2025- يىللىق جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
11:36:15 2025-05-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، خۇەي جىنپېڭ سۆز قىلدى   زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، 2025- يىللىق جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورتاق كېڭەشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ، بېلارۇسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئىۋانېتس، قازاقىستان ئىلىم- پەن ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نۇربېك، ئۆزبېكىستان ئالىي مائارىپ، ئىلىم- پەن ۋە يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شەرىپوف يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۆتكۈزۈش باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، بۇ، مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مېخانىزمى رامكىسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «يىپەك يولى روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرلىكلەر ئارا ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

 خۇەي جىنپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپ مەيدان مائارىپ خەلقئارا مۇنبىرى، يىغىنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالىي مەكتەپلەر يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش- ساغلاملىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، يېتىشتۈرۈش تۈرى تەسىس قىلىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپ خىل ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە، كەڭ رېئال ئېھتىياجغا، پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىشتا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنى مېخانىزمىنىڭ ياردىمى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەر مائارىپ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان قويۇق ھەمكارلىقنى پائال كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

 شىنجاڭ داشۆ، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكا داشۆسى، قىرغىزىستان ئوش دۆلەتلىك داشۆسى، دۆلەت ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 يىغىندا، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئالىي تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى.

 يىغىندىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي، خۇەي جىنپېڭ قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار «جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش . شىنجاڭدا ئۆگىنىش» بويىچە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە كۆردى، «جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش» داڭلىق ماركا ئوبرازى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا گۇۋاھ بولدى ھەم جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

 ئىران ئىلىم- پەن، تەتقىقات ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ساراف، قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بېيسىمبايېف، قىرغىزىستان مائارىپ ۋە ئىلىم- پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كېنجىربايېۋا، تاجىكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم- پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەئىدزادە، تۈركمەنىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قۇربانگەردىيېف، رۇسىيە ئىلىم- پەن ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى موجىلېۋسكى، رۇسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى كورنېيېف قاتارلىق چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىنغا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ يەن رىياسەتچىلىك قىلدى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭيەن، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار يەنە ئېنېرگىيە، ئىختىساسلىقلار، يېزا ئىگىلىكى، ساغلاملىق، خەلقئارا جۇڭگو تىل- يېزىقى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىر قاتار مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125