​9- نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
11:37:18 2025-05-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، خۇەي جىنپېڭ، جانىش كائىن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

5- ئاينىڭ 13- كۈنى، 9- نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قارشى ئېلىش سۆزى قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  5- ئاينىڭ 13- كۈنى، 9- نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»غا ئەمەل قىلىپ، كەلگۈسى مائارىپ ھەمكارلىق تەرەققىيات كېلەچىكى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مائارىپ چوڭ ئائىلىسى بەرپا قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مائارىپ كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جانىش كائىن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى.

 بېلارۇسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئىۋانېتس، ئىران ئىلىم- پەن، تەتقىقات ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ساراف، قازاقىستان ئىلىم- پەن ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نۇربېك، قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بېيسىمبايېف، قىرغىزىستان مائارىپ ۋە ئىلىم- پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كېنجىربايېۋا، ئۆزبېكىستان ئالىي مائارىپ، ئىلىم- پەن ۋە يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شەرىپوف، تاجىكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم- پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەئىدزادە، رۇسىيە ئىلىم- پەن ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى موجىلېۋسكى، رۇسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى كورنېيېف يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى مېھمانلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا جەم بولۇپ، مائارىپ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش- ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش- سىغدۇرۇشچان بولۇش- ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئىبارەت يېپيېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ياراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مائارىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت- پەن- مائارىپ مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىمىز، بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مائارىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 خۇەي جىنپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ماكانىنى ئورتاق قۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر «ئاستانا خىتابنامىسى» ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مائارىپ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم ئورتاق ئىلگىرىلەش ۋە گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان جۇڭگو مائارىپى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەندىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى ۋە تىرەك بولدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش ئۆزگىرىشىگە پائال قۇچاق ئېچىپ، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ئاساسىنى ۋە دۇنياۋى مائارىپقا بولغان ئالاھىدە تۆھپىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو مائارىپى باشتىن- ئاخىر ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇردى، بۇ نۆۋەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مائارىپنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىق يېڭى ساھەسىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 جانىش كائىن جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىش ئارقىلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالاقىدار ھەمكارلىق پىلانلىرى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر داشۆلىرىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە تايىنىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك.

 ئارقىدىن، ھەرقايسى دۆلەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپ مەخسۇس خادىمى ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلىپ، 8- نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى مۇھىم ئىسلاھاتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر داشۆلىرى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىنىڭ خاتىرىسى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر داشۆلىرىنىڭ رەقەملىك مائارىپ تەرەققىيات پىلانى»، 15- نۆۋەتلىك «مائارىپنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق» تېمىسىدىكى مائارىپ ھەپتىلىكىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى قاراپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 9- نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچى تەشەببۇسى ۋە قوشما ئاخباراتىغا قاراپ چىقتى. ھەرقايسى تەرەپلەر 10- نۆۋەتلىك يىغىننىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، بېلارۇسىيەنىڭ 10- نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشىغا قوشۇلدى.

 تۈرلۈك قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەر 9- نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ خاتىرىسىنى ئىمزالىدى.

 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دوكتور تەربىيەلەش- يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى يىغىندا يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى.

 يىغىنغا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ يەن رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ۋەكىللىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125