نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاۋمېن سودا- سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىلەن ئۈرۈمچىدە يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى بەلگىلەپ بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى. شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ بىلەن ئاۋمېن دۆلەت تەرەققىياتىدا مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان. ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول» بازىرىنى ئېچىپ، ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇشىنى سىجىل كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۈ يۈيىن مۇنداق بىلدۈردى: تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىدە ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالى ۋە شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاۋمېن − شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزگىرىشلەر كۈنسېرى يېڭىلىنىۋېتىپتۇ، ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇلارنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ. بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىمىز بىر قېتىملىق ئۆگىنىش- تەكشۈرۈش سەپىرى، ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىش سەپىرى، شىنجاڭنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاۋمېن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ئاۋمېن جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋەزىيەت ئاكتىپ، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ، مەۋقەنى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا قويۇپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سودا- سانائەت ساھەسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمىز.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، جىن جىجېن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.