چېن مىڭگو باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى جيانى) 5- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 35- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى پائالىيىتى ۋە «2025- يىللىق مېيىپلەر مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
چېن مىڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. 35- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر خىزمەتچىلىرىنى ئۆزىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىگە تايىنىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېيىپلەر خىزمىتى مېخانىزمى ۋە ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئۇدا ئۈچ يىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك ھەرىكەتنى كەڭ قانات يايدۇردى، مېيىپلەرنى چۈشىنىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، تېخىمۇ قولايلاشتى، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى، ئۇلار جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلمەكتە، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا.
چېن مىڭگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە مېيىپلەر خىزمەتچىلىرى فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مېيىپلەر توپى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، مېيىپلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، مېيىپلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى قەلبدىشى، سىردىشى بولۇشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر مېيىپلەرنى چۈشىنىپ، ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، ھۆرمەتلەشنى بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. كەڭ مېيىپ دوستلار قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت تۇرمۇشىغا پائال قاتنىشىپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى كەڭ سەھنىسىدە ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى يارىتىشى كېرەك.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى ئۆزىنى كۈچەيتىش ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش باش تېما تەشەببۇسىنى چىقىرىپ، «ئاجىز نۇردىن مەشئەل ھاسىل قىلىش» مېيىپلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى لېكسىيە ئۆمىكىگە بايراق بېرىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى مېيىپلەرنى ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە تايىنىشقا رىغبەتلەندۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىلەن شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نەق مەيداندا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.
دىلشات قىدىرخان، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۈ شيەنيى پائالىيەتكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)