كۈسەن مۇزېيى 5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ ئېچىۋېتىلدى
12:59:15 2025-05-20 تىيانشان تورى

 بىر يىللىق قۇرۇلۇش خىزمىتى تاماملىنىپ، ھەممە تەقەززا بولۇۋاتقان كۈسەن مۇزېيى ئاخىر 5- ئاينىڭ 18- كۈنى «خەلقئارا مۇزېي كۈنى»دە رەسمىي ئېچىلدى.

 بەلكىم نۇرغۇن دوست بۇ مۇزېينى ئانچە بىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ «كۈسەن» دېگەن نام بىلەن ئاتالغانلىقىنى كۆرۈپ، كۈسەن مۇزېيىنىڭ چوقۇم ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.

 بۇ يىللىق شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى كۈسەن مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش. 2025- يىللىق شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ «باش تېمىلىق ناخشىسى» − «كۈسەن»دۇر.

 كۈسەن رايونىغا يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش نەتىجىلىرى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ئىسپاتلىدى.

 بۇ يىللىق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى بولغان ئاقسۇ ۋىلايىتى بىر تۈركۈم كۈسەن مەدەنىيىتى نامايەندىسىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، 5- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېچىلغان كۈسەن مۇزېيى بۇ تۈرنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125