ئېتىزلار ۋاڭخۇڭ مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلانغاندا
11:51:07 2025-05-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە 

 5- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچقۇرۇن، كەچكى شەپەق نۇرى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاۋبىشەن يېزىسى پىڭدىڭشەن كەنتىدىكى ئون مىڭ مولۇق بىنەم يەرگە چېچىلغاندا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئېكرانىدا تارتىلغان كۆرۈنۈش بىر پارچە تەبىئىي ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايتتى − قېنىق يېشىل رەڭلىك كۈزگى بۇغداي، يۇمران ۋە يېشىل يازغى بۇغدايلار يۇلتۇزدەك تارالغان قوڭۇر رەڭلىك پۇرچاق مايسىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ رەتلىك كەتكەن رەڭدار پارچىلارنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى پۈتۈن ئېتىزلىققا بىر قەۋەت خىيالىي نۇر ھالقىسى قوشقانىدى.

 «نېمىدېگەن گۈزەل!» «بۇ چاغدا كۈن نۇرى تازا ياخشى چۈشىدىكەن!» «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى. يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىلىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ماختىشىپ كەتتى.

 ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بۇ بىنەم يەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ساياھەتچىلەر بەس- بەستە داكا قىلىدىغان ۋاڭخۇڭ مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى.

 مورى ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، يامغۇر سۈيىدە تېرىقچىلىق قىلىنىدىغان تىپىك يېزا ئىگىلىك رايونى. بۇ جاينىڭ تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلىرىدىكى ئون مىڭ مولۇق بىنەم يەر دېھقانچىلىقىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ئۇزاق يىللار داۋامىدا، تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىچە بىنەم يەر تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن. ناھىيە بويىچە بىنەم يەر تېرىقچىلىقى قىلىنىدىغان ئېتىز كۆلىمى 440 مىڭ مو كېلىدۇ. جاۋبىشەن يېزىسى پىڭدىڭشەن كەنتى ئون مىڭ مولۇق بىنەم يەرنىڭ يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتا. بۇ جاينىڭ ھاۋاسى يېقىشلىق، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغان يىللاردىمۇ ئەگرى- توقاي جىلغىلاردىن ئېتىلىپ چىققان بۇلاق سۇلىرى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

 ئىلگىرى، بۇ جايدىكى كىشىلەر ئاساسلىقى نوقۇت، كۆك پۇرچاق، بۇغداي قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلىپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرەتتى.

 يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مورى بۇ يەرنىڭ قىممىتىگە قايتا قاراپ چىقىشقا باشلىدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بۇ بىنەم يەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە غايەت زور ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى − پەسىلنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكى ئېلىپ كەلگەن رەڭ ئۆزگىرىشى ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن، «يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش» يادرو قىلىنغان تىپ ئۆزگەرتىش بۇ جايدا قانات يايدۇرۇلدى.

 قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلاندى. مورى بەنشەن ساياھەت تاشيولىنىڭ پىلانلاپ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇ تاشيول جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايوندىكى تۆت يېزا- بازاردىكى 13 كەنتكە بارىدىغان يوللارنى زىچ تۇتاشتۇرۇپ، كىچىك، ئوتتۇرا، چوڭ ئۈچ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئايلانما لىنىيەسى پىڭدىڭشەندىكى ئون مىڭ مولۇق بىنەم يەرنى يادرو قىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ قالتىس جايغا ئاسانلا يېتىپ بارالايدۇ.

 بەنشەن ساياھەت تاشيولى يەنە 12 مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ، ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقساق، يول بويىدىكى سىداۋگوۋ خارابىسى، ماچۈەنۋەن مەنزىرە رايونى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بىر- بىرلەپ كۆزگە چېلىقىدۇ، بۇ، مورىنىڭ ساياھەت جەھەتتىكى قولايلىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

 «تاشيول لىنىيەسىنى بويلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان 325 ساياھەت كۆرسەتمە تاختىسى، 34 يول بويىدا توختاش بېكىتى، سەككىز مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ساياھەتچىلەرنى ناھايىتى زور قولايلىق بىلەن تەمىنلىدى، ساياھەتچىلەرنى سەپەر جەريانىدا ھەممىلا جايدا سەمىمىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، يەنە نۇرغۇن ساياھەت خۇشاللىقى قوشتى»، دېدى مورى جىنپۇ چۈەنيۈ مەدەنىيەت- ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ تۇڭ.

 «بەنشەن تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇلتۇر پۈتۈن يېزا بۇ تاشيول ئارقىلىق ئۆتكەن 150 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ يىل 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار»، دېدى جاۋبىشەن يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ماقبال شەرىپقان.

 تاشيولنىڭ ياسىلىشىغا ئەگىشىپ، پىڭدىڭشەن كەنتىمۇ ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. 2020- يىلىدىن باشلاپ، شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، يېزا- كەنت ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، پەقەت پىڭدىڭشەن كەنتىدىلا تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە ئىگە توققۇز ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە توققۇز دېھقانلار ئارامگاھى بار.

 بۇ ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ خاسلىقى روشەن بولۇپ، بەزىلىرى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا تايىنىپ بۇلۇتلارغا تۇتاشقان بۇغدايلىق مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئىشىكتىن چىقماي تۇرۇپلا ئونمىڭ مولۇق بىنەم يەرنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ بەزىلىرى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ۋە رەسىم سىزىش سەنئەتكارلىرىنى خاسلىققا ئىگە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

 «يېزا- كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئۇل ئەسلىھە ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر چوقۇم يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا ساياھەتچىلەر كەلگەندە گۈزەل مەنزىرىلەر ئىچىدە خۇشال ئوينىيالايدۇ ۋە راھەت تۇرالايدۇ». ماقبال مۇنداق دېدى: پىڭدىڭشەن كەنتىدىكى ئون مىڭ مولۇق بىنەم يەرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى بۇ كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئەتراپتىكى كەنتلەر ئۈچۈنمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش رولىنى ئوينىدى.

 شۇاڭۋەن كەنتى دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. شۇاڭۋەن كەنتى پىڭدىڭشەن كەنتى بىلەن قوشنا بولۇپ، ئون مىڭ مولۇق بىنەم يەرگە ھۆسن قوشۇش ئۈچۈن، كەنتتە شۇاڭۋەن كەنتى رەڭدارلىقتىن ھۇزۇرلىنىش، ئۈزۈش بازىسى بەرپا قىلىندى.

 «ئىلگىرى كەنتتە نەچچە ئون مو يەرگە بەيخې گۈلى ۋە ساۋمېي تېرىلغانىدى، بۇلتۇر سىناق قىلىش باسقۇچىدا، بۇ بازا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىدىن 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى جەلپ قىلىپ، لىنىيە بويىدىكى 12 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيدى». ماقبال مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بازا كۆلىمى كېڭەيتىلىپ 200 موغا يېقىنلاشتى، مالىنا، قارىقات ھەم ئورگانىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى سورتلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتى يەنىمۇ بېيىتىلدى.

 ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقتىن يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغىچە، ئون مىڭ مولۇق بىنەم يەردىكى تۈپ ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇ ھەم شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ دەل جايىدا تەدبىر قوللانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئېتىزلار مەنزىرە رايونىغا ئۆزگەرگەندە، كەنت ئاھالىلىرى مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلانغاندا، بۇ تۇپراقنىڭ ھېكايىسى ئاندىن ھەقىقىي باشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125