ئېركەش قۇرمانبېك
ۋاقىت چېپىۋاتقان تۇلپار كەبى ئۆتمەكتە، ئاپتونوم رايون پات ئارىدا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت مۇھىم پەيتنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ 70 يىلنى ئەسلىسەك، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ماددىيلىقتىن مەنىۋىيلىككىچە، يېزا- كەنتلەردىن شەھەرلەرگىچە، ھەربىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلارغا تەرەققىيات ئىزلىرى نەقىشلەندى. مەن بۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلگەن يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى داۋامىدا، ئىجادىيەتتىن ئۈزلۈكسىز ئوزۇق ئېلىپ، روھىي جەھەتتە قېتىم- قېتىملاپ ئۆزگىرىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشنى تاماملىدىم.
ئالدىنقى كۈنلەردە AI بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. مەن ئازراق چاقچاق تەلەپپۇزىدا ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىقتىدارىغا بولغان ھەيرانلىقىمنى ئىپادىلىگىنىمدە، ئۇنىڭ «مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىم بولمايدۇ، مەندە تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈش بولمايدۇ» دېگەن سۆزى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مېنى سەگىتتى. بۇ مېنى شۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشەندۈردىكى، ھارارەتكە ئىگە يېزىقنى ھامان ئادەم يازىدۇ، چۈنكى يېزىققا ئادەمنىڭ روھى، ھېسسىياتى ھەمدە ئۆزگىچە يەرلىك تەجرىبىسى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يەنە ماڭا «مېنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ھېكايەم»نى ئەسلەتتى، بۇ باش تېما رايون ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى، كۈرەش قىلغانلىقى، ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى.
مەن شىمالىي شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىمالىي شىنجاڭدا چوڭ بولغان، بۇ تۇپراقتىكى تاغ- دەريالار، يەر شەكلى، تەبىئىي مۇھىت ۋە ئۆرپ- ئادەت مېنىڭ قان- قېنىمغا بالدۇرلا سىڭىشىپ كەتكەن. مېنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىمدا، نەسرلىرىمدىن رومانلىرىمغىچە، كىنو- تېلېۋىزىيە سېنارىيەلىرىمگىچە ئەسەرلىرىم باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتىن ئايرىلىپ باقمىدى. «ئاقسۇئات» ناملىق روماننى مىسالغا ئالساق، مەن ئەدەبىي ئۇسلۇب ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى «ماددىي يېزا- كەنت» ۋە «مەنىۋى يېزا- كەنت»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ ھەم چوڭقۇر تېمىنى ئىنچىكە نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلماقچى بولدۇم.
70 يىلدا، شىنجاڭ يېزا- كەنتلىرىنىڭ ماددىي قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ئەسلىمەمدىكى يېزا- كەنت كىچىك كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ، دېھقانلار ھويلىسى، كىگىز ئۆي، ئوتلاق ۋە قوي- كالىلار توپ- توپ يۈرگەن سەھرا مەنزىرىسىدىن ئىبارەت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى يېزا- كەنتلەرنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدى، ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى بىرتۇتاش رەتلىك سېلىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئادەم بىلەن چارۋا ئايرىۋېتىلگەن ئىلمىي باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئومۇملاشتۇرۇلدى، بىر قىسىم يېزا ئۆيلىرى يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. لېكىن مېنىڭچە، تاشقى جەھەتتىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا- كەنتلەرنىڭ مەنىۋى ئىچكى يادروسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سىرتقى كۆرۈنۈشكە يوشۇرۇنغان ئاشۇ مەدەنىيەت، ھېسسىيات ۋە قىممەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
«مەنىۋى يېزا- كەنت» شېئىرىي تۈس ۋە پەلسەپەۋى مەنىگە تولغان ئۇقۇم، ئۇ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يىلتىزلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا دېھقانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىدىكى ئېتىكا، ئەخلاق قاتارلىق كوللېكتىپ ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن. دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان بۇ تۇپراقتا، «مەنىۋى يېزا- كەنت»لەر بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەتنى ياد ئېتىش ۋە ئۇنى قوغداشتىكى ۋاسىتىسىگە ئايلاندى، بۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى، جەمەت رىشتىنىڭ باغلىنىشى، تەبىئەتتىن ئەيمىنىش تۇيغۇسى ھەم ئاستا رىتىملىق تۇرمۇشقا بولغان ھېسسىيات يۆلەنچۈكى.
«ئاقسۇئات»نى ئىجاد قىلغاندا، مەن شىنجاڭ تۇرمۇشىدا ھېس قىلغان ئىللىق كىشىلىك ئالاقە، قويۇق ئائىلە كەيپىياتى ھەم ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان مەنزىرىنى بەدىئىي ماھارەت ئارقىلىق جانلىق ھېكايە ۋە جانلىق ئوبرازلارغا ئايلاندۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئارقىلىق ئۆز تەسىراتىمنى، بولۇپمۇ ساددا ئىنسان تەبىئىتى، تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت ئاشۇ خىل مەنزىلنى ئىپادىلىدىم.
«مەنىۋى يېزا- كەنت»لەرگە يەنە كىشىلەرنىڭ تۇپراق، دۆلەتكە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە سالاھىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى مۇجەسسەملەنگەن. روماندىكى «قىزىل» ئىسىملىك ئات غەربىي قۇتۇپ دۇلدۇلىنىڭ ئەۋلادى، ئىلگىرى يەنە ھەربىي ئات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئوراي ئېسىن بىلەن بولغان تەقدىرى، شۇنداقلا بىرنەچچە باش قەھرىمان، ئاقسۇئات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇ خىل تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە سالاھىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇر ئىپادىلەپ بەرگەن. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقتا يۇرتقا بولغان بۇ خىل مۇھەببەت ۋە ئۆز سالاھىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم مەنىۋى تۈۋرۈك.
شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تاغ- دەريالىرى بىز يازغۇچىلارنى پۈتمەس- تۈگىمەس ئىجادىيەت بۇلىقى بىلەن تەمىنلىدى. «مەنىۋى شىنجاڭ» بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەۋرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ. ماددىي جەھەتتىكى تەرەققىياتقا ئىنتىلىش بىلەن بىللە، بىز ھەر مىللەت يازغۇچىلار ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ئەدەبىياتى ئارقىلىق روھنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئاشۇ مەڭگۈلۈك قىممەتنى قوغدايمىز، تەپەككۇرىمىزدىكى سېپىل خەندىكىنى ساقلايمىز، بۇ، بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز.
كەلگۈسىدىكى كۈنلەردە، مەن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، قولۇمدىكى قەلەم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ ھېكايىلەرنى يېزىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۆرۈپ يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭى ئۈچۈن ھارارەتكە تولغان ئەدەبىيات جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمەن.