چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدىن تارقالغان جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ئاۋازى
11:21:43 2025-05-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

 «توغراق مىڭ يىل ياشىيالايدۇ، چۈنكى ئۇ تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بىز شەرقىي جۇڭغاردا يىلتىز تارتقان بارلىق قۇرۇلۇشچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز! مەنمۇ قەلبىمدىكى ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!» 4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ياش- ئۆسمۈرلەر «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزباسارلاردىن بولۇش» باش تېما تەربىيەسى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ دېكلاماتسىيە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سەھنىسىدە، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن مەكتىپىدىن كەلگەن، بۇ يىل 11 ياشقا كىرگەن ئەن زىشى چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان نۇتقى ئارقىلىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ئۇنىڭ بايان قىلغىنى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى ئىدى.

 جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي گىرۋىكىدە، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن مەكتىپى خۇددى بىر تۈپ قەيسەر توغراقتەك، ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئېنېرگىيە مېھىرلىك تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. 2023- يىلى 8- ئايدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بۇ زامانىۋىلاشقان مەكتەپ مائارىپ نۇرى ئارقىلىق 80 مىڭغا يېقىن سانائەت ئىشچىسىنىڭ ئۈمىدىنى يورۇتۇپ، «كۆمۈرنى توكقا ئايلاندۇرۇپ بوشلۇقتا توشۇش، توكنى پۈتۈن جۇڭگوغا يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرە ئارقىلىق ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى.

 5- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالتۇن سېرىق رەڭلىك مەكتەپ ئاپتوموبىلى چۆللۈكتىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازىنى ئېلىپ مەكتەپكە كىردى. تەنتەربىيە مەيدانىدا، مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رەتلىك يۈگۈرۈۋاتاتتى، يىراقتىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاندا ئاستا- ئاستا ئايلىنىۋاتقان چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار ئۇلارغا جور بولۇپ تۇراتتى − چۆللۈكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ زامانىۋىلاشقان مەكتەپ جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ئاۋازى ئارقىلىق بۇ جايغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشماقتا.

 بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان ئەن زىشى دادىسىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىدا تۈگۈلۈپ يېتىپ، سانجى شەھىرىدىن شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىغا ماڭدى. ئەن زىشى كۆز يەتكۈسىز چۆللۈككە قاراپ: «بىز نېمىشقا بۇنچە ئۇزۇن يول ماڭىمىز؟» دەپ سورىدى، دادىسى ئۇنىڭ بېشىنى سىيلىغىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ: «چۈنكى شەرقىي جۇڭغار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ»، دېدى.

 ئاشۇ چاغدىكى شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدا، جاي- جايلاردىن كەلگەن سانائەت ئىشچىلىرى بۇ تۇپراقتا كۈرەش قىلىۋاتاتتى، ئەمما ئۇلار كۆڭلىدە دائىم ئۆيىدىكى كىچىك بالىلىرىدىن غەم قىلاتتى.

 ئۆزگىرىش 2023- يىلى 8- ئايدا باشلاندى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 82 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن مەكتىپىنىڭ پۈتۈشى خۇددى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ جىددىي مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

 ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا، ئەن زىشىنىڭ دادىسى كىشىلەر توپى ئىچىدە تۇرۇپ كۆزىگە ياش ئالدى.

 شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى شيې دەيپېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، مەكتەپتە پەقەت 70لا ئوقۇغۇچى بار ئىدى، قىسقىغىنا ئىككى يىل ۋاقىتتا، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 503 ئوقۇغۇچى بار بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپتە بۇلتۇر يەنە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى».

 مەكتەپ ھويلىسىدا ماڭغاندا، يېپيېڭى ئوقۇتۇش بىنالىرى بىلەن ياتاق بىنالىرىنىڭ گىرەلەشتۈرۈلۈپ رەتلىك سېلىنغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. «مەن دەسلەپ كەلگەندە، ئەتراپنىڭ ھەممىسى چۆل- باياۋان بولۇپ، مەكتەپتە پەقەتلا ئىككى ئوقۇتۇش بىناسى بار ئىدى، قاراڭلار، ھازىر 12 بىنا بار بولدى. بۇ يىل 9- ئايدا، كۇتۇپخانا، تەجرىبىخانا بىناسى، ئىككى ياتاق بىناسى ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ»، دېدى شيې دەيپېڭ.

 ئاتا- ئانىلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپ بىر قاتار ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى: ئالتە چوڭ تۈر بويىچە جەمئىي 15 كۇرۇژۇك تەسىس قىلغان بولۇپ، سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 3- يىللىقتىن يۇقىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدۇ، مەكتەپ ياتاق، تاماق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ؛ توققۇز مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەر كۈنى ئېنېرگىيە بازىسىدا توختىماي قاتناپ، ئەتراپتىكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ- ئەكېلىدۇ.

 شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ھەر يىلى يەنە 30 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

 «ئىلگىرى ھەمىشە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوقلۇقىدىن ئەنسىرەيتتۇق، ھازىر غەم- ئەندىشىمىز تۈگىدى، بىز تېخىمۇ خاتىرجەم ئىشلەيدىغان بولدۇق»، دېدى بىر سانائەت ئىشچىسى.

 مەكتەپنىڭ تېز تەرەققىياتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياش بولۇپ، بۇ ياشلار ياشلىق باھارى ۋە قىزغىن مۇھەببىتى ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىغا كۈچىنى تەقدىم قىلماقتا.

 جاڭ يىفېڭ مۇئەللىم ھەر كۈنى سەھەر سائەت 8دىلا مەكتەپكە كېلىپ، مەيدانغا ئارقا- ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى گىمناستىكا ئويناشقا تەشكىللەيدۇ، كەچتە يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنى مۇزاكىرە قىلدۇرىدۇ. «بالىلارنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەرقانچە جاپا تارتساقمۇ ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن»، دېدى جاڭ يىفېڭ.

 نۆۋەتتە، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن مەكتىپىدە 73 ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى- خىزمەتچى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ تاللاپ ئەۋەتكەن تايانچلار، ھەم شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن كەسپىي ئىختىساسلىقلار بار بولۇپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپنىڭ پۇختا سۇپىسىنى بەرپا قىلماقتا.

 مەكتەپ ھويلىسىنىڭ بىر بۇرجىكىدە، «قىزىل گالىستۇكلۇقلار يېشىللىقنى قوغداش ئەترىتى»دىكى بالىلار كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي خاتىرىلەۋاتاتتى. ئوقۇغۇچىلار كېرەكسىز، كونا تاپشۇرۇق دەپتەرلەردىن پايدىلىنىپ مۇھىت قوغداش قوللانمىسى تەييارلىدى، «ئېنېرگىيە يېڭى شەھىرى» بىلەن «يېشىل تەرەققىيات»نىڭ ئۇرۇقى سەبىي قەلبلەردە ئاستا- ئاستا بىخلاندى.

 گۇگۇم ۋاقتىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا، بۇ مەكتەپنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەمەت ئابدۇۋەلى پۇتبول ئويناۋاتاتتى. ئۇنىڭ دادىسى شۇ جايدىكى بىر كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىلگىرى دائىم بالىسىغا ھەمراھ بولالماي ئۇنىڭ ئوقۇشىدىن غەم قىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ قۇرۇلۇش ئەترىتىگە ئەگىشىپ نەق مەيدانغا خاتىرجەم بارالايدىغان بولدى.

 «ئىلگىرى ئىشچىلار رۇخسەت سوراپ يۇرتىغا قايتىپ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شەرقىي جۇڭغاردا يىلتىز تارتتى. بۇلتۇر 9- ئايدا يەنە 100 دىن ئارتۇق ئىشچى يۇرتىدا قېپقالغان بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ مەكتەپكە بەردى»، دېدى شيې دەيپېڭ.

 پۈتۈن مەملىكەتتىكى %7 كۆمۈر بايلىقى ساقلانغان بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا، مائارىپ سانائەت چىشلىق چاقى بىلەن بىللە ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىمەكتە. چۆللۈكتە قەد كۆتۈرگەن بۇ مەكتەپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان يېڭى دەۋر ئۈلگىسىنى ياراتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125