغاندا، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت سېپىدىن يېشىل زاۋۇتلارغىچە، مەدەنىيەت- ساياھەتتىكى مەنزىرىلىك جايلاردىن ئېكولوگىيەلىك يېڭى مەنزىرىلەرگىچە، يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىدىن زامانىۋى باغچە رايونلىرىغىچە، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ جىپسىلاشما قۇرۇلمىسى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كەسىپ كارىدورىنى بەرپا قىلماقتا.
تىجارەت- سودا مۇھىتىنى كۈچەيتىش
«قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش»تىن ئىبارەت تۆت ئەمەلنى ياخشى ئىشلەش
«ئويلاپ باقماپتىكەنمەن! ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن!» شىنجاڭ شىڭشۈ ئاليۇمىن كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالتە ئايدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش سۈرئىتى چۇڭچىڭلىق سودىگەر جياڭ يۇڭنى ھەيران قالدۇردى. جياڭ يۇڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: كارخانا «ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن» جايدىن ئايرىلغاندا، «سۇ- تۇپراققا ماسلىشالماسلىق»تىن ئەڭ ئەسىرەيدۇ. تۈر ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، سۇ، توك، گاز قاتارلىق ئامىللارغا كاپالەتلىك قىلىش، بانكا بايلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىدى. بۇ يىل 7- ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 150 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئاليۇمىن تاختا مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا توشۇش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، كارخانا يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 400 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش نىشانىغا قاراپ تېز ئاتلانماقتا.
بۇ يەردە، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىلتىماس تەلىپىگە ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە جاۋاب قايتۇرۇلۇۋاتىدۇ، تۈركۈمگە ئايرىلىۋاتىدۇ، ھەل قىلىنىۋاتىدۇ. سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى «باغچە رايونىدا ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش» ماركىسىنى سىجىل يارىتىپ، «باغچە رايونىدا ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش» پائالىيىتىدىن 30 مەيدان ئۆتكۈزدى، قاتناشقان كارخانا 1000 كارخانا قېتىمدىن ئاشتى، 50 نەچچە ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلە ھەل قىلىندى.
«بۇ ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتىن ئىش باشلاشقىچە پەقەت 20 كۈنلا ۋاقىت كەتتى»، دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيەسى شەرقىي جۇڭغار ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ لىيۇڭ. شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كۆزنەكلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا، «يەر ئېلىپلا ئىش باشلاش» «رەسمىيىتى تولۇق بولمىسىمۇ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» قاتارلىق يېشىل يوللار تۈرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىش ۋاقىت چېكىنى %40 قىسقارتتى. 1- پەسىلدە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان جەمئىي 3200دىن ئارتۇق خادىم كەمچىل بولۇش مەسىلىسى، 2 مىليارد 85 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ھەل قىلدى.
بۇ يىل، سانجى ئوبلاستى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تىجارەت- سودا مۇھىتى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر قولدا قاتتىق ماتېرىيال بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى تۇتۇش، بىر قولدا يۇمشاق ماتېرىيال مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى «قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش»تىن ئىبارەت تۆت ئەمەلنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.
سىياسەت جەھەتتە «قوشۇش ئەمىلى»نى قوللىنىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇردى؛ تەرتىپ جەھەتتە «ئېلىش ئەمىلى»نى قوللىنىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ مۇلازىمەت جەھەتتە «كۆپەيتىش ئەمىلى»نى قوللىنىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛ مەسىلە جەھەتتە «بۆلۈش ئەمىلى»نى قوللىنىپ، تەرەققىياتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، يېقىندىكىلەرنى خۇش قىلىدىغان، يىراقتىكىلەرنى جەلپ قىلىدىغان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت- سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.
سانجى ئوبلاستى «بىر قېتىم ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى بىلەن نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە چېتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىماسلىق، قىلمىشى يېنىكرەك بولسا جازانى كەچۈرۈم قىلىش ۋە «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش»نى ئومۇملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم تىجارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەرتى ۋە قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى. «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رەسمىيىتى تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىپ بېجىرىش + ماس قەدەملىك تەستىقلاش»نىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىنى بارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگىچە كېڭەيتىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.
سانجى ئوبلاستىدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھېكايىلىرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرماقتا. «تۆتنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسى» قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، شەھەرلەردە كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، خەلق تۇرمۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى نەتىجىلەر پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى بېيىتماقتا، بۇ يەنە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاست قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرەك بولماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)