ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ تۆۋەنگە ئەۋەتىش ۋە تەڭپۇڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2024- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 74 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى زىچ تىپ ئۆلچىمىگە يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %86.05 بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا داۋالىنالايدىغان بولۇشتەك ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
2021- يىلى 4- ئايدا، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۈچ ئۆلكىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى، ئۇ يەنە غەربىي قىسىمدىكى بىردىنبىر نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە. ئاپتونوم رايون بويىچە 86 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ۋەزىپىسى بار، قالغان ئون شەھەر (رايون) شەھەر داۋالاش گۇرۇھى ئەندىزىسى بويىچە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ۋە ئالغا سىلجىتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ داۋالاش ئورتاق گەۋدىلىرى يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا ئوتتۇرا، ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە 45 مىڭ 631 ئادەم قېتىم دوختۇر ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلامدا جەمئىي 1028 داڭلىق دوختۇر خىزمەتخانىسى تەسىس قىلدى. بۆلۈم- ئىشخانىلار ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، دائىملىق تۇرۇپ يار- يۆلەك بولۇش ۋە قىسقا مۇددەتلىك تۇرۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ داۋالاش باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئوخشاش سۈپەتلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم يېزا- بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ خاس دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ماركىسىنى يارىتىپ، ناھىيە- يېزا ئىككى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى تاقاشتۇرماي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
2024- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرىنى ئۆلچەملىك پەرۋىش قىلىش نىسبىتى %85.99كە يېتىپ، 2023- يىلىدىكىدىن %1.47 ئاشتى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنى ئۆلچەملىك پەرۋىش قىلىش نىسبىتى %84.15كە يېتىپ، 2023- يىلىدىكىدىن %2.88 ئاشتى؛ 2- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەنگە يۆتكەلگەن بىمار 163 مىڭ 600 ئادەم قېتىم، ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدىن يۇقىرىغا يۆتكەلگەن بىمار 101 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ۋىلايەت- ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا كېڭىيىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ دەرىجىلىك 22 دوختۇرخانىنى ناھىيە دەرىجىلىك 40 دوختۇرخانىغا نىشانلىق يار- يۆلەك بولۇشقا، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلىشىگە قاتنىشىپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشى، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە سىجىل تەشكىللىدى. ناھىيە رايونىدا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللەرنى داۋالاش ئىقتىدارى، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەل بىمارلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارى قاتارلىق ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى، ياردەمگە ئېرىشكەن ناھىيەلىك دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلارنىڭ ناھىيە رايونىدىن سىرتقا يۆتكىلىش نىسبىتى 2023- يىلىدىكىدىن %3.63 تۆۋەنلىدى، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەل بىمارلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى 2023- يىلىدىكىدىن %5.76 ئاشتى.
«2024- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىن كەلگەن تۈرلۈك تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى زاكازلىق، نىشانلىق تەربىيەلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 1300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، يەنە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا- كەنت دوختۇرلىرى مەخسۇس تۈر پىلانىنى يولغا قويۇپ، داشۆنى پۈتكۈزگەن كەنت دوختۇرىدىن 1149نى قوبۇل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يېڭى قان تولۇقلىدى». ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر تاڭ مېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بەش چوڭ مەركەز (سۈرەت- تەسۋىر ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش مەركىزى، ئېلېكتىروكاردىيوگرامما ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش مەركىزى، تېببىي تەكشۈرۈش مەركىزى، پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇش مەركىزى، دېزىنفېكسىيەلەش- تەمىنلەش مەركىزى) قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈرەت- تەسۋىر، ئېلېكتىروكاردىيوگرامما، تېببىي تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بىمارلار يېقىن ئەتراپتا تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك دىياگنوز قويۇش- داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىنىدىكەن.