نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلار گۈل دېڭىزىغا ئايلاندى، خەلق باغچىسى ۋە خۇڭشەن باغچىسىدىكى مودەنگۈل، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى ئۇچقات، لىيۈسەن باغچىسىدىكى زىلولەن قۇياش نۇرىدا لاتاپىتىنى نامايان قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر باغچىلارغا كېلىپ گۈللەرنى، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ، بۇ گۈزەللىكتىن قانغۇچە بەھرىلەندى.
ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا سېرىق ئەتىرگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرگە خۇش ھىدلىرىنى سۇندى (5- ئاينىڭ 9- كۈنى تارتىلغان).
ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى ئۇچقاتلار كەچكى شامالدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، مەيىن شامالدا گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىدى (5- ئاينىڭ 9- كۈنى تارتىلغان).
5- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا ساياھەتچى يان تېلېفون بىلەن مودەنگۈلنى سۈرەتكە تارتماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭشەن باغچىسىدا مودەنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى (5- ئاينىڭ 9- كۈنى تارتىلغان).
5- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭشەن باغچىسىدا ئېچىلغان مودەنگۈللەر ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى لىيۈسەن باغچىسىدا، پورەكلەپ ئېچىلغان زىلولەن شامالدا لەرزان ئىرغاڭلىماقتا (5- ئاينىڭ 9- كۈنى تارتىلغان).