شىنجاڭ 16 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق تۇنجى دۇكان، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ
12:22:38 2025-05-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىكتە «تۇنجى دۇكان، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، 16 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇنجى دۇكان، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادىنى تۇتقا قىلىپ، ئىستېمال يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، رايون ئىستېمال بايلىقى توپلاشقان جاي بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىدىكەن.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى سىياسەت پايدىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارچە سېتىش، يېمەك- ئىچمەك، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپ ھالىتىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ماركىلىق تۇنجى دۇكان، پۈتۈنلەي يېڭى بايراقدار دۇكان كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تۇنجى يارىتىش، تۇنجى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، توپلاشقان، خاسلاشقان تۇنجى دۇكان ئىقتىساد چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم ئىستېمال دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن يېڭى يەر بەلگىسىنى يېتىلدۈرىدۇ.

«پىكىر»دە يادرولۇق قوللاش يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئورۇن تاللاش ئېھتىياجى بولغان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى دۇكان ئېچىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ؛ سودا تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ داڭلىق ماركىلىق تۇنجى دۇكاننى كىرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ؛ كۇرسلۇق ماركا كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى دۇكان ئېچىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ؛ كۇرسلۇق ماركا يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى تۇنجى يارىتىش، تۇنجى كۆرسىتىشكە مەدەت بېرىلىدۇ؛ «كونا داڭلىق ماركا» داڭلىق دۇكانلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەدەت بېرىلىدۇ؛ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ھەرقايسى بۆلەك رايونى ۋە نۇقتىلىق سودا چەمبىرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق سودا تىجارەت سودىگەرلىرى (باشلامچى مال سېتىۋېلىش مەركىزى)نى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ؛ مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى، قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق جايلاردا تۇنجى دۇكان ئېچىش، مەھسۇلاتلارنى تۇنجى كۆرگەزمە قىلىش، نومۇرلارنى تۇنجى قويۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ؛ سودا كوچا رايونى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە ئۆي ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، سۇ، توك، گاز ھەققىگە ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى قوللىنىلىپ، خاس كىچىك دۇكانلارنىڭ ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى پائال جەلپ قىلىشقا مەدەت بېرىلىدۇ؛ كۇرسلۇق ماركا كارخانىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە پائالىيىتىگە قاتنىشىشى يېشىل يول بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ كۇرسلۇق ماركا كارخانىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق توردا يېڭى مەھسۇلاتلارنى تۇنجى يارىتىشىغا مەدەت بېرىلىپ، توردا ئېلان قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

«پىكىر»دە يەنە ئىمپورت تاۋارلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا تۇنجى يارىتىلغان ئىمپورت ئىستېمال بۇيۇملىرى بويىچە تەكشۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرى باشلامچىلىق بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، لاياقەتلىك بولۇشنى باھالاش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پەرقلىق تەكشۈرۈش ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125