«جۈسەي دوختۇر» ياڭ جۇڭشيەننىڭ ھېكايىسى
11:50:21 2025-05-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ليۇ فېڭ

 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، مەن باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سارچوقا يېزىسىغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ، قازاق مىللىتىنىڭ قەبرە توپى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان يېزا- كەنت دوختۇرى ياڭ جۇڭشيەننىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، بىر دەستە تاغ گۈلى بىلەن يېڭىدىن ئۈزگەن بىر باغلام جۈسەينى قەبرە تېشىنىڭ ئالدىغا ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن ئاستاغىنا قويدۇم...

 باركۆلنىڭ كىلىماتى سوغۇق، ئەمما جۈسەينىڭ ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئەڭ سوغۇق قىش كۈنلىرىدىمۇ توڭلاپ قالمايدۇ، شۇ جايدىكىلەر تۇرمۇشىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن چىقىش قىلىپ، قازاق مىللىتى چارۋىچىلىرى يېقىملىق قىلىپ ياڭ جۇڭشيەننى «جۈسەي دوختۇر» دەپ ئاتىشىدۇ.

 مۇخبىر بولغىنىمغا نەچچە ئون يىل بولدى، مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى كۆپ يىللار ئىلگىرىكى ئاشۇ بىر قېتىملىق زىيارەت ئىدى.

 1999- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى، مەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ باركۆلگە زىيارەتكە باردىم. سارچوقا يېزىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يول بويىدىكى قازاق مىللىتى قەبرە توپى ئارىسىدا، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىر قەبرىسىنى تۇيۇقسىز بايقىدىم. شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ مىللىتىنىڭ قەبرىسى بىلەن باشقا مىللەتلەر قەبرىسىنىڭ سىرتقى شەكلىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بارلىقىنى بىلىدۇ. مەن ئەجەبلىنىش ئىلكىدە، ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تىزغا كەلگۈدەك قارنى كېچىپ قەبرە ئالدىغا باردىم.

 كۆز ئالدىمدىكى كۆرۈنۈش مېنى ھەيران قالدۇردى! قەبرە تېشى ئوتتۇرىسىغا ياڭ جۇڭشيەننىڭ قەبرىسى دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ، يېنىدىكى ئىككى قۇر خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى: چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىدى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە چارۋىچىلارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى.

 خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان بۇ كىشى نېمە ئۈچۈن قازاق مىللىتى قەبرە توپى ئارىسىغا دەپنە قىلىندى، قەبرە تېشىنىڭ ئارقىسىدا يەنە قانداق ھېكايىلەر بار؟ مەن توختىماي يول يۈرۈپ سارچوقا يېزىسىغا بېرىپ، ياڭ جۇڭشيەننىڭ خوتۇنى پېڭ چياۋگې بىلەن كۆرۈشتۈم، لاۋ ياڭ توغرىسىدا زىيارەت قىلىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، ئۇ مېنى قوندۇرۇپ قالدى. ئون نەچچە كۈندە، مەن 100گە يېقىن چارۋىچى ۋە كادىر، ئاممىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئاخىر بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىپ، ياڭ جۇڭشيەننىڭ يۇلتۇزدىنمۇ كۆپ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى قېزىپ چىقتىم...

 ياڭ جۇڭشيەن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېنپىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1962- يىلى ئۈرۈمچى تۆمۈريول سەھىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، باركۆلنىڭ سارچوقا يېزىسىغا كېلىپ، يېزا- كەنت دوختۇرى بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ تەقدىرى بۇ ئوتلاق ۋە چارۋىچىلار بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى.

 تىل ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش راۋان بولمىسا، چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش تەسكە توختايدۇ! ياڭ جۇڭشيەن ھەر قېتىم چارۋىچىلىق رايونىغا سەييارە كېسەل كۆرگىلى بارغاندا، چارۋىچىلارنىڭ تىت- تىت بولغان ھالىتىنى كۆرەتتى، ئۇلار قول ئىشارىسى قىلىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، بىر جۈملىسىنىمۇ چۈشىنەلمىگەچكە، ئۇ قازاق تىلىنى ئۆگىنىشكە بەل باغلىدى. كىچىك خاتىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى كۆچۈرۈۋېلىپ، يېنىغا يەنە خەنزۇچە خەت ئارقىلىق ئىزاھلىدى. ئۇ چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى تېزدىن پىششىق بىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى 40 نۇسخا قىلىپ تۈزۈپ، كىچىك خاتىرىگە سىزىپ چىقتى. يېرىم يىلدىن كېيىن، ياڭ جۇڭشيەن ئاددىي سۆزلەرنى قازاق تىلىدا ئىپادىلىيەلەيدىغان بولدى؛ بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ چارۋىچىلار بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان بولدى. كېيىن ئۇ قازاق مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىۋېلىپ، يەنە چارۋىچىلىق رايونىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرگە تەرجىمانلىق قىلىپ بېرەلەيدىغان بولدى.

 37 يىلدا، ياڭ جۇڭشيەن باركۆلدىكى تاغ- دەريالارنىڭ ھەممىسىنى كېزىپ، ئوتلاقتىكى چارۋىچىلارغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى 24 سائەت چارۋىچىلارغا ئوچۇق ئىدى.

 1980- يىلىدىكى قىشنىڭ بىر كۈنىدە، ياڭ جۇڭشيەن نۆۋەتچىلىك قىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئەمدىلا تاماققا ئېغىز تېگىشىگە، شىسەن چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى باھار «جۈسەي دوختۇر» دەپ توۋلاپ، يۇرتدىشى بىلەن بىللە خوتۇنىنى كۆتۈرگىنىچە ئۈسۈپ كىردى. ياڭ جۇڭشيەن بۇنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ كەتتى، بالىنىڭ بېشى كۆرۈنۈپ قالغانىدى، ئۇ دەرھال تۇغۇتلۇق ئايالنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ تۇغدۇرۇشقا باشلىدى. بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، بالا ئاخىر تۇغۇلدى، يۈزى كۆكىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈنى چىقماي قالغانىدى. ياڭ جۇڭشيەن ھېچنېمىگە قارىماي، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرۈپ، بوۋاقنىڭ ئاغزىدىن باش سۈيىنى بىر يۇتۇم- بىر يۇتۇمدىن شوراپ چىقاردى. بوۋاقنىڭ «ئىڭە!» دېگەن جاراڭلىق يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى خاتىرجەملىككە چۆمدى. تۇنجى قېتىم دادا بولغان باھار ئوغلىنىڭ قىزىل ئالمىدەك يۈزىگە قاراپ، ھاياجانلانغان ھالدا لاۋ ياڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ يىغلاپ كەتتى.

 ئىلگىرى باركۆلدە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى تەسكە چۈشەتتى. ياڭ جۇڭشيەن دوختۇر بولغان مەزگىلدە، قىيىن تۇغۇتلۇق بىر ھامىلىدار ئايالنى قۇتقۇزغىلى بارغاندا، كىگىز ئۆيگە كىرىپلا چۆچۈپ كەتتى. تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بىلىكىنىڭ تۈۋرۈككە باغلانغانلىقى، ئىككى پۇتىنى ئەگكىنىچە كىگىز سېلىنغان كاڭنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقى، بىر تۇغۇت ئانىسىنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ قورسىقىنى بار كۈچى بىلەن تۆۋەنگە بېسىۋاتقانلىقىنى كۆردى، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

 كاڭ شىرەسى ئۈستىگە بىر پىچاق سانجىلغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە بۇ ئارقىلىق يامانلىقتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. بوۋاق مىڭ تەسلىكتە تۇغۇلغاندا كالپۇكى كۆكىرىپ، ئېڭىكى كىرىشىپ كەتكەنىدى، بۇ دەل قوللانمىلاردا ئېيتىلغان تۇغۇتتىن كېيىنكى قاتما كېسىلى ئەمەسمۇ؟

 «باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، فېئوداللىق، خۇراپاتلىق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى نابۇت قىلىپ كەلگەن. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كونا ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇش سەۋەبىدىن قاتما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %30كە يەتكەن.

 بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ياڭ جۇڭشيەن قاتتىق چۆچۈدى. چارۋىچىلىق رايونىدا، قازاق مىللىتى چارۋىچىلىرى ئارىسىدا ساغلاملىق بىلىملىرىنى تارقىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى، يېزا- كەنت دوختۇرلىرىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدى.

 شۇنىڭدىن كېيىن، ياڭ جۇڭشيەن زېھنىنى ئاياللار كېسەللىكلىرى- تۇغۇت ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا قارىتىپ، كىتابلاردىن جاۋاب ئىزدىدى، مۇتەخەسسىسلەردىن تەلىم ئالدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ سارچوقا يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چارۋىچىلىق رايونىدا يېڭى ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇشنى ئومۇملاشتۇردى، ئۇ تۇغدۇرغان ئاياللار ۋە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ئامان- ئېسەن بولدى. 37 يىلدا، ئۇ يېڭى تۇغۇلغان 2600دىن ئارتۇق بوۋاقنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپ، بىرمۇ بوۋاق ئۆلۈپ كەتمەسلىكتەك مۆجىزىنى ياراتتى. چارۋىچىلار ئۇنى يېقىملىق ھالدا «كىندىك ئاتىسى» دەپ ئاتىدى.

 1986- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، ياڭ جۇڭشيەن قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى بولدى.

 1999- يىلى 1- ئايدىكى بىر كۈنى، ياڭ جۇڭشيەن چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتتى، ئۇنىڭغا ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ياڭ جۇڭشيەن مۇددەتتىن بۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۇ ئاخىرقى كۈنلىرىنى سارچوقىدىكىلەرگە بېغىشلىماقچى بولدى. يۇرتداشلار خۇددى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋالغاندەك ھېسسىياتتا بوغۇرساق، قەنت- گېزەكلەرنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچتى.

 ياڭ جۇڭشيەننىڭ ئاشقازىنى ئېلىۋېتىلگەنلىكتىن، پەقەت ئازراق سۇيۇق تاماقلارنىلا يېيەلەيتتى، ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىرادىسى بىلەن كارىۋات بېشىغا يېرىم يۆلىنىپ تۇرۇپ چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆردى. 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۇ قەدىناس دوستى جاقياتنىڭ كېسىلىنى داۋالىدى. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ تىڭشىغۇچنى ئالغۇدەكمۇ ماغدۇرى قالمىغانىدى، خوتۇنى ياردەملىشىپ تىڭشىغۇچنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئىلىپ قويدى، بۇ ياڭ جۇڭشيەن ھايات ۋاقتىدا داۋالىغان ئەڭ ئاخىرقى ئاغرىق ئىدى.

 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، بىر كۈن ھوشسىز ياتقان ياڭ جۇڭشيەن ھوشىغا كېلىپ، ئاكىسىغا تەستە مۇنداق دېدى: «ئاكا، بۇ ئۆمرۈمدە ھېچ يەرگە بارغۇم يوق، مېنى سارچوقىدا قالدۇرۇپ قويۇڭلار...»

 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، ياڭ جۇڭشيەن 56 ياشلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، باركۆل ئوتلىقىدا كۆز يۇمدى، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتىنى تەقدىم قىلغان يۇرتىغا سىڭىشىپ كەتتى.

 دەپنە مۇراسىمى كۈنى ناھىيە بازىرىدىن سارچوقا يېزىسىغىچە بولغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان يول تەرەپ- تەرەپتىن ياڭ جۇڭشيەننى ئۇزاتقىلى كەلگەن 4000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن لىق تولدى.

 ئىلگىرى ياڭ دوختۇر تەرىپىدىن ھاياتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان تۆمۈرخان ئاتلىق 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاراتۆرۈك ھەربىي ئات فېرمىسىدىن يېتىپ كېلىپ، ياڭ جۇڭشيەننىڭ سۈرىتى ئالدىغا ئېتىلىپ بارغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.

 73 ياشلىق پېشقەدەم چارۋىچى نۇرلىخان ياڭ جۇڭشيەننىڭ سۈرىتىنى سىلىغىنىچە يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بالام، سىز ھاياتىمنى ئۈچ قېتىم قۇتقۇزغانىدىڭىز، مەن تېخى ياشاۋاتىمەن، سىز نېمىشقا كېتىپ قالىسىز؟»

 ياڭ جۇڭشيەننىڭ «كۆز يۇمغىنىمدا سارچوقىغا دەپنە قىلىڭلار» دېگەن ئارزۇسى بويىچە، قازاق مىللىتى چارۋىچىلىرى بۇ خەنزۇ قېرىندىشىنى قوينىغا ئېلىپ، قائىدىنى بۇزۇپ ئۇنى قارلىق تاغ ئېتىكىدىكى قەبرە توپى ئارىسىغا دەپنە قىلدى.

 ياڭ جۇڭشيەن ھايات ۋاقتىدا «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ باھالاندى، 2000- يىلى «خەلق ساغلاملىقىنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

 1999- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، مەن زىيارەت قىلىپ يازغان «ياڭ جۇڭشيەن ھاياتى بەدىلىگە سەلتەنەتلىك كىشىلىك ھاياتنى پۈتتى» ناملىق شەخس ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەر «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش بېتىنىڭ باش ئىستونىغا بېسىلدى. ياڭ جۇڭشيەننىڭ ئىش ئىزلىرى جەمئىيەتتە غايەت زور ئىنكاس قوزغاپ، مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن ھەر مىللەت ئاممىنى تەسىرلەندۈردى.

 مەنمۇ مەملىكەت بويىچە تىپىك شەخس توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەقىقىي خەۋەر قىلغانلىقىم ئۈچۈن، 7- نۆۋەتلىك فەن چاڭجياڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم.

 بۈگۈنكى كۈندە، ياڭ جۇڭشيەننىڭ قەبرىسى كەينىدە باركۆل يېڭى شەھىرى قەد كۆتۈردى، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، كان- زاۋۇتلار يۇلتۇزلاردەك كۆپەيدى؛ دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەر زىچ جايلىشىپ، بىر- بىرىگە ھۆسن قوشتى؛ ھەممە يەر يېشىللىققا ئورىنىپ قوي- كالىلار تۆپىلىكلەرنى قاپلىدى؛ كۆل سۈيى چايقىلىپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئەگەر ئۇ ھايات بولغان بولسا، بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان يۇرتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام سەھىيە- ساغلاملىق ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى.

 2010- يىلى، باركۆل 720 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ياڭ جۇڭشيەن خاتىرە سارىيى سالدى. 2023- يىلى، خاتىرە سارىيى يادرو قىلىنغان ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي باغچىسىغا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، قومۇل شەھىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسى بولۇپ، ئاشۇ ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلدى. 2024- يىلى، باركۆل «جۈسەي دوختۇر ياڭ جۇڭشيەن» ناملىق ھېكايە كىتابنى نەشر قىلدۇردى، ياڭ جۇڭشيەننىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرگە ئىلھام بەردى.

 ياڭ جۇڭشيەن خاتىرە سارىيىغا كىرگىنىمىزدە، داتلىشىپ كەتكەن تۇغۇت قىسقۇچى، قېپى ئۇپراپ كەتكەن كونا دورا ساندۇقى شىۋىرغانلىق كېچىدىكى كونا ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ تۇراتتى. «دورا ساندۇقىنىڭ قاپقىقىدىكى بۇ ئويۇلۇپ كەتكەن ئىز ياڭ دوختۇر كېچىدە ئات مىنىپ كېتىۋېتىپ تاغ باغرىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ كەتكەندە قالغان.» سارچوقا يېزىسى غەربىي سۇجى كەنتىدىكى 63 ياشلىق چارۋىچى غالىم سېرىك دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن دورا ساندۇقىنى يەڭگىل سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېسىمدە قېلىشىچە، 1968- يىلى قىشتا، دادامنىڭ ئۈچىيى تۇيۇقسىز توسۇلۇپ قالدى، ياڭ دوختۇر شىۋىرغانغا قارىماي ئاتلىق 40 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئۆيىمىزگە كەلگەندە قار ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدى، باش كىيىمى مۇز تۇتۇپ كەتكەنىدى، ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇ كاڭدا تىزلانغىنىچە دادامنىڭ كېسىلىنى تەكشۈردى.» بۇنى كۆرۈپ غالىمنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى، كېيىن ياڭ دوختۇر دورا ساندۇقىنى ئۇنىڭ دادىسىغا قالدۇرۇپ، «ئاغرىپ قالسىڭىز مىس قوڭغۇراقنى چېلىڭ، ئاڭلىغان ھامان كېلىمەن»، دېگەنىدى.

 يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، دادىسى كونا دورا ساندۇقىنى غالىمغا قالدۇردى، غالىممۇ بۇنى دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىشكە ئىرادە باغلىغان ئوغلى ئېربولغا قالدۇردى. ئېربول ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، سارچوقا يېزىلىق دوختۇرخانىدا دوختۇر بولدى. 2023- يىلى، ئۇ ياڭ جۇڭشيەننىڭ روھى مۇجەسسەملەنگەن كونا دورا ساندۇقىنى خاتىرە سارىيىغا تەقدىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىلغارلاشتى، ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ئىشلىتىدىغان بولدۇق. لېكىن ياڭ بوۋامنىڭ كونا دورا ساندۇقى ماڭا مۇنداق ھەقىقەتنى ئۆگەتتى: يېزا- كەنت دوختۇرلىرىنىڭ قەدىمىگە قار- شىۋىرغان توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا پەقەت مەسئۇلىيەت، ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە ھاياتلىقلا بار».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125