ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال دېڭتا مەيدانىدىكى مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش «بازىرى» قىزىپ كەتتى
10:46:08 2025-05-19 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال دېڭتا مەيدانىدا تاماشىبىنلار ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلانماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ سىيۈەن فوتوسى)

 5- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) غەربىي ۋوگزال كوچا باشقارمىسىدىكى ئاھالىلەر كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىر- بىرىنى چاقىرىشىپ غەربىي ۋوگزال دېڭتا مەيدانىغا كەلدى.

 شۇ كۈنى كەچتە، غەربىي ۋوگزال كوچا باشقارمىسى ئاھالىلەر ئۈچۈن بىر مەيدان مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش «بازىرى» تەييارلىغانىدى.

 گوۋشى يولى مەھەللىسى سۈيلىڭ غەربىي ۋوگزال گوجۇاڭ ئۇسسۇلى ئۆمىكىدىكىلەر «ئەندو گوجۇاڭ» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىدى، پېنسىيەگە چىققانلاردىن تەشكىللەنگەن 20 كىشىلىك ئەترەت مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى، ئاھالىلەر يان تېلېفوندا سۈرەتكە تارتتى، سىنغا ئالدى، يەنە بەزىلەر ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لو جۈن مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇسسۇلدا كىشىلەرنىڭ مول ھوسۇل شادلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭدىكى خۇشاللىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

 مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى مەززىلىك تائاملار رايونى، رەسىم سىزىش رايونى، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش رايونى، سىياسەت تەشۋىقاتى رايونىمۇ ئوخشاشلا قىزىپ كەتتى.

 رەسىم سىزىش رايونىدا چيەنيۈەن مەھەللىسىدىكى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى لى ليەنخۇا ئاھالىلەرنىڭ يۈزىگە كېپىنەك ۋە قار لەيلىسى قاتارلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ قويدى؛ قول ھۈنەرۋەنچىلىك رايونىدا چيەنيۈەن مەھەللىسىدىكى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى شىن رۇيجۈەن كۆپچىلىككە ھەجۋىي رەسىم سىزىپ بەردى؛ مەززىلىك تائاملار رايونىدا يايما ئىگىلىرى تىجارەت يولى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، يەنە ئاھالىلەرنى خاس يېمەكلىكلەرنى ھەقسىز تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى؛ سىياسەت تەشۋىقاتى رايونىدا پىدائىيلار ئاھالىلەرگە خەلق ئىشلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى...

 ئاھالە ليۇ لىجۈەن مۇنداق دېدى: «سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش رايونىدا ئەڭ يېڭى ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت سىياسەتلەردىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي، يەنە پىدائىيلارغا ئالاقىلىشىش نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويدۇم، ئەگەر كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللە مۇناسىۋەتلىك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللىسە، پىدائىيلار ماڭا خەۋەر قىلىدىغان بولدى».

 قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، «گۈزەل يايلاق مېنىڭ ئائىلەم»، «قارلىق تاغقا باھار كەلدى»، «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، ھەرقايسى رايونلاردا ھەمتۈرتكە سىجىل كۈچەيدى، دېڭتا مەيدانىدىن ئۇزاققىچە كۈلكە ئاۋازى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

 ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ 5- ئايدىكى <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى>غا بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت ئاھالىلەرگە قاتنىشىش جەريانىدا خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرۇش، دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش. كەلگۈسىدە كوچا باشقارمىسى يەنە چوڭ بازار كەچلىك بازىرىدا <مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىڭ>، تۆمۈريول پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق بازىلارغا تايىنىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرىدۇ». (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125