− گامبىيە مۇخبىرلار ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ
5- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە، گامبىيە مۇخبىرلار ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى. ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى، كارخانا، يېزا- كەنت، دىنىي سورۇن قاتارلىقلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، كامېرا ۋە يېزىق ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بايان قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، مۇخبىرلار ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كېلىپ، نومۇر ئېلىش زالى، تېلېۋىزىيە تەھرىرلىك- تەرجىمە مەركىزى ۋە ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىلى چاستوتىسىدىكى قاناللارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىر قىسىم پىروگرامما ئىشلىگۈچى خادىملار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىلى پىروگراممىلىرىنىڭ مۇخبىرلىق ۋە تەھرىرلىك قىلىنىشى، ئىشلىنىشى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
«شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پىروگرامما ئىشلەش جەھەتتە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەنى نامايان قىپتۇ، بولۇپمۇ ئاخبارات مۇخبىرلىقى- تەھرىرلىكى ۋە پىروگراممىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە ۋە ئىلغار ئۇسۇلنى توپلاپتۇ، بۇ، بىزنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ»، دېدى غەربىي قىرغاق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى، دىكتورى ئەيسا باخ.
قالتىس خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنلىرى، تۈرلۈك تاۋارلار... چىڭقى چۈش مەزگىلىدە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. مۇخبىرلار ئۆمىكىدىكىلەر بۇ جايدا پىيادە ئايلانغاچ، پات- پات سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
گامبىيە دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياردەمچى فىلىم ئىشلىگۈچىسى راماتۇلەي جالو ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ يان تېلېفونىدا سۈرەتكە تارتتى ۋە سىنغا ئالدى. «بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك ئىكەن، بىر- بىرىگە دوستانە مۇئامىلە قىلىدىكەن. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن چوقۇم شىنجاڭدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى پائال تەشۋىق قىلىمەن». راماتۇلەي جالو مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشىم، شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغ- دەريالىرى مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى، چوڭ بازاردىكى كىشىلەرنىڭ خۇشال تەبەسسۇمى ماڭا شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى تىيانشان چوڭ جىلغىسىدا قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ جايدا كەڭ تەبىئەتنىڭ راھەتلىكى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.
«جۇڭگو شىنجاڭ بەك گۈزەل ئىكەن، تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى! بۇ جاينىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، كىشىلەر ئىنتايىن دوستانە مۇئامىلە قىلىدىكەن» دېدى گامبىيە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ئۇچۇر مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئېبرىما ئېنجې.
قەشقەر ۋىلايىتىدە، مۇخبىرلار ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت زالى ھەم قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى خەيميەن چېگرا ھالقىغان تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىگە كېلىپ، قەشقەرنىڭ رايون ئورنى، سىياسىتى، بايلىقى ھەم ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، نەق مەيداندا ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئەشيا ئوبوروتى ئاقىل باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال تىجارەت سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.
سەھەردە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدا، بىر مەيدان زامان- ماكان ھالقىغان سۆھبەت ناخشا- ئۇسسۇل شەكلىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، قەدىمىي شەھەرنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى مۇخبىرلار ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىسىگە ئايلاندى.
ئۇسسۇل ئەڭ ياخشى تىل، «گۈلىنىڭ ئۆيى» ساياھەت ئائىلە زىيارەت نۇقتىسىنىڭ ئىشىك ئالدى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى، جۇشقۇن، شادىيانە مۇزىكا، قىزغىن، جۇشقۇن ئۇسسۇل قەدەملىرى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، مۇخبىرلار ئۆمىكىدىكىلەر ئىختىيارسىز ئەگىشىپ بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى، شادىيانە رىتىم ئىچىدە قىزغىنلىققا تولغان قەشقەرنى، ئېچىۋېتىلگەن قەشقەرنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىدا، چۈشەندۈرگۈچى قۇرۇلۇش ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەنزىرە رايونىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق مۇخبىرلار ئۆمىكىگە شەھەرنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى تونۇشتۇردى. «مەن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە چوڭقۇر خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى ھېس قىلدىم، جۇڭگو ھەقىقىي گۈزەل بىر چوڭ ئائىلە ئىكەن!» دېدى گامبىيە نۇقتىئىنەزەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى فاتۇ دېم.
مۇخبىرلار ئۆمىكىدىكىلەر يەنە يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ «ساپال بۇيۇملار كەنتى»، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ دارۋازلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، ساپال بۇيۇملارنى ياساشنى ھېس قىلدى، دارۋازلىق خاس ئويۇنى قاتارلىقلارنى كۆردى، ئۇستىلار، ھۈنەرۋەنلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
«جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تولۇق قوللاپتۇ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپتۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ». ئافرىقا تېلېگراف رادىيو ئىستانسىسى تەنتەربىيە پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى لامىن فادلا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈزەل، ئىناق، ئىتتىپاق، بەختلىك بولغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، قايتىپ بارغاندىن كېيىن، چوقۇم دۇنياغا ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭغا كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.