«چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىن شىنجاڭغا نەزەر» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى باشلاندى
11:06:45 2025-05-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىن شىنجاڭغا نەزەر» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى باشلاندى.

 «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى» دۆلەت قاتلىمىدىن يېتەكچىلىك قىلىپ تۈرتكە بولىدىغان، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىر كۈچكە ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

 بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىدە، دىققەت شىنجاڭنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش، «قۇملۇق، چۆللۈك، باياۋان» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ھەم قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى»نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقى بەرپا قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ماھىيەتلىك مەزمۇنى قېزىپ ئىزاھلىنىپ، «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى»نىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولى كۆپ نۇقتىدىن بايان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى ئورتاق پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. 

 بۈگۈندىن باشلاپ، مەركەز ۋە شىنجاڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئايرىم- ئايرىم بېرىپ، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، سۈرەت ۋە يېزىق، گىرافىك، ئۈن- سىن، ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تەسىرلىك، جانلىق بولغان پۈتۈن تاراتقۇ نادىر ئەسەرلىرىنى سىجىل ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

 پەن- تېخنىكا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى خې پېيسۇڭنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ، سانجى − گۇچۈەن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تۈرى ۋە شىنجاڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى- قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسى ئۇ بۇ قېتىمقى سەپەردە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا. «سەپەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز زور، نەق مەيداندا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمدىن باشقا، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە بىر قىسىم چوڭقۇر خەۋەرلەرنى بېرىمەن» دېدى ئۇ.

 «ئۈن- سىن ئارقىلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى سۆزلەيمەن.» «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇخبىرى نيۇ چاۋگې بۇ قېتىمقى سەپىرىدە فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرقەدەر دىققەت قىلدى، باش تېمىلىق زىيارەت داۋامىدىكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى خەۋەرلەر ۋە بىرىنچى سەپتىكى زىيارەت مەزمۇنىنى ھەر ۋاقىت ئېلان قىلىپ تۇرۇشنى، كېيىنكى مەزگىلدە بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزمۇنىغا ئاساسەن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ماقالە تەييارلاشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125