«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى لى ياڭ) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ئېفىيوپىيە، زامبىيەدە زىيارەتتە بولدى ھەم ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئافرىقىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەتلىشىش- كېڭىشىش، ئىقتىساد- سودا كېڭىشىشى، تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دوستانە شەھەرلەر ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەم ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئېفىيوپىيەدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەددىس ئەبېبەدە زىيارەتتە بولدى، ئالاقىدار تارماقلار ھەم ئىشتات مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، جۇڭگو (شىنجاڭ) − ئېفىيوپىيە يەرلىكلەر ئارا كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئورومىيە ئىشتاتى، ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن دوستانە رايون- ئىشتات مۇناسىۋىتى مۇددىئانامىسى ھەم ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. زامبىيەدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى لۇساكادا زىيارەتتە بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ھەم ئۆلكە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى، جۇڭگو (شىنجاڭ) − زامبىيە يەرلىكلەر ئارا كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، تانزانىيە- زامبىيە تۆمۈريولى خاتىرە باغچىسىغا بېرىپ زامبىيەگە ياردەم بېرىشتە قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زامبىيەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەت ئورنى، زامبىيە- جياڭشى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، شەرق ئۆلكىسى بىلەن دوستانە رايون- ئۆلكە مۇناسىۋىتى مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى. جۇڭگو شىنجاڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېفىيوپىيە بىلەن زامبىيە ئىككى دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى كۆپ قېتىم ئۆمەك ئەۋەتىپ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلماقتا. بىز جۇڭگو بىلەن ئېفىيوپىيە، جۇڭگو بىلەن زامبىيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد- سودا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.
ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياراتقان يېڭى ۋەزىيەت، قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلەرنى تەبرىكلىدى ھەم جۇڭگو تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش تەخىرسىز ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ئافرىقا خەلقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېڭى ئېنېرگىيە، سودا، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، باش ئەلچى خۇ چاڭچۇن، ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى چېن خەي، زامبىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى خەن جىڭ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇن، تارماقلار ۋە كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)