باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك
5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي پۈتۈن بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت تەرەققىياتى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى بىر- بىرلەپ ئاڭلاپ ئۆتتى، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىي قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خاس، ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق 20 دۆلەت كارخانىسىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلىپ، كارخانىنىڭ تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇش، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلىپ، قوللاپ ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي ھەرقايسى مەسئۇللار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇزاكىرە قىلىپ، بىر- بىرلەپ تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە زورايتىشنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە ئىلمىي قايتا تەشكىللەشنى ئالغا سىلجىتىپ، پائال تۈردە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۈۋرۈك» ۋە «ئاساسىي قوشۇن»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال قاتنىشىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش گەۋدىلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، «شاھمات كۆزى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈشكە داۋاملىق ھالدا قاراتمىلىق تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى تەقسىملەش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈش، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەم قەتئىي ياخشى باشقۇرۇپ، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، توغرا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك؛ ھەم تولۇق جانلاندۇرۇپ، بازارنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى دادىل ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنى ئىدارە قىلىش، كارخانىنى گۈللەندۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە ئومۇملۇق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى، كارخانا باشقۇرۇش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، رايوننىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆز شارائىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشنى قەتئىي توسۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش، زورمۇزور ۋە قاراملىق بىلەن ئىشلەشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «14- بەش يىل»نى تاماملاش، «15- بەش يىل»نى پىلانلاش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىغا ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.