​ئەدەبىيات- سەنئەت يولى بىر كوچىدىكى 100 يىللىق قاينام- تاشقىنلىق
18:15:26 2025-05-19 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

2023- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ تىجارەت بىناسىدىن سۈرەتكە تارتىلغان بېيمېن، ئازادلىق شىمالىي يولى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت يولى ئەتراپى كوچا مەنزىرىسى. (لى شياڭدۇڭ فوتوسى)

1964- يىلى 7- ئايدا، ئۈرۈمچى جۇڭسەن يولىدا بوشلۇقتىن تارتىلغان ئۈرۈمچىنىڭ خەلق كىنوخانىسى ئەتراپىدىكى كوچا مەنزىرىسى. (سۈن شىجىڭ فوتوسى)

 ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرى خۇددى شەھەرنىڭ ئالىقان سىزىقچىلىرىغا ئوخشايدۇ، بۇ تارام- تارام كوچىلارغا شەھەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 500 - 600 مېتىرلا كېلىدىغان ئەدەبىيات- سەنئەت يولى قارىماققا ئادەتتىكى بىر كىچىك كوچىدەكلا كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىنىڭ يېرىم شەھەر خاتىرىسى يوشۇرۇنغان.

 ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنىڭ بىر ئۇچى كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئازادلىق شىمالىي يولىغا، يەنە بىر ئۇچى ئاۋات خەلق كىنوخانىسى يولىغا تۇتىشىدۇ. ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنىڭ ئازادلىق شىمالىي يولىغا تۇتاشقان ئۇچى «1- ئاۋغۇست» تىياتىرخانىسىغا يانداش، ئۇنىڭ سەل نېرىسىدا بېيمېن ئايلانمىسى بار؛ يەنە بىر ئۇچى خەلق كىنوخانىسى، خېپىڭ دۇخۇي ھەمدە 100 يىللىق كونا داڭلىق ماركا خۇڭچۇنيۈەن مېھمانخانىسىنىڭ كىلاسسىك قورۇمىلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان يىتيەنياڭ مېھمانسارىيىغا تۇتىشىدۇ. بىر كوچا ئىككى ئاۋات كوچا رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇ قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدىن ھازىرغىچە بولغان شەھەر تەرەققىيات ئىزنالىرى يۈكلەنگەن، شۇنداقلا نەچچە ئەۋلاد ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش ھېكايىلىرى ۋە قىممەتلىك ئۆتمۈشى مۇجەسسەملەنگەن.

 ۋاقىت چوڭقۇرلۇقىدىكى قاينام- تاشقىنلىق ئەستىلىكلىرى 

 ۋاقىتنى چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 31- يىلى (1766- يىلى)غا سۈرسەك، ئەينى چاغدا ئەدەبىيات- سەنئەت يولى تېخى سېپىل خەندىكى بولۇپ، مۇھىم مۇداپىئە لىنىيەسى ئىدى. ئۇ چاغدا بېيمېن «جىڭخۇيمېن» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت يولى بېيمېننىڭ سىرتىغا، يەنى شەھەرگە تەۋە ئىدى. كېيىن كونا شەھەر سېپىلى ئارقا- ئارقىدىن چېقىۋېتىلىپ، سېپىل خەندىكى تىندۇرۇلۇپ، بۇ يەرمۇ تەدرىجىي ھالدا پۇقرالار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايغا ئايلاندى، كېلىپ- كېتىدىغانلارنىڭ كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تەبىئىي ھالدا بىر تار پاتقاقلىق يول شەكىللەندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ يول ئاخىرى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىپ، تەكشى ئاسفالت يولغا ئايلاندى.

 85 ياشلىق خوۋ جيەنجۇڭ 1958- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باسما زاۋۇتىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت يولىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەينى چاغدا بۇ زاۋۇت بىلەن ئۇ تۇرۇۋاتقان ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەدەبىيات- سەنئەت يولىغا جايلاشقانىدى. ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنىڭ نامى چىقىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى: ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە بېيمېندىكى يەر بەلگىسى سانىلىدىغان «1- ئاۋغۇست» تىياتىرخانىسى ۋە بىڭتۇەن سەنئەت ئۆمىكى، سېرك ئۆمىكى قاتارلىق ئەدەبىيات- سەنئەت ئورۇنلىرى جايلاشقان، يەنە بىر ئۇچى خەلق كىنوخانىسىغا تۇتىشىدىغان بولغاچقا، ھەقىقەتەن ئىسمى- جىسمىغا لايىق «ئەدەبىيات- سەنئەت يولى» ئىدى.

 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى كونا ئىشلار تىلغا ئېلىنغاندا، خوۋ جيەنجۇڭنىڭ ئەڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى ئەدەبىيات- سەنئەت يولىدىكى چياۋ ئائىلىسىنىڭ بەنشىرخانىسى ئىدى. ئۇ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ كەچ قالغان كۈنلىرى ئىشداشلىرى بىلەن بۇ بەنشىرخانىغا بېرىپ بەھۇزۇر پاراڭلاشقاچ بەنشىر يەيتتى، بىر قاچا ئىسسىق بەنشىر شورپىسىنى ئىچكەندە بولسا، پۈتۈن بەدىنىنى قاپلىغان ھارغىنلىق يوقاپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولاتتى.

 خوۋ جيەنجۇڭنىڭ 56 ياشلىق قىزى خوۋ يەنخۇامۇ ئەدەبىيات- سەنئەت يولى توغرىسىدا ناھايىتى جانلىق، روشەن ئەسلىمىگە ئىگە. 1975- يىلى، ئۇ مومىسىنىڭ ئۆيىدىن ئەدەبىيات- سەنئەت يولىدىكى ئۆيىگە كۆچۈپ كەلگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كوچا ئۇنىڭ بالىلىق تۇرمۇشىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. ئۇ تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەندە تۇنجى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگىنىچە بۇ كوچىنى بويلاپ مېڭىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇسا، گۇگۇم چۈشكەندە يەنە قاينام- تاشقىنلىققا تولغان بۇ ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنى بويلاپ ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاشۇ غەم- ئەندىشىسىز خۇشال چاغلىرى خۇددى مۇشۇ كوچىغا سىڭىپ كەتكەندەك بىلىنەتتى.

 ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى شۇكى، ھەر يىلى باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كېچىسىدە ئۇ ئىنىسى بىلەن ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنىڭ بويىغا بېرىپ پوجاڭزا ئاتاتتى، ئۇلار پوجاڭزىلارنى يەرگە قاتار قىلىپ تىزىپ، سەرەڭگە يېقىپ پوجاڭزىنىڭ پىلىكىگە ئوتنى تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىپ پوجاڭزىنىڭ ئېتىلىشىنى كۈتەتتى.

 ئۇ چاغدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاق تېرەكلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، شامال چىقىشى بىلەن دەرەخ يوپۇرماقلىرى شىلدىرلىشىپ سۆھبەتكە چۈشەتتى، باھار كەلگەندە تېرەك توزغاقلىرى سەلكىن شامالدا ئۇسسۇلغا چۈشەتتى. بۇ تېرەكلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە رولى بار ئىدى، يەنى سودا- سېتىق قىلىش ئۈچۈن بېيمېنغا ھارۋىلىق كەلگەنلەر كەلگەنلەر ئات، ئېشەكلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى بۇ دەرەخلەرگە باغلاپ قوياتتى. بىرنەچچە ئات ياكى ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ دەرەخ سايىسىدە پۇشقۇرتۇپ تۇرغانلىقى، ئىگىلىرىنىڭ قايسىدۇر بىر دۇكاندا ئۆزى ئېھتىياجلىق ماللارنى ئىزدەۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىنى دائىم كۆرگىلى بولاتتى.

 خەلق كىنوخانىسىدا تۇنجى كۆرگەن ئاۋازسىز رەڭسىز كىنو ھېلىمۇ خوۋ جيەنجۇڭنىڭ ئېسىدە. گەرچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ كىنونىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، تۇنجى قېتىم كىنو كۆرگەن چاغدىكى خۇشاللىقنى ھېلىھەم ئېسىدىن چىقارغىنى يوق. ئۇنىڭ بۇ كىنو كۆرۈش ھەققىدىكى ئەسلىمىسى قىزى خوۋ يەنخۇادىمۇ داۋام ئەتتى، خوۋ يەنخۇا دائىم ساۋاقداشلىرى بىلەن خەلق كىنوخانىسىنىڭ كەينىدىكى ئۈستى ئوچۇق كىنوخانىغا باراتتى. ئىككى مولۇق كىنو بېلىتىگە ھەپتە ئاخىرىدىكى شادلىق مىنۇتلىرى مۇجەسسەملىنەتتى. ھەر كۈنى تۈن پەردىسى يېيىلغاندا كىنوخانىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقلار ئادەمگە تولاتتى، ھەتتا كارىدورمۇ ئۆرە تۇرغان تاماشىبىنلار بىلەن توشۇپ كېتەتتى. ئورۇندۇق يېتىشمىگەنلەر ئەڭ ئارقىدىكى سەپتە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئورۇندۇقنى دەسسەپ تۇرۇپ كىنو كۆرۈشكە مەجبۇر بولاتتى؛ مەيدانغا كىرەلمىگەن ياشلار كىنوخانىنىڭ تېمىغا يامىشىپ چىقىپ، تام ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرەتتى، مانا بۇ شۇ دەۋرگىلا خاس ئۆزگىچە مەنزىرە ئىدى.

 كوچا- رەستىدىكى ئۇنتۇلماس سىمفونىيە 

 تەخمىنەن 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەدەبىيات- سەنئەت يولى ۋاڭ- چۇڭغا تولغان، ماللىرىنى توۋلاپ سېتىۋاتقان تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇرىدىغان ئاۋات بازارغا ئايلاندى. ئۇ چاغدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت يولى قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان، شەھەر ئاھالىلىرى كۈندىلىك سودىلىق قىلىدىغان، دائىم كۆكتات سېتىۋالىدىغان جاي ئىدى. بازارنىڭ دەرۋازىسى بېيمېنغا تۇتىشىدىغان كىرىش ئېغىزىدا بولۇپ، پولات چىۋىقتىن ياسالغان دەرۋازىغا «بېيمېن ئەدەبىيات- سەنئەت يولى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا ئېسىلغان، بازار شۇ يىللاردىكى بازارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە لاپاسلانغانىدى. بازارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھازىرغىچە خوۋ يەنخۇانىڭ ئېسىدە، بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كۆكتات، قۇرۇق مېۋە، دورا- دەرمەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يايمىلىرى بار ئىدى، ئۇلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى ۋە لەڭپۇڭ، راڭپىزا، سېرىقئاشنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى؛ بازارنىڭ ئوتتۇرىسى تىرىك بېلىق سېتىش رايونى بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە لەڭمەنخانا، كاۋاپخانا، تۈرلۈك ماللار دۇكىنى، يېڭىدىن مودا بولۇۋاتقان ئۈن- سىن دۇكانلىرى بار ئىدى. كوچىنىڭ ئارقا تەرىپىگە يەنە كىيىم- كېچەك دۇكانلىرى جايلاشقانىدى. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى پۈتكۈل كوچا ئادەتتىن تاشقىرى قاينام- تاشقىنلىققا تولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، بۇنى ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ جانلىق تۇرمۇش مەنزىرىسى دېيىشكە بولاتتى.

 خوۋ يەنخۇانىڭ نەزىرىدە ئەينى چاغدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت يولىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى يوق ئىدى، ھەتتا تۈن كېچىدىمۇ چىراغلار بۇ يەرنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇراتتى. خوۋ يەنخۇا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىر چوڭ قاڭالتىر ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئوتخور بېلىق، كارپ بېلىقى قاتارلىق بېلىقلار بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ساندۇقنىڭ ئىچىگە ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئوكسىگېن پومپىسى سېلىپ قويۇلاتتى. بۇ يەرنى ئەينى يىللاردىكى ئەڭ دەسلەپكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش ئورنى دېيىشكە بولاتتى».

 ئەينى چاغدا، ئەدەبىيات- سەنئەت يولىدىكى كىيىم- كېچەك، رەخت دۇكانلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى. بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن شۈ ۋېنيۈن ياش چاغلىرىدا ئەدەبىيات- سەنئەت يولى ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. ئۇ چاغلاردا گەرچە بازاردا تەييار كىيىم- كېچەكلەر بولسىمۇ، كىشىلەر ئۆزلىرى ياقتۇرغان رەختلەرنى تاللاپ، چېۋەر تىككۈچىلەرگە كىيىم تىككۈزۈپ كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى. شۈ ۋېنيۈن مۇنداق دېدى: «ئانام دائىم مېنى باشلاپ ھەر خىل رەخت دۇكانلىرىنى ئارىلايتتى، ئۇ رەختلەرنىڭ باھاسى مۇۋاپىق بولۇپلا قالماي، سۈپىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئەينى چاغدىكى يېڭى كىيىم كىيگەندىكى خۇشاللىقىم ھازىرقى داڭلىق ماركىلىق كىيىم سېتىۋالغان چاغدىكىدىن قېلىشمايدۇ».

 خوۋ جيەنجۇڭنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئەڭ بۇرۇنقى «ياڭروۋ پاۋمو» ئاشخانىسى خېپىڭ دۇخۇينىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مېھمانخانىسىنىڭ يېنىدا ئېچىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى باشقۇرغۇچىسى بىر بوۋاي ئىدى. ئۇنىڭ «ياڭروۋ پاۋمو» ۋە «ياڭشۆ فېنتاڭ»ى ناھايىتى داڭلىق ئىدى. خوۋ جيەنجۇڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «قىشنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنلىرىدە بىر قاچا ياڭشۆ فېنتاڭغا ھورى چىقىپ تۇرغان ئىككى مومىنى قوشۇپ يەۋالسام ئاجايىپ ئىسسىق باساتتى، ئۇ مەززىلىك تەم ھازىرغىچە ئېسىمدە».

 1984- يىلى ئەدەبىيات- سەنئەت يولى بازىرىنىڭ شەرق تەرىپىدە «شىئەن گۇلوۋفېڭۋېي ياڭروۋ پاۋمو تاماقخانىسى» دەپ خەتلەر يېزىلغان قىزىل رەختلىك لوزۇنكا ئېسىلغان بىر ئاشخانا ئېچىلدى. ئاشخانا ئاران 20 نەچچە كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بېزىلىشى ئاددىي، تۆتلا ئۈستەل قويۇلغان بولسىمۇ، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. 1985- يىلى «ياڭروۋ پاۋمو» ئاشخانىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى ئەن گۇيفېڭ دۇكىنىنى ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە كۆچۈرۈپ، نامىنى «ئەن لاۋتەي شىنجاڭ دىيىۋەن»گە ئۆزگەرتتى، ئاساسلىق ياڭروۋ پاۋمو ۋە شورپىلىق بەنشىر ساتتى.

 تەمى مەززىلىك، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، «ئەن لاۋتەي شىنجاڭ دىيىۋەن»نىڭ سودىسى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەنلەر ئىدى. ھەر كۈنى چۈشتە دۇكان ئادەملەر بىلەن لىق تولاتتى. «چۈشتە بىر قاچا ياڭروۋ پاۋمو يەۋالسام، كەچكىچە قورسىقىم ئاچمايتتى»، دېدى 68 ياشلىق لى جېن ئەسلەپ.

 ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەن گۇيفېڭ ئارقا سەپكە چېكىندى. 2005- يىلى «ئەن لاۋتەي شىنجاڭ دىيىۋەن» دۆلەت تاۋار ماركىسى بويىچە تىزىمغا ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشتى ھەمدە شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېمەك- ئىچمەك ماركىسى بولۇپ قالدى. ھازىر بۇ تاماقخانا 3- ئەۋلاد ۋارىسى بەي لۇغا مىراس قالدى، گەرچە نۇرغۇن يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، «ئەن لاۋتەي» ياڭروۋ پاۋموسىنىڭ تەمى يەنىلا ئۆزگەرمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «ئەن لاۋتەي شىنجاڭ دىيىۋەن» ماركىسى «ئۈرۈمچى يېمەك- ئىچمەك كونا داڭلىق ماركىسى» دەپ بېكىتىلدى، دۇكاندىكى ياڭروۋ پاۋمو، قوي گۆشى شورپىلىق بەنشىر، ئاچچىق- چۈچۈك قوي پاچىقى «شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېمەكلىكى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.

 41 يىل ۋاقىت بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كەتتى، «ئەن لاۋتەي شىنجاڭ دىيىۋەن» ئىزچىل ئەدەبىيات- سەنئەت يولىدا ھەر كۈنى ياڭروۋ پاۋمو ۋە باشقا خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ بېقىشقا كېلىدىغان خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى. نامى چىقمىغان كىچىك دۇكاندىن ھازىرقى شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېمەك- ئىچمەك ماركىسىغا ئايلانغىچە بولغان مۇساپىدە، «ئەن لاۋتەي شىنجاڭ دىيىۋەن» تاماقخانىسى ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى.

 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئەدەبىيات- سەنئەت يولى بازىرى يەنىلا بېيمېندىكى ئاۋات بازارلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ساۋ جېنرۇڭ 1995- يىلىدىكى قىشلىق كۈن توختاش كۈنى كەچتە ياتاقداشلىرى بىلەن بىللە بېيمېن ئەتراپىغا كەلگەندە ياتاقداشلىرى: «قىشلىق كۈن توختاش كۈنى چوقۇم بەنشىر يېيىش كېرەك، بولمىسا قۇلاق ئۈششۈپ قالىدۇ»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەدەبىيات- سەنئەت يولى بازىرىغا كەلدى، گەرچە كېچە بولسىمۇ ئادەملەر كۆپ ئىدى، ئۇلار بەنشىرخانىنى تاپتى، ئويلىمىغان يەردىن ئىچىدە ئۆچرەتتە تۇرغانلار كۆپ ئىدى، بۇ ھورى چىقىپ تۇرغان بەنشىرنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن، بۇ ئۈچ قىز يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئۆچرەتتە تۇردى.

 بەنشىرخانا چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن پاكىز، رەتلىك بولۇپ، ياغاچ ئۈستەللەر رەتلىك تىزىلغانىدى، ھورى ئۆرلەپ تۇرغان بەنشىرلەرنىڭ جىلتىسى نېپىز، قىيمىسى كۆپ بولۇپ، لازا- ئاچچىقسۇغا مىلەپ يېسە ئاجايىپ مەززىلىك ئىدى. ئەينى چاغدىكى شۇ تەم ساۋ جېنرۇڭنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئەڭ شېرىن ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى.

 ئەنئەنىۋىلىك بىلەن مودىنىڭ گىرەلىشىشى 

 1999- يىلى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت يولى بازىرى تارىخىي بۇرچىنى تاماملىدى. كېيىن ئەدەبىيات- سەنئەت يولى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان قورۇغا كۆچۈپ قايتىدىن تىجارەت باشلاپ، ئىلگىرىكى قاينام- تاشقىنلىقنى داۋاملاشتۇردى. بۇ يەردە پەسىللىك يېڭى كۆكتات، ھەر خىل دورا- دەرمان، قۇرۇق مېۋە، خۇرۇچلار سېتىلاتتى، يەنە قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما دۇكىنى، يېڭى قوي- كالا گۆشى دۇكىنى بار بولۇپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر كۈندىلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتا ئالدىن تاللايدىغان جاي ئىدى.

 2007- يىلى ئەدەبىيات- سەنئەت يولى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى قۇرۇق مېۋە توپ سېتىش سودىگىرى سۈن شياۋمېينىڭ دادىسى سۈن دېچۈن جياڭسۇدىكى يۇرتىدىن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەلگەندە، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممىلا يېرىدە شىنجاڭنىڭ خاس قۇرۇق مېۋىلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ، نېمىشقا بۇ قۇرۇق مېۋىلەرنى جياڭسۇغا ئاپىرىپ ساتمايمىز؟ دېگەن ئويغا كەلدى، ئاتا- بالا ئىككىيلەن سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇق مېۋە توپ سېتىش دۇكىنى ئاچتى. سۈن شياۋمېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە بىز ئېلېكتىرونلۇق سودا «تېز پويىز»ىغا ئولتۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەملىك تىجارەت يېڭى ئەندىزىسىنى ئاچتۇق. ئۇ چاغدا ھەر كۈنى مال سەپلەش، ئوراپ قاچىلاش، مال تارقىتىش بىلەن ئالدىراش بولاتتىم، يەنە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خېرىدارلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇراتتىم، ئالدىراشلا يۈرەتتىم. يايما ئورنىدىن تور دۇكىنىغىچە سۈن ئائىلىسىدىكى ئاتا- بالا ئەنئەنىۋى سودىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭ قۇرۇق مېۋىلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىشىدەك قالتىس جەرياننى باشتىن كەچۈردى.

 ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەدەبىيات- سەنئەت يولى يەنە بىر ئاددىي يولغا ئايلاندى، يول ئاۋۋالقىدەكلا كەڭ بولمىسىمۇ، لېكىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەل- دەرەخلەر يەنىلا بۈك- باراقسان ئىدى. ۋاقىت سۇغا ئوخشايدۇ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە مودا دۇكانلار پەيدا بولدى، خەلق كىنوخانىسىغا ئاز قالغان جايدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە مېۋە- چېۋە دۇكىنىدىن سىرت، يەنە يېمەك- ئىچمەك دۇكانلىرى ئېچىلدى.

 گەرچە بىر شەھەردىكى يول نامى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭغا تەدرىجىي ھالدا يېڭى مەنە يۈكلىنىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەدەبىيات- سەنئەت يولى جۇڭگوچە يېڭى ئۇسلۇبتىكى كىيىم- كېچەك دۇكىنى، يېمەك- ئىچمەك مەيدانى بىر گەۋدىلەشكەن جايغا ئايلاندى. جۇڭگوچە يېڭى ئۇسلۇبتىكى كىيىم- كېچەكلەر سېتىلىدىغان ئىككى دۇكاندا ھازىر مودا بولۇۋاتقان ماميەن يوپكىدىن ئۆزگەرتىلگەن جۇڭگوچە يېڭى ئۇسلۇبتىكى چىپاۋ قاتارلىق ئۆزگىچە كىيىم- كېچەكلەر خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. ئەدەبىيات- سەنئەت يولىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى مەززىلىك تائاملار مۇزىكىلىق تاماقخانىسى ئەتراپتىكى ياشلار ياخشى كۆرىدىغان يىغىلىش ئورنىغا ئايلاندى.

 ۋاقىت بىر ئۇزۇن دەريا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دەريادىن كېسىپ ئۆتكۈچى. ئەدەبىيات- سەنئەت يولىدا سەيلە قىلغاندا، كىشى خۇددى ئەينى يىللاردىن بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. يەنە ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەدەبىيات- سەنئەت يولى ئىلگىرىكى ئەدەبىيات- سەنئەت پۇرىقىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، زامانىۋى مودا ئامىللارنى سىڭدۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان، سىغدۇرۇشچان ئاممىۋى بوشلۇققا ئايلاندى. بۇ يەردە ئىلگىرىكى شاۋقۇن- سۈرەن ۋە كوچا- رەستىلەرنىڭ ئاۋاتلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە ھازىرقى جىمجىتلىق ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئۇسلۇبى بار.

 ئەدەبىيات- سەنئەت يولىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۇ ئالاھىدە كەڭ يول ئەمەس، ئەتراپىدا ئاسمان- پەلەك بىنالار يوق، ئەمما ئەڭ ئاددىي بولغان بۇ ئاۋات كوچا- رەستىدىن شەھەرنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 دەۋر رىتىمىغا ئەگىشىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت يولى داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، يېڭى ئامىل ۋە ئىجادىيەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلدى. ئەمما بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئەدەبىيات- سەنئەت يولىدىن قايناق تۇرمۇش پۇرىقى ۋە ئادىمىيەت پۇرىقى ئىزچىل تارىلىپ تۇرىدۇ، بۇ كىچىك كوچىدا يېڭى ئۈرۈمچى ھېكايىسى مەڭگۈ داۋاملىق پۈتۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125