ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) 5- ئاينىڭ 10- كۈنى، ھەر خىل قۇشلار ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا پەرۋاز قىلدى.
5- ئاينىڭ 10- كۈنى، قۇشلار ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا پەرۋاز قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
دۇنيا پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش 3- لىنىيەسىدىكى ھالقىلىق ئېكولوگىيە تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى يېقىندا ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك جانلىق مەنزىرىنى كۈتۈۋالدى. 4- ئايدىن بۇيان، قارنا، ئاققۇتان، كۆكقۇتان قاتارلىق نەچچە ئون خىل پەسىل قۇشى كۆپىيىش مەزگىلىگە كىردى، تېيىز ساھىل رايونىدىكى سۇ ئۈزۈۋاتقان ياۋا غازلار، توپ- توپ بولۇپ ئۇچۇۋاتقان ھاڭگىرت قۇشلىرى مەنزىرىسى شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى شەكىللەندۈردى.
5- ئاينىڭ 10- كۈنى، ساياھەتچىلەر ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا قۇشلارنى تاماشا قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ باغچە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى سىجىل ئەلالاشتۇرغان، پەسىل قۇشلىرىنىڭ تۈرى 2018-يىلىدىكى 159 خىلدىن ھازىرقى 198 خىلغا كۆپەيگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جاي پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشىدىكى «ئېنېرگىيە تولۇقلاش پونكىتى» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداشتىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، ئاممىغا «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلماقتا.
5- ئاينىڭ 10- كۈنى، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان تولۇق كۆرۈنۈشى.
5- ئاينىڭ 10- كۈنى ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشى.
5- ئاينىڭ 10- كۈنى، قۇشلار ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
5- ئاينىڭ 10- كۈنى، قۇشلار ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى چاتقاللىقتا توختىدى.