ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي
مەبلەغ راۋان بولسا، سودا گۈللىنىدۇ؛ سودا گۈللەنسە، ئىقتىساد جانلىنىدۇ.
ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە قويۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، ھەر تەرەپلىمە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىگە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىلدى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش سالمىقى زورايتىلدى
سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، كۆپ مىقدارلىق سودىنىڭ ئايلىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى يېڭى تۈسكە كىردى، سوغۇق زەنجىرلىك تۈرلەر ھازىر قىزغىن كەيپىياتتا ئىشلىنىپ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى؛ خېلى بۇرۇنلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تېز يوللانما مەركىزىدە ئاپتوموبىللار كىرىپ- چىقىپ تۇراتتى؛ جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گۈرۈلدەپ غەربكە قاراپ يول ئالدى...
2022- يىلى 7- ئايدا، دەل مۇشۇ جايدا، شىنجاڭدا كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ: سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولىنى تېز قۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. مەملىكەت بويىچە بەش چوڭ جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىغىلىش مەركىزى ئۈلگە قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەدرىجىي ھالدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرىگە ئايلاندى. مۇشۇ يەردىن يولغا چىققان شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزى بۇلتۇر بىر يىلدىلا 562 قېتىم قاتنىدى.
يىغىلىش مەركىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشى، پۇل مۇئامىلىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ − بۇ تۈر جەمئىي 470 مىليون يۈەن قەرز پۇلغا ئېرىشتى.
شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ۋاڭ كەي مۇنداق تونۇشتۇردى: سوغۇق زەنجىرلىك تۈرلەر 150 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىغا ئېرىشتى، تېز يوللانما مەركىزى 10 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىغا ئېرىشتى، پۇل مۇئامىلە مەدىتى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتى مال توپلاش رايونىنىڭ 1- قارارلىق 2- قارارلىق تۈرى، سوغۇق زەنجىرلىك تۈرى، ئاشلىق- ياغ سودا مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېز ئالغا سىلجىتتى، «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىجارىتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.
ئوخشاش بولمىغان تىجارەت سۇبيېكتلىرى، ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر، ھەتتا ئوخشاش بىر تۈرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالقىلىرىدا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جەزمەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.
سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىمپورت- ئېكسپورت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلىق مەھسۇلات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
«بىزنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىمىز ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى ھالەتلىرىنى قاپلاپ، كارخانىلارنى پۈتۈن زەنجىرلىك، يۈرۈشلەشكەن سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ»، دېدى جۇڭگو ئىمپورت- ئېكسپورت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى مەھسۇلات ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دىڭ يەنلىڭ.
رەنە بۇيۇمى يېتىشمەسلىك كۆپ ھاللاردا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدىكى بوغما ھالەت بولۇپ قالدى. ئۇچۇر جەمئىيىتىدە، سانلىق مەلۇمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇشتىكى ياردەمچى بولالايدۇ. چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ياردىمى بىلەن، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۆمۈريول تىرانسپورت ھەققى قەرزى بېرىش، ئامبار تالونىنى رەنىگە قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ كېڭەيتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
بۇ يىل 3- ئايدا، خۇاشيا بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى جۇڭگو تۆمۈريولى يۈك تىرانسپورت 95306 تور سۇپىسى ئارقىلىق مەلۇم كارخانىغا 4 مىليون يۈەن «تۆمۈريول تىرانسپورت ھەققى قەرزى» بەردى، مەبلەغ تۆمۈريول تىرانسپورت ھەققىنى تۆلەشكە نىشانلىق ئىشلىتىلدى.
بۇ مەھسۇلاتتىكى ئىجادىيلىق شۇكى، بانكا بۇ سۇپىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتىكى توشۇش تالونى، ماللارنىڭ توشۇلۇش ئىزى، راسچوت ئۇچۇرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى كىرېدىت ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىپ، «سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق قەرز سوممىسىنى بېكىتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
چېگرا سىرتىدا تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ كۆرۈلگەندە، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
بۇلتۇر 9- ئايدىن بۇ يىل 3- ئايغىچە، يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تولۇق ساھەلىك چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ئارقىلىق، چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئاۋمېن شۆبە بانكىسىدىن ئۈچ قېتىمدا جەمئىي 10 مىليارد 130 مىليون ياپونىيە يېنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىغا ئېرىشىشىگە كۈچ قوشتى.
«مەبلەغنى تارماق شىركىتىمىزنىڭ سودا چىقىمىغا ئىشلىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتۇق»، دېدى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى كاپىتال باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ شىگاڭ.
پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بايلىقنى ۋاقىت ۋە بوشلۇق ھالقىپ تەڭشەپ تەقسىملەش ئارقىلىق «مۇمكىن بولمايدىغان ئىش»نى «مۇمكىن بولىدىغان ئىش»قا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلەتتى.
راسچوت سۈرئىتى تېزلىتىلدى، سودىغا مەبلەغ سېلىش راۋانلاشتۇرۇلدى
مەبلەغ كىرىم- چىقىمى سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى «ئاچقۇچلۇق بىر سەكرەش». مەبلەغ كىرىم- چىقىم ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، سودا ۋە سېلىنما ئۈنۈمىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بانكا ئاپپاراتلىرى خەلق پۇلى ۋە تاشقى پېرېۋوت راسچوت مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، راسچوت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ دۇڭفاڭخۇڭ شوخلا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش دىرېكتورى خې تاۋتاۋ بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە: «چېگرا ھالقىغان كىرىم- چىقىم ئۈنۈمى خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر مەيلى خەلق پۇلى ياكى چەت ئەل پۇلىنى قوبۇل قىلىشتا بولسۇن، ئالدىن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ھاجەتسىز، مەبلەغ دەل ۋاقتىدا ھېساباتقا كىرىدۇ».
بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى شوخلا قىيامى پىششىقلاش ۋە ئېكسپورت قىلىش بولۇپ، خېرىدارلىرى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتكە تارقالغان. قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ مەدىتىدە، 1- پەسىلدە بۇ شىركەت 21 قېتىمدا خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 18 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان كىرىمنى ئىشقا ئاشۇردى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچىدىكى بانكا ئاپپاراتلىرى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. «ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار مال مۇلازىمەت سودىسىدا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى بېجىرگەندە ھەم كاپىتال تۈرىدىكى خەلق پۇلى چېگرا ھالقىغان كىرىمىنى چېگرا ئىچىدە چىقىم قىلىپ ئىشلەتكەندە، ئىشتىن بۇرۇن بانكىنى بىر- بىرلەپ كەسپىي تالون بىلەن تەمىنلەش ھاجەتسىز بولغاچقا، بېجىرىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقاردى»، دېدى جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى سودا بانكا بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىڭ.
راسچوتنىڭ قولايلىشىشى خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ كىرىم- چىقىم قىلىشتا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى بارغانسېرى ئاشۇردى. يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، بىناكارلىق ماشىنىلىرى، ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئېكسپورت قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىشتا پائال تۈردە خەلق پۇلىنى ئىشلىتىدۇ.
18%تىن %27كىچە، 2023- يىلى ۋە 2024- يىلى يېما گۇرۇھى خەلق پۇلى راسچوت مىقدارىنىڭ شىركەتنىڭ چېگرا ھالقىغان راسچوت ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇقىم ئاشتى. «ھازىر بارغانسېرى كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرى خەلق پۇلىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، بانكا راسچوت مۇلازىمىتىمۇ بارغانسېرى قولايلاشتى»، دېدى يېما گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چېن گاڭ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىسى، چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسىدا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم- چىقىمى 2023- يىلىدىكىدىن %310 ۋە %82 ئاشقان، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم- چىقىمى 2023- يىلىدىكىدىن %39 ئاشقان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ بانكا كەسپى يەنە تاشقى پېرېۋوت راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سودا تاشقى پېرېۋوتى كىرىم- چىقىمىنى كارخانىلارنىڭ بانكا پوكىيىگە بېرىپ بېجىرىشىگە توغرا كېلەتتى، ئالدى بىلەن كەسىپ ئىلتىماسى، توختام، تالون، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇراتتى، تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن بېجىرەلەيتتى، پۈتكۈل جەريانغا تەخمىنەن ئىككى سائەت كېتەتتى.
شىنجاڭ بانكا كەسپىدىكى تاشقى پېرېۋوت ۋە چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشتا تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىدىكى باشلامچى بانكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، تاشقى پېرېۋوتنى قولايلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى تۈزۈش، تۇنجى تارقىتىش ۋە كېڭەيتىشنى قانات يايدۇردى.
چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىش جەريانىدىكى ئاغرىق نۇقتىلارغا قارىتا، جۇڭگو بانكىسى «جۇڭگو بانكىسى چېگرا ھالقىپ پېرېۋوت قىلىش راۋان يولى» مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىمپورت پېرېۋوتىنى تولۇق ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش ھەم ئېكسپورت پېرېۋوتىنى سېكۇنت ئىچىدە ھېساباتقا كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«قولايلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار پەقەت پۇل پېرېۋوت قىلىش ئىلتىماسى سۇنسىلا بېجىرەلەيدۇ، تۈرلۈك تالونلارنى كارخانىلار تەكشۈرۈش ئۈچۈن ساقلاپ قويسىلا بولىدۇ؛ مەيلى پېرېۋوت قىلىپ كىرگۈزۈش ياكى پېرېۋوت قىلىپ چىقىرىش بولسۇن، مىنۇت- سېكۇنت ئىچىدە تاماملىغىلى بولىدۇ»، دېدى لى جىڭ.
بۇلتۇر 5- ئايدا، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى باشلامچىلىق بىلەن شىنجاڭدا تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ تۈر ئايرىمىسى بويىچە پەرقلىق تەكشۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، 1- تۈردىكى خېرىدارلارنىڭ كۆرسەتمە بويىچە تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، بۇ بانكا بېجىرگەن نۇقتىدا سىناق قىلىش كەسپى 2 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىپ، شىنجاڭ رايونىدا كەسىپنى كېڭەيتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمىنىڭ %90ىنى ئىگىلىدى.
«تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى كېڭەيتىش نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، بانكا بىز ئۈچۈن ماتېرىيال تەييارلاش ۋە بانكا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش ھالقىسىنى بىۋاسىتە قىسقارتىپ، كىرىم- چىقىم پېرېۋوتى ۋە مەبلەغنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى»، دېدى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان 1- تۈردىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانا شىنجاڭ رۇيئېنسېن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
مەبلەغنىڭ ئوبوروت سۈرئىتى − ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. راسچوتنىڭ قولايلىشىشى چەت ئەلگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئوبوروت ئۈنۈمىنى تېزلىتىپ، قاتراش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.
قوغدالدى ۋە مەدەت بېرىلدى، چەت ئەلگە ئالاقىدار خەۋپ- خەتەر تۈگىتىلدى
چىقسا شەرق شامىلى دېرەك بېرىدۇ خاسىيەتلىك يامغۇردىن، ئوڭ شامال، ئوڭ ئېقىندا يۈرەر كېمىلەر راۋان.
ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا پۇل ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇش خەۋپ- خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ؛ تاۋارنى ئېكسپورت قىلىش ئىناۋەت خەۋپ- خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ؛ چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىش شۇ جاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش خەۋپ- خەتىرى، تەبىئىي خەۋپ- خەتەر قاتارلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ.
كارخانىلارنىڭ خەۋپ- خەتەردىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىشمۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بىرى.
بىر قېتىملىق پايدا ئېلىش لىن گولياڭغا تاشقى پېرېۋوت ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ پايدىسىنى تونۇتتى. 4- ئاينىڭ ئاخىرى دەل ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىكى خېرىدارىغا خىمىيەۋى تالالىق رەخت تاپشۇرىدىغان ۋاقتى بولۇپ، قارشى تەرەپ 4- ئاينىڭ 30- كۈنى 500 مىڭ دوللار بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدى.
4- ئاينىڭ 23- كۈنى، قورغاس باۋتۇڭيۈەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لىن گولياڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسى قورغاس شەھەرلىك تارماق بانكىسىدىن بىر تاشقى پېرېۋوت قەرەللىك ھوقۇقى مەھسۇلاتى سېتىۋالدى. بۇ، ئۇنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تەننەرخىنى بېكىتىپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇش خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەردى.
بۇلتۇر 2- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇ بانكىدىن ئۇزاق قەرەللىك مەھسۇلات سېتىۋالغانىدى، بۇ ئۇنىڭ 3000 يۈەنلىك خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى داۋالغۇش زىيىنىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەردى. «4- ئاينىڭ 30- كۈنى بۇ مەبلەغ ھېساباتقا كىرمىگەچكە، مەن يەنە بىر ئۇزاق قەرەللىك كەسىپنى بېجىرىشنى پىلانلىدىم»، دېدى ئۇ.
بۇ دەل تاشقى پېرېۋوت ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ پايدىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بانكا كەسپى پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىش كەسپىنى تۇنجى بېجىرگەن خېرىدارلار دائىرىسىنى يەنە كېڭەيتىش، پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان خېرىدارلارنى يېتىشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش، پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىش بويىچە ھەقنى كېمەيتىش، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، چەت ئەلگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى.
پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىشتا، تاشقى پېرېۋوت ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىشتىن باشقا، يەنە چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىغا تايىنىشقا بولىدۇ.
«مەيلى ئىمپورت كارخانىلىرى بولسۇن ياكى ئېكسپورت كارخانىلىرى بولسۇن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ باھا ھېسابلاش ۋە راسچوت قىلىشتا، گەرچە توختام ئىمزالاش ۋە كىرىم- چىقىم قىلىش ئارىسىدا ۋاقىت پەرقى مەۋجۇت بولسىمۇ، پېرېۋوت نىسبىتى داۋالغۇش خەۋپ- خەتىرىگە دۇچ كەلمەيدۇ، چۈنكى پۈتكۈل جەرياندا خەلق پۇلى بىلەن چەت ئەل پۇلى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ھاجەتسىز»، دېدى لى جىڭ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بانكا كەسپى كۆپ يوللار ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىشتا خەلق پۇلى ئىشلىتىشنى كېڭەيتتى.
2024- يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بانكا كەسپىدە 1720 كارخانا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم- چىقىم كەسپىنى بېجىرگەن بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن 618 كارخانا كۆپەيدى، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى «تۇنجى بېجىرگەن كارخانا»دىن 655ى يېڭىدىن كۆپەيدى؛ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم- چىقىم ئومۇمىي سوممىسى 64 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
باشقا خەۋپ- خەتەرلەرگە نىسبەتەن، سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى دەل خەۋپ- خەتەرنىڭ تەۋرىنىشىنى پەسەيتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى پۈتۈن زەنجىرلىك سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ، كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلدى.
جۇڭگو خەلق مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ شىركەتنىڭ سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى يېتەرلىك، بۇ، كارخانا مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى، قۇرۇلۇش سۇغۇرتىسى، 3- تەرەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى، تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈردىكى 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«مەھسۇلاتىمىز تۈر يولغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىدىكى، ئوتتۇرىسىدىكى، ئاخىرىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى قاپلىيالايدۇ ھەمدە يەنە ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، كارخانىلارنىڭ خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ»، دېدى جۇڭگو خەلق مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئاپپارات كەسپى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پەرۇق پەرھات.
شىنجاڭ دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىش بولۇپ، «ئالدىن پۇل تۆلەش + نېسى قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، سودىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، موڭغۇلىيە دۆلىتى، پاكىستان قاتارلىقلارنى قاپلىدى. بۇلتۇر، بۇ شىركەت ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشقا باشلىدى.
«بىز نېسى قىلغان پۇلنى قايتۇرۇپ كېلەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ، ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى سېتىۋالدۇق. ئەگەر خېرىدار ۋاقتىدا پۇل تۆلىمىسە، سۇغۇرتا شىركىتى بىزگە تۆلەم بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بىزنىڭ غەم- ئەندىشىمىز تۈگەپ، ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىشىمىز تېزلەشتى»، دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەملىكەت سىرتى ماركېتىڭ تىجارەت بۆلۈمى سودا ئاپتوموبىلى بۆلىكىنىڭ دىرېكتورى فەن گۇاڭشىن. 1- پەسىلدە، بۇ شىركەت 108 ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %184 ئاشتى.
پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى كارخانىلارنىڭ خەۋپ- خەتەردىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم، يۈرەكلىك ھالدا سىرتقا چىقىش، غەربكە ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.