جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى
11:33:02 2025-05-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا) 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن نەق مەيدانىدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى، بۇ ئىتتىپاق دىققەتنى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا» ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قوللىشىدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش ئىتتىپاقى جۇڭگو مائارىپ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسى، تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ باشچىلىقىدا، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 70 نەچچە ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلدى. ئىتتىپاق كەسپىي كومىتېتلارنى ئايرىم تەسىس قىلىپ، ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تۇنجى تۈركۈمدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، قاتناش- تىرانسپورت، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، سودا ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئالتە كومىتېت تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى.

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، بايلىقنى مۇجەسسەملەپ، مېخانىزمنى تۇتۇپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلارنى ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىشقا تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىتتىپاق «1231» قۇرۇلۇشىنى كونكرېت يولغا قويىدۇ، يەنى ئىتتىپاقنىڭ «بىر ئاساسىي گەۋدە» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىقى رەقەملىك سۇپىسى»، «شىنجاڭ كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قەرەللىك ئۇچرىشىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى»دىن ئىبارەت تور ۋە تور سىرتىدىكى «ئىككى سۇپا»نى بەرپا قىلىپ، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل تۈر»نى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش داڭلىق ماركىسىنى «بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ» يۇغۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، رايون ھەتتا دۇنيا بويىچە خەلقئارالاشقان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈلگىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تېخنىكا مەدىتى ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125