سالىقجان ئىمىن
ئەگەر ھاياتلىقنىڭ رەڭگى بولسا، ئۇ چوقۇم جۇڭگو قىزىلى؛ ئەگەر ئېتىقادنىڭ ئاۋازى بولسا، ئۇ چوقۇم دۆلەت شېئىرىنىڭ مېلودىيەسى.
مەن چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىدە تۇرىمەن، ئۇيغۇر، بۇ يىل 79 ياشقا كىردىم. مېنىڭ ھېكايەم شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا قىزىل ئەسلىمە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنىڭ شېرىن تەمى سىڭگەن.
بالا چاغلىرىمدا، ئۆيىمىزدە دائىم بىر دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى. ئۇ 1950- يىلى ئىدى، ئازادلىق ئارمىيەدىكى مەلۇم پەي چۆچەككە كەلدى، جەڭچىلەر تۇرىدىغان جاي بولمىغاچقا، ئاتا- ئانام تۆت ئېغىز بوش ئۆي ۋە ھويلىنى ئۇلارنىڭ تۇرۇشىغا بەردى. جەڭچىلەر بىزنىڭ كۆكتات تېرىشىمىز، يەر ھەيدىشىمىزگە ياردەملىشەتتى، ھەر قېتىمقى بايراملاردا بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، پولۇ يەيتتۇق. ھويلىمىزدىكى ئاشۇ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ھەر قېتىملىق بايراملاردا چىقىرىلىپ، توختىماي لەپىلدەپ تۇراتتى.
دادام دائىم بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ: «بۇ دۆلەت بايرىقى بىز بىلەن ۋەتەننى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە» دەيتتى. ئەينى چاغدا مەن بۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشەنمىسەممۇ، لېكىن دۆلەت بايرىقىنىڭ يارقىن رەڭگىنى ۋە ئازادلىق ئارمىيە تاغىلىرىمنىڭ تەبەسسۇمىنى ئېسىمدە تۇتۇۋالغانىدىم. ئازادلىق ئارمىيە بىلەن بىللە تۇرغان بۇ مەزگىلدە قەلبىمگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇقى چېچىلغانىدى.
1992- يىلى، مەن «خاتىرجەم گۆش دۇكىنى» ئاچتىم. ئاشۇ يىللاردا، ھەر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى مۇقىم باھالىق گۆش بىلەن تەمىنلىدىم، يەنە دائىم مېيىپ ياشانغانلار، ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلار ھەم قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا گۆش، كۆكتاتنى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بەردىم، ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سورىدىم.
2009- يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مەن جەمئىيەت ئۈچۈن، يۇرتۇم ئۈچۈن يەنە قانداق ئىشلارنى قىلالايمەن، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئائىلەمدىكىلەرنى يىغىپ بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، ھويلىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ئويۇمنى ئېيتتىم، «دۆلەت بايرىقى دۆلەتنىڭ سىمۋولى، دۆلەت بايرىقىنى كۆرگەندە، كۆپچىلىكنىڭ قەلبى مۇجەسسەملىنىدۇ». ئائىلەمدىكىلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى، ئوغلۇم رەسمىيەت ئىلتىماس قىلغىلى ماڭدى، كۈيۈئوغلۇم بايراق خادىسى تىكلىدى، نەۋرە قىزىم دۆلەت بايرىقى چىقىرىشقا ئائىت سىننى تېپىپ سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا مەشىق قىلدۇردى. شۇ يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، 80 نەچچە قوشنام ھويلىغا لىق تولدى. دۆلەت شېئىرى ئورۇنلانغاندا، ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا قاراپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش ئاقتى، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى قوزغالدى.
ھەر قېتىملىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن قوشنىلار ئۈچۈن ھەقسىز ناشتىلىق تەييارلىدۇق، بىر تەرەپتىن ھېسسىيات ئالماشتۇردۇق، بىر تەرەپتىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدۇق. كۈيۈئوغلۇم ھاياجانلانغان ھالدا: «دادا، سىز بىز نۇرغۇن كىشى قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما قىلالمىغان ئىشنى قىلدىڭىز، بىز ھەممىمىز چىن كۆڭلىمىزدىن سىزنى قوللايمىز»، دېدى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ فۇلىن مېنىڭ 30 نەچچە يىللىق قەدىناس دوستۇم، كونا قوشنام، ئۇ 2000 يۈەن چىقىرىپ قىزغىنلىق بىلەن ئىئانە قىلدى، يەنە تەرەپ- تەرەپتىن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى، ئۆزى تەلەپ قىلىپ دادىللىق بىلەن بايراق قوغدىغۇچى بولۇپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئون نەچچە يىل داۋاملاشتۇردى، بوران- چاپقۇنمۇ توسقۇنلۇق قىلالمىدى.
كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى مېنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىم. يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، قارا دۆڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى يولداشلار دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ، ماڭا مەدەت بېرىپ، مېنى داۋاملىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ ئالاقىدار تارماقلار ماڭا ياردەم قىلىپ مېنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىپ بەردى، ھويلا ئالدىدىكى يول كېچىدە يورۇتۇلدى؛ كوچا باشقارمىسىنىڭ پائال ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ھويلىغا يەنە ئىككى قەۋەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى كۆرگەزمە سارىيى سېلىندى، دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى پائالىيەتلەرمۇ بارغانسېرى موللاشتى. كىشىلەر ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەندە كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار خالىس تەشۋىقاتچى ۋە چۈشەندۈرگۈچى بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىملىق مۇھىم بايراملاردا، مەن ھويلامدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۈم، يەنە دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردۇم. مەن ئەڭ ئاددىي تىل، ئەتراپىمدىكى ئەمەلىي مىساللار ھەم ئۆز تەسىراتلىرىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا: «بىز ھازىر يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەكتىن غەم قىلمايمىز، كېسەل كۆرسەتسەك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىلىنىدۇ... بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە مىننەتدار بولماسلىققا نېمە باھانىمىز بار؟» دەيمەن. ھازىرغىچە، 320 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئامما مېنىڭ لېكسىيەيىمنى ئاڭلىدى.
سىياسەتنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، مەن ھەر كۈنى مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى دەل ۋاقتىدا كۆرۈپ، چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى دەپتىرىمگە تەپسىلىي خاتىرىلىۋالىمەن، يەنە ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ، لېكسىيە سۆزلىگەندە خام ماتېرىيال قىلىمەن؛ خەلق گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەن دائىم كۆرىدىغان گېزىت- ژۇرناللار، چۈشىنەلمىگەنلىرىمنى ئوغلۇم سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسىنى يازىمەن.
بۇ يىللاردا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى يېڭىلاندى، چۆچەكنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۆزگىرىشلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە خۇشال قىلىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارغانسېرى كۆپ داڭلىق كارخانىلار ماكانلىشىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئىلگىرى ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار نوقۇل ئەنئەنىۋى تۈرلۈك مال، مېۋە- كۆكتات قاتارلىقلار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە تاۋار ئاپتوموبىل، شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن مەھسۇلاتلارغا كېڭەيدى.
2021- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، مەن ئاخىر كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولدۇم، پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قەسەم بەرگەندە، قولۇم تىترىگەن بولسىمۇ، ناھايىتى قەتئىي ئىدى. شۇنى چوڭقۇر بىلىمەنكى، بۇ بىر شان- شەرەپ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت.
بۈگۈنكى كۈندە، ھويلىمىزدا دۆلەت بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇرىدۇ. 2021- يىلى، بىز ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر تەكلىپ بىلەن تيەنئەنمېن كۆرۈش سۇپىسىغا باردۇق، يەنە ھويلىدا چىقىرىلغان بىر دۆلەت بايرىقىنى ھەدىيە قىلدۇق، ئاشۇ دەقىقىدە مەن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم. بەزىلەر مەندىن: «سىز يەنە قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرالايسىز؟» دەپ سورىدى. مەن قەتئىيلىك بىلەن نەۋرىلىرىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مەن ياشىنىپ قالسام، ئۇلار بار. ئۇلار ياشىنىپ قالسا، يەنە كېيىنكى ئەۋلادلار بار»، دېدىم.
ھازىرغىچە، بىز 120 مىڭ كىچىك دۆلەت بايرىقى تارقاتتۇق، ھەربىر بايراققا «ئانارنىڭ دانىسى»دەك ئىتتىپاقلىق ئېتىقادى مۇجەسسەملەنگەن. مەن يەنە ھويلامدا چىقىرىلغان دۆلەت بايرىقىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇرىمەن.
مەن دائىم ھويلىدا تۇرۇپ، كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقىغا قاراپ، قەلبىم ھاياجانغا تولىدۇ. ۋەتەن مېنى بېقىپ چوڭ قىلدى، مەن مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان شىنجاڭ ئوغۇل- قىزلىرىغا ئوخشاش ئەڭ ئاددىي، ئەڭ سەمىمىي ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ئىزچىل چوڭقۇر سۆيۈپ، قوغداپ كېلىۋاتىمەن.