ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى
11:04:34 2025-05-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 5- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 35- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئالاقىدار ئىش تۈرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىر ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ھەم ئۇنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەزالار ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ۋە ئەھۋالنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن ئېنىق خەۋەردار بولۇش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، تەكلىپ تاپشۇرۇش ھەم تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەرگە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەزالارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاكتىپلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، «مەخسۇس» كېڭىشىشنى ئالاھىدىلىككە، سۈپەتكە، سەۋىيەگە ئىگە قىلىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادا قىلىشى ئارقىلىق خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. 

 يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى خىزمەت چارىسى»، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەشنىڭ يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى تۈزۈش خىزمەت چارىسى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى تۈزۈشتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرنى تولۇق ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىش يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش تەكلىپ خىزمىتىدىكى مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى. ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى تۈزۈم- مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125