باغراش ناھىيەلىك ئېكولوگىيە مۇزېيى ئېچىلدى
12:39:31 2025-05-20 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇگۇرجاپ) 5- ئاينىڭ 17- كۈنى، تەبىئىي ئېكولوگىيە، تارىخىي ئادىمىيەت، خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيىتى قاتارلىق بايلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن باغراش ناھىيەلىك ئېكولوگىيە مۇزېيى ئېچىلدى.

باغراش ناھىيەلىك ئېكولوگىيە مۇزېيىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى. دۇگۇرجاپ فوتوسى

 بۇ مۇزېي دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى − قايدۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 23 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مۇزېي كۆرگەزمە زالى، ساياھەتچىلەر مەركىزى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 4500 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، جەمئىي تۆت قەۋەت كېلىدۇ. كۆپ خىللىققا ئىگە كۆرگەزمە قىلىش، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ۋە چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىشنى خاسلىق قىلغان بۇ مۇزېي باغراش ناھىيەسىدە كۆرگەزمە سارىيى ۋە مۇزېي ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى كۆزنەككە ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى يەر بەلگىسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ مۇزېي شۇ جايدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات- ئۆگىنىش بازىسىغا ئايلاندى.

ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەلىك ئېكولوگىيە مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. خۇ شىچى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125