غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزدىكى 500 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا مەنپەئەت يەتكۈزدى
11:44:30 2025-05-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

 توم ھەم مەزمۇت سېرىق رەڭلىك تۇرۇبا يولى خۇددى ئۇزۇن ئەجدىھاغا ئوخشاش غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- پونكىتىنى ئوراپ تۇراتتى، تۇرۇبا ئىچىدىكى تەبىئىي گاز توختىماي ئۆركەشلەپ تۇراتتى، چاڭ- توزانلارنى تازىلاپ بېسىمنى ئاشۇرغاندىن كېيىن، يول بويى شەرققە قاراپ ئاقىدۇ، ئەڭ يىراق بولغاندا شاڭخەيگە يېتىپ بارىدۇ.

 5- ئاينىڭ 16- كۈنى، «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىن شىنجاڭغا نەزەر» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بۈگۈر ناھىيەسىگە جايلاشقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- پونكىتىغا كەلدى. نۇرغۇن مۇخبىرنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئەسلىدە شەرقىي قىسىمدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گاز شىنجاڭنىڭ چۆل- جەزىرىسىدىن كەلگەن ئىكەن. «نۆۋەتتە، مەيدان- پونكىتلار كۈنىگە تەخمىنەن 60 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ كۈندىلىك گاز ئىشلىتىش مىقدارىنى 0.5 كۇب مېتىر دەپ ھېسابلىغاندا، بۇ يەردە ھەر كۈنى يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز 120 مىليون ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ»، دېدى جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى نېفىت- تەبىئىي گاز توشۇش- سېتىش ئىشلىرى بۆلۈمى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى لياڭ شىجيا.

 غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- پونكىتى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بىرىنچى سېپىنىڭ مەنبەسى ۋە باشلىنىش نۇقتىسى. 2002- يىلى، غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ، بۈگۈر ناھىيەسى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىدىن باشلىنىپ شاڭخەي شەھىرىنىڭ چىڭپۇ رايونى بەيخې بازىرىدا ئاخىرلىشىدىغان ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4200 كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى بىلەن غەربىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

 تارىم نېفىتلىكىدىكى %85تىن ئارتۇق تەبىئىي گازنى ئۆلچەش- يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى 1- پونكىت تارىم نېفىتلىكىنىڭ «يۈرىكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، 2004- يىلى 9- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، 20 يىلدىن ئارتۇق مۇقىم يۈرۈشۈپ كەلدى.

 مەيدان- پونكىتلارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- پونكىتى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، مەيدان- پونكىتلارنىڭ يۇقىرى بوشلۇقىغا مېتاننى لازېر نۇرلۇق يىراقتىن سېزىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلدى، ئۇ خۇددى بىر «قاراۋۇل»غا ئوخشاش 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، مەيدان- پونكىتلاردا تەبىئىي گاز چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى بار، ئۇ تومۇز ئىسسىقتىن قورقماي، قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي، چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشچىلىرىنىڭ كېچە- كۈندۈز مەيدان- پونكىتلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

 «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- پونكىتى يەنە توك بېسىمى پەرقى قۇۋۋىتىنى يىغىۋېلىش سىستېمىسى ئارقىلىق «نۆل كاربونلۇق» توك تارقاتتى. سىرتقا تەبىئىي گاز يەتكۈزگەندە، تەبىئىي گازنى قىسىپ بېسىمنى ئاشۇرۇپ، تەبىئىي گازنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى ئاشۇرۇلىدۇ، مەيدان-  پونكىتلار بۇ بېسىم پەرقىدىن پايدىلىنىپ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ چىشلىق چاقىنى ئايلاندۇرۇپ توك چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بىر يىلدا چىقىرىلغان توك مىقدارى مەيدان- پونكىتلارنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن سىرت، يەنە زور مىقداردا ئېشىنچا قالىدۇ، ئېشىنچا توك ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق سىرتقا يەتكۈزۈلىدۇ. 2023- يىلى 10- ئايدا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- پونكىتى «نۆل كاربونلۇق» نېفىت- تەبىئىي گاز مەيدان- پونكىتى دەپ بېكىتىلدى.

 جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى نېفىت- تەبىئىي گاز توشۇش- سېتىش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چاڭ گۇيچۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- پونكىتى تۆۋەن ئېقىمغا جەمئىي 370 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز يەتكۈزدى، بۇ، 492 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، 529 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

 ھازىرغا قەدەر، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا تۆت تۇرۇبا لىنىيەسى پۈتتى. 2- لىنىيە غەربتە قورغاستىن باشلىنىپ، شەرقتە شاڭخەيگە، جەنۇبتا گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭغا تۇتىشىدۇ؛ 3- لىنىيە غەربتە قورغاستىن باشلىنىپ، جەنۇبتا فۇجيەن، گۇاڭدۇڭغا تۇتىشىدۇ؛ 4- لىنىيە (تۇرپان − جۇڭۋېي)نىڭ شىنجاڭ بۆلىكى 2024- يىلى 9- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 1- لىنىيەسى، 2- لىنىيەسى، 3- لىنىيەسى، 4- لىنىيەسىدىن ئورتاق بەرپا قىلىنغان تۇرۇبا يولى سىستېمىسى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى بىلەن جۇڭگو- رۇسىيە شەرقىي لىنىيەسى، سىچۇەننىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى، جياڭسۇ- ئەنخۇي تۇرۇبا يولى، چىڭداۋ- نەنجىڭ تۇرۇبا يولى ئارىسىدا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەبىئىي گاز «بىر تور»ىغا قوشۇلدى.

 نۆۋەتتە، تۆت تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 2- لىنىيەسى تۈركمەنىستاندىن باشلانغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قورغاستا تۇتاشتۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئۇزۇن ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

 ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تۇرۇبا يولى ئارقىلىق، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۇرۇبا يولى سىستېمىسىنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلاپ، 400دىن ئارتۇق شەھەر، 3000دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا ۋە 500 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا نەپ يەتكۈزدى.

 غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولغان تارىم نېفىتلىكى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپلا جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، 2013- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن. ھازىرغا قەدەر، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش مۇساپىسى 4700 كىلومېتىردىن ئېشىپ، جەمئىي يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز 65 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى تەبىئىي گاز ئارقىلىق تەمىنلەش دائىرىسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125