دۇڭجەي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنياڭ شەھىرى لوشەن ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇب ۋە شىمالدىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشىدىكى مۇھىم يول. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ياۋا قۇشلار ماكانلىشىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇڭجەيدە 300 خىلدىن ئارتۇق قۇش تۈرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قىزىل ئىبىس، سېرىق بۈركۈت ۋە ئاق تاجلىق ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار، يەنە بۈركۈتسىمان مۈشۈكياپىلاق، ئالىباش بايقۇش قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان تۈرلىرى بار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇشلارنى سۆيۈش، قۇشلارنى قوغداش كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى. دۇڭجەي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ ياخشى ئېكولوگىيە- مۇھىتى، مول، كۆپ خىل تەبىئىي بايلىقى قۇشلارنىڭ ياشىشى، كۆپىيىشى، ئوزۇق ئىزدىشىنى كۆڭۈلدىكىدەك جايغا ئىگە قىلدى. (شى جيامىن فوتوسى)
خېنەن لوشەن: قۇشلارنىڭ شادلىق باغچىسى
18:39:31 2025-05-14
تىيانشان تورى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义