تېز كېلىپ ئۇلۇنگۇر كۆلىدىكى «ئۆردەكنىڭ مۇھەببەت قوغداش جېڭى»نى كۆرۈڭ
18:15:33 2025-05-16 تىيانشان تورى

 5- ئايدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قار- مۇزلار ئېرىپ، كۆل سۈيى دولقۇنلاپ تۇراتتى، دۆلەت تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك قەرەلىدە بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى ۋە كۆپەيدى.

ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكلەرنىڭ بەزىلىرى بېشىنى قانىتىنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئارام ئالسا، بەزىلىرى سۇغا شۇڭغۇپ چاققانلىق بىلەن ئوزۇق ئىزدەيتتى.

 ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكلەرنىڭ بەزىلىرى بېشىنى قانىتىنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئارام ئالسا، بەزىلىرى سۇغا شۇڭغۇپ چاققانلىق بىلەن يەم ئىزدەيتتى، يەنە تېخى ئەركەك ئۆردەكلەر سوقۇشۇپ، كۆل يۈزىدە «مۇھەببەت قوغداش جېڭى» قىلاتتى.

 سەنشىدىن كەلگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ۋاڭ ۋېنيۆ بۇ يەردە نەچچە كۈن ساقلاپ ئولتۇرۇپ، ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى ئوڭۇشلۇق سۈرەتكە تارتىۋالدى. ۋاڭ ۋېنيۆ مۇنداق دېدى: «مەن ئەينى چاغدا ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكلەرنىڭ بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئۇرۇشقانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ بەكلا خۇشال بولدۇم. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشى، قۇش تۈرى كۆپ بولۇپ، يەنە بىر قىسىم ئەتىۋارلىق تۈرلەرمۇ بار ئىكەن، بۇ يىل بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئىككى ئاي تۇرۇپ، مەخسۇس قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىشنى پىلانلىدىم».

ئەركەك ئۆردەكلەر سوقۇشۇپ، كۆل يۈزىدە «مۇھەببەت قوغداش جېڭى»قىلماقتا.

فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكنى سۈرەتكە تارتماقتا.

 ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك دۆلەت تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە يەر شارىدا ئاران 13 مىڭدىن ئارتۇقى ساقلىنىپ قالغان. ھەر يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 5- ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئۇلار ئۇلۇنگۇر كۆلىگە قەرەلىدە كېلىپ بۇ يەردە ئۇۋا ياساپ كۆپىيىدۇ.

 بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن يۆخۇ مۇنداق دېدى: «بىز چارلاپ قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تەشۋىقات خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەر ھەم فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى قۇشلارنى ئىلمىي تاماشا قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، قۇشلارنى بىخەتەر ياشاش مۇھىتى يارىتىمىز».

ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا تارتىلغان ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك.

 ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى 300 خىلدىن ئارتۇق پەسىل قۇشى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى. ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك تۈر توپىنىڭ سانى دەسلەپكى يەككە خانىلىق ساندىن 2025- يىلى كۆپىيىپ 102گە يەتتى.

 (بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ۋاڭ چېڭ، چاڭ خۇاياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار  ۋاڭ ۋېنيۆ، ۋاڭ يۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125