باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، بىرلىك سەپكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دىققەتنى ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى قاتارلىق رايونلاردىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاشقى سودا كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش» خىزمىتىنى تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى تېخىمۇ چوڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماسلىشىش- ھەمتۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلار، دېڭىز بويىدىكى رايونلار قاتارلىقلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە يوللىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدا زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، چېگرا رايونلىرىنىڭ كەسىپلەرنى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ ۋە ئەمەلىي ئىستىلنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نىشانلىق تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ، بىرنى ھەل قىلغان ھامان بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەغەز يۈزىدە تۈزەش، ساختا تۈزەشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ مەركەزلىك تۈزەشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھە ۋە تارماقلارنىڭ تۈزىتىش، تۈزەشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شەكىلۋازلىق قىلىش، يۈزەكى ئىش قىلىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ھەرىكەتكە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن ئورتاق پىلانلاپ، ئورتاق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)