جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدە بىر ئايدا 790 مىڭ يولۇچى قېتىم توشۇدى
12:56:15 2025-05-20 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 4- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدە 5515 نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىمنىڭ ئۇچۇشىنى ئىجرا قىلدى، بۇ، 76 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، 67 ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسىنى قاپلىغان بولۇپ، 790 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى قېتىم توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا يولدا ئالماشقان يولۇچى 93 مىڭ 200 قېتىمدىن ئېشىپ، ئوتتۇرا يولدا ئالماشقان يولۇچىلارنىڭ سەپەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش نىسبىتى %99.48كە يەتتى.

 مۇخبىرنىڭ 5- ئاينىڭ 17- كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت مەيدانى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىغا يۆتكەلگەندىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يېڭى ئايروپورتنىڭ يۈرۈشۈش ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچىنى يادرو قىلغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرغان.

 دۆلەت ئىچى بازىرىدا، ئۈرۈمچى تۈگۈنىنىڭ توپلاشتۇرۇش رولى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، قەشقەرگە بارىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى سىجىل ئېشىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچىلار ئېقىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1700 يولۇچى قېتىمدىن ئاشتى؛ شاڭخەي، شىئەن، جېڭجوۋ، غۇلجا، ئاقسۇ، خوتەنگە بارىدىغان يولۇچىلار ئېقىمىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى ساقلاپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچىلار ئېقىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 يولۇچى قېتىمدىن ئاشتى.

 خەلقئارا بازاردا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش يۆنىلىشتە ئايروپىلان ئالمىشىشنى جىپسىلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتتى. مەيدان يۆتكەلگەن تۇنجى ئايدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان خەلقئارا يولۇچى مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20، ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدىغان خەلقئارا يولۇچى مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30كە يېقىن ئېشىپ، خەلقئارا يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىلدى.

 مەيدان يۆتكەلگەندىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سەپەرگە چىقىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 32 ئاپتوماتىك ئۈسكۈنە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، ھاۋالىلىك توشۇش، مۇساپە تالونىنى بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رايون ئىچىدە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بېجىرىشكە ھەمكارلىشىپ، يولۇچىلارنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى تېز، ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغانلار، يالغۇز سەپەرگە چىققان بالىلار قاتارلىق يولۇچىلارغا قارىتا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى «تېز ئىنكاس قايتۇرۇش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئېلېكتىرونلاشقان ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارقىلىق بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاھىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى پۈتۈن جەريانلىق ئىللىق قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئىنچىكىلەشكەن ئۇچۇش پىلانىنى تۈزۈپ، ئايروپىلان توختاش ئورنى بايلىقىنى ئىلمىي تەڭشەپ، ئايروپورتقا قونىدىغان- ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يولغا يېقىنلىشىش نىسبىتىنى پۇختا قەدەمدە %91.61كە يەتكۈزۈپ، يولۇچىلارنىڭ توشۇش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق، ئازادىلىك يارىتىپ بەردى.

 يېڭى مۇھىتقا قارىتا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈردى. مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش يوللىرىنى رەتلىدى ھەمدە مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلدى، تىزگىنلىدى. «ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئالدىن بېجىرىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئايروپىلان ئالمىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئالمىشىدىغان يولۇچىلارغا قارىتا مەخسۇس ئادەم پۈتۈن تەرتىپ بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئايروپىلان ئالمىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 بۇنىڭدىن باشقا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئارقا سېپى، لىفىت ئورنى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا توختىماي ياردەم بېرىلدى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى مەنزىلىدىن خەلقئارا رايون مەنزىلىگە ئالمىشىش ئالاھىدە رەسمىيەتلىرى ۋە تەرتىپى ئېچىۋېتىلىپ، ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش مۇلازىمەت سىستېمىسىدا ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىرغىچە، 4545 خەلقئارا يولۇچى قېتىمنىڭ ئايروپىلانغا ئوڭۇشلۇق ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، خەلقئارا يولۇچىنىڭ ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش يولى زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلان ئالمىشىش تەسىراتى ئۆستۈرۈلدى. (مۇخبىر لى كەي، ئىختىيارىي مۇخبىر ما چاۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125