پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك
11:26:45 2025-05-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى مەقسىتى پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، بۇنى پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە خاراكتېرى بەلگىلىگەن. دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىپ قايسى سەۋىيەگە يېتىشىدىن، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ قايسى دەرىجىگە ئۆرلىشىدىن قەتئىينەزەر، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل- تېجەشلىك بولۇش ئىدىيەسىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ». يېقىندا، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى سىجىل چوڭقۇرلىشىۋاتقان، پۇختا ئەمەلىيلىشىۋاتقان پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تۈزۈم بولتىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىستىل قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش- بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دېگەن سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلەش كۈچى ئارقىلىق بۇزۇپ- چېچىپ ئىسراپ قىلىشتەك ئىستىلدىكى ئىللەتلەرنى، ھەرىكەتتىكى نۇقسانلارنى قەتئىي توسۇشى ۋە تۈپتىن تىزگىنلىشى كېرەك.

 ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈم توسمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. 2013- يىلى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «نىزام»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى ھەم «نىزام»نى ئاساسىي تايانچ قىلغان، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەخسۇس يۈرۈشلەشكەن قائىدە- تۈزۈملەردىن ئورتاق ھاسىل بولغان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «ئاپتوموبىل ئىشلىتىشتىكى چىرىكلىك»، «يېمەك- ئىچمەك ئىسراپچىلىقى»، «ئارامخانىدىكى ناچار ئىستىل» قاتارلىق ئىستىلدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك توستى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، گەرچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قايتا- قايتا تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، قىسمەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بەتخەجلىك قىلىش، ھەشەمەتچىلىك- ئىسراپچىلىق ئەھۋاللىرى يەنىلا پات- پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش، يوشۇرۇن ئۆزگىرىۋاتقان «تۆت خاھىش» مەسىلىسى قايتا- قايتا چەكلەنسىمۇ يەنىلا تۈگىمەيۋاتىدۇ. بۇ قېتىم «نىزام»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندە، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ خىراجەت باشقۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى كاماندىروپكا، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ۋاقىتلىق چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل، يىغىن پائالىيىتى، ئىشخانا ئۆيى، بايلىق تېجەش قاتارلىقلارغا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادچىل- تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، بۇزۇپ- چېچىپ ئىسراپ قىلىشقا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈم توسمىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

 باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىراجەت ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كاماندىروپكا پائالىيىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ۋاقىتلىق چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش پائالىيىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل، يىغىن پائالىيىتى، ئىشخانا ئۆيلىرىنى قاتتىق ۋە چىڭ باشقۇرۇپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، بارلىق ئىشلارنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېجىرىپ، قاتتىق ۋە ئىخچام تەدبىر قوللىنىپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، چىقىمنى قاتتىق تىزگىنلەپ، چەكلىك مالىيە مەبلىغىنى دەل جايىغا ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى تەرەققىيات ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئامما ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئىشلىتىشى كېرەك.

 توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەلققە جاپا سالىدىغان، مال- مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» بىلەن شۇغۇللىنىشنى قاتتىق چەكلەش گەۋدىلىك تەكىتلەندى. تەدبىر بەلگىلەشتىكى سەۋەنلىك ئەڭ چوڭ ئىسراپچىلىق. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈش، سىياسەت- تەدبىرلەرنى چىقىرىش، چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىشنىڭ ھەممىسىدە بەتخەجلىك قىلىش، بۈگۈننىلا ئويلاپ ئەتىنى ئويلىماسلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشى، چەكلىك مالىيە بايلىقىنى ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئىشلىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر خىل شەكىلدىكى «سىياسىي نەتىجە ئۈچۈن ئۆزىنى باسالماسلىق كېسىلى»نى قەتئىي تۈزىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى خاتا بولۇش، مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشتە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش، بولۇپمۇ «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» بىلەن شۇغۇللىنىپ ئېغىر ئىسراپچىلىق پەيدا قىلىشىغا قارىتا جەزمەن جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

 بۇزۇپ- چېچىپ ئىسراپچىلىق قىلىشتەك ناتوغرا ئىستىل، ناچار خاھىشنى قاتتىق توسۇش كېرەك. يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ بۇزۇپ- چېچىپ ئىسراپ قىلىش ئەھۋالىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا، ئىنتىزام تەلىپى يەنىمۇ چىڭىتىلىپ، تۈزۈم ئۆتكۈر چىش ۋە تىكەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت ئىشى پائالىيىتى، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل، يىغىن پائالىيىتى، ئىشخانا ئۆيى قاتارلىقلاردا تېجەشلىك بولۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سېتىۋېلىش ياكى ھەشەمەتلىك ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنى قاتتىق چەكلەش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشنى قاتتىق چەكلەش، كۈتۈۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەيدان- ئورۇن ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سېلىش ياكى ھەشەمەتلىك بېزەشنى قاتتىق چەكلەش، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا ئالىي دەرىجىلىك سەپلىمىلەر ياكى ھەشەمەتلىك ئىچكى بېزەكلەرنى كۆپەيتىشنى قاتتىق چەكلەش، بايرام، كۆرگەزمە، مۇنبەر، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مۇسابىقە قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئۆزئارا بەسلىشىش، ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، بۇزۇپ- چېچىپ ئىسراپ قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدىكى «يۈز- ئابرۇي قۇرۇلۇشى»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە تۈزىتىش كېرەك.

 تېجەشلىك ئورگان قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك ئورگان قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ئىقتىسادچىل- تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇشى، بۇزۇپ- چېچىپ ئىسراپ قىلىشقا قارشى تۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېجەشلىك بولۇش قارىشى، ئاددىي- ساددا بولۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مەبلەغ بايلىقىنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىپ، ئاشلىق تېجەش ھەرىكىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك مەبلەغ بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېجەشلىك ئورگان قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. 

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ  18- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125