5- ئاينىڭ 8- كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاۋبىشەن يېزىسى پىڭدىڭشەن كەنتىدە تارتىلغان 10 مىڭ مولۇق بىنەم يەر مەنزىرىسى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) تىڭجوۋغا بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، يېزا- كەنتلەر سۈرەتتەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ.
5- ئايدىكى سانجىدا، ئېكولوگىيە رەڭ تەڭشەش تەخسىسى ئاستا- ئاستا ئايلانماقتا ئىدى. تىيانشان تېغىنىڭ قار سۈيى چەكسىز كەتكەن مۇنبەت دالىنى سۇغىرىپ، ئالتۇن رەڭلىك گۈل دولقۇنى بىلەن ياپيېشىل بۇغداي ئېتىزى گىرەلىشىپ شېئىرىي تۈسكە كىرىپ، گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. «ياشناپ بەخت- سائادەتكە تولۇش» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرماقتا. «بېلىق، گۈرۈچ ماكانى ليۇگۇڭدا ئۇچرىشىش · شىسەنخۇدا گۈزەل گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىش» قىچا مەدەنىيىتى بازىرى قاينام- تاشقىنلىق بىلەن باشلانغاندا، 1000 يىللىق تىڭجوۋ ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن بۇ تۇپراقتا «شىنجاڭ مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»نىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى.
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ساياھەتچىلەر سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى 1000 مو قىچا ئېتىزى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىنىڭ يېزا- كەنت يېڭى قىياپىتى.
ئېكولوگىيەنى قەلەم قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭشەن كەنتىدىكى 10 مىڭ مولۇق بىنەم يەردىن سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى 1000 مو قىچا چېچەكلىكىگىچە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئۇپۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولدى. پىڭدىڭشەن كەنتى «بىنەم يەر ئاشلىق ئامبىرى» دېگەن نامى بىلەن داڭلىق، نوقۇت، يازغى بۇغداي، كۈزگى بۇغداينىڭ رەڭگى تۆت پەسىلگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن «تۇپراقنىڭ رەڭ تەڭشەش تاختىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ؛ شىسەنخۇ كەنتى ئۆزگىچە بايلىققا تايىنىپ، ئىستىراھەت بېلىق تۇتۇش، يېشىل ئۈزۈش، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلدى، 38 ئائىلىۋى مېھمانخانا بىلەن 14 دېھقانلار ئارامگاھى «يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»نى بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈن زەنجىرلىك ھېس قىلىش ھازىرلىدى. ئىككى جاي ئېكولوگىيەنى ئاساسىي رەڭ، كەسىپلەرنى تىرەك قىلىپ، «كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان» گۈللىنىش يولىنى تېپىپ چىقتى.
5- ئاينىڭ 8- كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاۋبىشەن يېزىسى پىڭدىڭشەن كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش.
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، بېيجىڭ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى جىمىسار مۇلازىمەت رايونى، ئاپتوموبىللار مۇلازىمەت رايونىدا توختىماقتا.
5- ئاينىڭ 8- كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاۋبىشەن يېزىسى پىڭدىڭشەن كەنتىدە سۈرەتكە تارتىلغان 10 مىڭ مولۇق بىنەم يەر مەنزىرىسى.
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ساياھەتچىلەر سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى 1000 مو قىچا ئېتىزى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا.
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 400 مىڭ مودىن ئارتۇق بىنەم يەرگە زىرائەتلەر پەلەمپەيسىمان تېرىلغان بولۇپ، ئېتىز باشلىرى ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى؛ شىسەنخۇ كەنتى قىچا بايرىمى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە «تاماشا قىلىش، ساياھەت قىلىش، ئۆگىنىش، ئويناش، سۈرەتكە تارتىش، يېمەك- ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ھېس قىلدۇردى. 10 مىڭ مو بىنەم يەردىن ئىستىراھەت يېزا- كەنتلىرىگىچە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئېكولوگىيەنى ئاساسىي رەڭ، مەدەنىيەتنى روھ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ «ياشناپ بەخت- سائادەتكە تولۇش»تەك مەنزىرىسىنى پۈتۈپ چىقتى.