«بىز بۇ يەردە بەك كۆپ ھاياجانغا چۆمدۇق»
11:40:38 2025-05-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ھېكايىسى (2)

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، يەن شياۋتيەن

 قۇملۇق شامىلى كەڭ دالىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، ئاسمان خىرەلىشپ كەتكەنىدى. 5- ئايدا، كەڭ تۇپراق كۆكەرگەن پامىر ئېگىزلىكىدە، يەنىلا تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان قۇم- بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى.

 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسىدا، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى ۋاڭ پېڭفېي، مەمەتئىمىن قۇدرەت، لى كېفەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ دەرس پىلانىنى مۇھاكىمە قىلدى.

 «بىز چاڭ- توزانغا كۆنۈپ قالدۇق. ھەپتە ئاخىرىدا ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ھاۋانىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز بىر بولسا بىرلىكتە ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئويلىنىمىز، بىر بولسا بالىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئائىلە زىيارىتى قىلىمىز.» شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ پېڭفېي مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن بۇيان، پىدائىيلار ئېگىزلىكتە قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىق، بوران- چاپقۇن، قار- شىۋىرغانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ھېچكىم چېكىنمىدى، ھەممىسى مۇلازىمەت مۇددىتى توشقىچە چىڭ تۇرۇپ ئاندىن ئايرىلدى.

 شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى شېيىت كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاتۇش شەھىرىدىكى چېگرا بويىدىكى كەنتلەرنىڭ بىرى، چېگرا لىنىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 47 كىلومېتىر كېلىدۇ. 2022- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن داشۆ پۈتكۈزگەن ئۈچ تۈركۈمدىكى 54 كىشى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللىدى. بىر تۈركۈم پىدائىيلار مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇپ ئايرىلسا، يەنە يېڭى بىر تۈركۈم پىدائىيلار قوشۇلدى، نۆۋەتتە مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى 23 كىشى بۇ يەردە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

 2022- يىلى 8- ئايدا، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مەكتەپنى ھۆددىگە ئېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشتە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان تۇنجى مەكتەپكە ئايلىنىپ، بارلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىردەك پىدائىيلار ئۈستىگە ئالدى. ئۈچ يىلدا، تۈركۈم- تۈركۈم ياش پىدائىيلار پامىر ئېگىزلىكىدە ياشلىق باھارىنى بېغىشلاپ، چېگرا كەنتتىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ قوشتى.

 «بىز بۇ يەردە بەك كۆپ ھاياجانغا چۆمدۇق»، دېدى پىدائىي گاۋ چاۋ.

 سەنشىدىن كەلگەن گاۋ چاۋ 2023- يىلى 8- ئايدا شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، نۇرغۇن سىنىپنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىغا مەسئۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىنىپ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالدى.

 «يېڭىدىن دەرس ئۆتكەن ۋاقتىمدا، بالىلار مەندىن سەل ياتسىرىدى، كېيىن قايتا- قايتا ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، بىز يېقىنلىشىپ كەتتۇق.» ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2- يىللىقنى يېتەكلىگەن ۋاقتىمدا، مەمەتئەيسا رېسىبېك ئىسىملىك بىر بالىنىڭ ماتېماتىكىدىكى ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، تىل- ئەدەبىيات ئاساسى ئاجىز بولغاچقا ماتېماتىكا سوئاللىرىنى چۈشىنەلمەي، نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى بىلدىم.

 مەمەتئەيسانىڭ نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، گاۋ چاۋ ئۇنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسىگە قاراتمىلىق ھالدا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، مەمەتئەيسانىڭ تىل- ئەدەبىيات نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ماتېماتىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى. بىر قېتىم، مەمەتئەيسا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، ئەتىگەندىلا گاۋ چاۋ بىلەن يەنە بىر ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەپ كېلىپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ تەكلىپ قىلغانلىقىنى يەتكۈزدى: «ئاتا- ئانام سىلەرنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىردى!» ئاتا- ئانىسىغا ئاۋارىچىلىك يەتكۈزمەسلىكنى ئويلىشىپ، گاۋ چاۋ بىلەن يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بۇنى سىلىق رەت قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، مەمەتئەيسا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئىنتىزارلىق بىلەن داۋاملىق كۈتتى، ئىككىيلەن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، مېھمان بولۇشقا بېرىشقا قوشۇلدى. مۇئەللىمنىڭ ماقۇل بولغانلىقىنى كۆرۈپ، مەمەتئەيسا ھاياجانلانغىنىدىن سەكرەپ كەتتى، ئۇ سومكىسىنى كۆتۈرۈپلا ئۆيىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئاتا- ئانىسىغا خەۋەر قىلماقچى بولدى. «شۇ دەقىقىدە، كۆز چاناقلىرىمدىن تۇيۇقسىز ياش ئەگىدى»، دېدى گاۋ چاۋ.

 مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران 24 ياش بولۇپ، كۆپىنچىسى ئەمدىلا داشۆ پۈتكۈزگەنلەر ئىدى. ئۇلار كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى چاقچاق قىلىپ: «بۇ بىر توپ بالىلار بالىلارغا دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ» دېيىشتى.

 «بالىلار» قانداق قىلغاندا «ياخشى بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقالايدۇ؟ مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەترەت ئەزالىرى ھەر كۈنى ئوقۇتۇش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەسىراتى ۋە ھېكايىلەرنى ھەمبەھرىلىدى.

 ئوخشاشلا پىدائىي بولۇۋاتقان ۋاڭ يىجى مۇئەللىمنىڭ ھېكايىسى 2023- يىلى 8- ئايدا جىنجۇڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىدىن كەلگەن لى لېينىڭ ئېسىدە ھېلىھەم بار ئىدى. 

 ۋاڭ يىجى تۆۋەن يىللىقنى يېتەكلەۋاتقان چېغىدا، سىنىپتىكى بىر بالىنىڭ يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاددىي ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بىر قېتىم تاپشۇرۇق تەكشۈرگەندە، ئۇ بالىنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بايقاپ، بىر قاپ سۈتنى مۇكاپات سۈپىتىدە بەردى. سۈتنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بالا مۇنداق دېدى: «مۇئەللىم، قاپلىق سۈت ئەسلىدە شۇنداق تاتلىق ئىكەن...»

 «بۇ ئىش بىزگە نەتىجىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى.» لى لېي مۇنداق دېدى: شۇنىڭدىن كېيىن، كۆپچىلىك ھەربىر بالا ئۈچۈن ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە ئۆگىنىش تەپسىلاتىنى خاتىرىلىدى ھەم ۋاڭ يىجىنىڭ ئۇسۇلىنى تەقلىد قىلدى: ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك، ئوقۇش قوراللىرى، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ مۇكاپاتى قىلدى. «مېنىڭ ئەڭ كۆپ سېتىۋالغىنىم رەڭلىك قەلەم بولدى، باسسىلا باشقا رەڭگە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بالىلار ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.» لى لېي 4- يىللىققا تىل- ئەدەبىيات دەرسى بېرىدۇ، ئۇ يېتەكلىگەن سىنىپ ئىلگىرى پۈتۈن شەھەردىكى 63 باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىدە تىل- ئەدەبىيات مەۋسۇملۇق بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا 3- ئورۇندا تۇرغانىدى.

 پىدائىيلارنىڭ ئەجرىنى كەنت ئاھالىلىرى كۆردى، ھەم قەلبىدە ساقلىدى.

 «يېڭى كەلگەندە، ئاتا- ئانىلار بىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىمىزدىن گۇمانلاندى»، دېدى يۈنچېڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىدىن كەلگەن پىدائىي لەن جياخۇي. 

 ئۇ 2023- يىلى 8- ئايدا ئىش ئورنىغا كېلىپ، 3- يىللىقنىڭ ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆتكەندە، كۆپچىلىك بىلەن بىللە «قوي باققاندا قوينى ساناش» «يەرنى بۆلۈپ كۆكتات تېرىش» قاتارلىق تۇرمۇش ئەمەلىي مىساللىرى ئارقىلىق بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ، «بىرگە بىر» يار- يۆلەك بولۇش ۋە ئالقىشلاش مائارىپى ئىدىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىنىپنىڭ ماتېماتىكا ئوتتۇرىچە نومۇرىنى 16 نومۇردىن 70 نەچچە نومۇرغا ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى 63 باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى.

 «نەتىجە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاتا- ئانىلار خاتىرجەم بولدى.» لەن جياخۇي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىر قېتىم مەن دەرس سۆزلىگەندە ئىشلىتىدىغان ئاۋاز كۈچەيتكۈچنى تاپالماي، ئاۋازىم پۈتۈك ھالدا دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئوقۇغۇچۇم ئاقىلئاي كەنجاخۇن ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن مومىسىغا ئېيتىپتۇ، موماي دەرھال ئاقىلئاينىڭ ئاتا- ئانىسىغا توردىن ئاۋاز كۈچەيتكۈچتىن بىرنى سېتىۋېلىشنى بۇيرۇپتۇ. «ئاۋاز كۈچەيتكۈچنى ئەكىلىپ بەرگەندە، ئۆزۈم سېتىۋالغىنىممۇ يېتىپ كەلگەنىدى، لېكىن ئاقىلئاي ماڭا قوبۇل قىلىڭ دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىپ: <مۇئەللىم، ئاۋازىڭىز پۈتۈپ قالسىمۇ يەنە دەرس سۆزلىسىڭىز كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدىكەن>، دېدى، قاتتىق تەسىرلەنگىنىمدىن شۇ چاغدا كۆز چانىقىم نەملەشكەنىدى».

 شېيىت كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى پىدائىي ئوقۇتقۇچىلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتئەيسا تۇردى مۇنداق دېدى: شېيىت كەنتىدە بۇ بىرقانچە يىلدا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولدى، 2024- يىلى كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 600 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشى كىرىم 19 مىڭ 484 يۈەنگە يېتىپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. «تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، كۆپچىلىك ھەمىشە كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەشنى ئويلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆيگە مېھمان بولۇشقا پات- پات تەكلىپ قىلدۇق، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار ھەمىشە بىزگە پۇل تېجەپ بالىلارنى كۆپرەك سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى، بالىلار كەلگۈسىدە داشۆدە ئوقۇسىمۇ پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى».

 «بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن، يۇرتداشلار بىلەن بولغان ھېكايىمىزنى سۆزلەپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، مەن كامېرا ئارقىلىق بۇلارنى خاتىرىلەيمەن.» سۈرەت تارتىشقا قىزىقىدىغان پىدائىي يەن زېفېڭ مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە، بۇ سۈرەتلەر بىزنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىمىز بولۇپ قالىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125