463 دانە (يۈرۈش) مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلىدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يىن لۇ) 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تارىخىي مەدەنىيەت باغچىسىدا ئېچىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدا، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيىدا 2023- يىلى 5- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 128 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى 9950 كىۋادرات مېتىر، كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 5120 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاستى- ئۈستى ئىككى قەۋەتكە ئايرىلغان، دائىملىق كۆرگەزمە رايونىدا «قوشۇن باشلاپ يىراققا يۈرۈش قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇ «قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، پەرماننىڭ غەربىي يۇرتتا ئىجرا قىلىنىشى، چېگرا رايوننى ئېچىش، خەن سۇلالىسى تۈزۈمىنى ئۆرنەك قىلىش، بىر نىيەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن، كۆرگەزمە لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىر كېلىدۇ.
مۇزېيدا ھازىر جەمئىي 463 دانە (يۈرۈش) مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى زوركۈت قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كۈيۈك شەھەر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى ھەم ئەتراپتىكى مەدەنىيەت خارابىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلىرى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇ، ساپال بۇيۇملار، بىرونزا قوراللار، تۆمۈر قوراللار، سۆڭەك قوراللار، ھۆججەت، توقۇلما بۇيۇملار پارچىلىرى، پۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋردىن مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسىگىچە بولغان مەزگىلدىكى غەربىي يۇرت رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى جانلىق نامايان قىلىنغان.
مۇزېي ئىچىدە كۆپ خىللاشقان، رەقەملەشكەن كۆرگەزمە قىلىش ئۇسۇلى نامايان قىلىنغان. چۆكۈش شەكلىدىكى ھەقىقىي مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ياساش، رەقەملىك چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش بوشلۇقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، زوركۈت قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك نەق مەيدانى، سىرتقى مەنزىرىسىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشىنى مۇزېي ئىچىگە يۆتكەپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئارخېئولوگىيەلىك جەرياننى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى تۇرلىرى، يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنى كىچىكلىتىلگەن مودېل ئارقىلىق كۆرگەزمە قىلىپ، يەنە ھەرىكەتچان پىرويېكسىيە ئارقىلىق «مىڭ يىلنى ھالقىش» تەك كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشتىكى كۆرۈش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەم غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان، مەھكىمىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋۇلېيچېڭ قەلئەسى (بۈگۈنكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسى)دە، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ مۇھىم سىمۋولى. 2018- يىلى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ قوللىشىدا، بېيجىڭ داشۆ ئارخېئولوگىيە- مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي شۆيۈەنى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى قول تۇتۇشۇپ كۈيۈك شەھەر قەدىمىي شەھىرى، زوركۈت قەدىمىي شەھىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى باشلىدى، بۇ ئىككى «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» زور ئارخېئولوگىيەلىك تۈرىدە بىردەك غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي خارابىسىنىڭ توغرا ئورنى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى.
غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە پىلانلىغۇچىسى، بېيجىڭ داشۆ ئارخېئولوگىيە- مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن لىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: خارابىلىكنى سىستېمىلىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، خارابىلىكنىڭ ئۆزگىچە ئۈچ قات سېپىل قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكى بايقالدى ھەم خەن سۇلالىسى ئۆلچىمىدە ياسالغان كۆپ مىقداردىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىپ چىقىلدى، قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بۇ ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەر زوركۈت قەدىمىي شەھىرىنىڭ خەن سۇلالىسى، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى مەركىزىي شەھەر ئورنى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاچقۇچلۇق مىراس ۋە مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.
غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى غەربىي- شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى ھەم شۇ جايدىكى ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان جەمئىيەت قىياپىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ، كۆرگەزمە قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيدۇ. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى شىنجاڭنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت- ساياھەت يەر بەلگىسى ۋە تەشۋىقات- تەربىيە بازىسىغا ئايلىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەيدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)