«18- ماي خەلقئارا مۇزېي كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى باشلاندى
11:48:54 2025-05-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، «18- ماي خەلقئارا مۇزېي كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى بۈگۈر ناھىيەسىدە باشلاندى. شۇ كۈنى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى، كۈسەن مۇزېيى ئېچىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

 بۇ يىللىق خەلقئارا مۇزېي كۈنىنىڭ باش تېمىسى «تېز ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەتتىكى مۇزېيلارنىڭ كەلگۈسى». شۇ كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار 300 مەيداندىن ئارتۇق تەشۋىقات پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى، مەقسەت مۇزېيلارنى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىدىغان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەنىۋى ماكان قىلىپ بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

 غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى بۈگۈر ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، 463 دانە (يۈرۈش) مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە بۇيۇمى ئارقىلىق، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەم تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىخىي ئىزلىرىنى سىستېمىلىق ئىزاھلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان مۇھىم ئەمەلىي سۇپا بەرپا قىلدى. كۈسەن مۇزېيى كۇچا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەر ۋە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا تايىنىپ، تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ھۆججەتلىك ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەر ئارقىلىق، جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتەك تارىخىي پاكىتنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ، كۈسەن تارىخىنىڭ تومۇرىنى سىستېمىلىق نامايان قىلدى.

 «18- ماي خەلقئارا مۇزېي كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. نەق مەيداندا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇزېي كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرۇلغان نادىر بۇيۇملار تۈرى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇزېي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر مىساللار ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن 22- نۆۋەتلىك (2024- يىللىق) مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ مۇزېي كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرۇشقا تاللانغان نادىر ئەسەر تۈرلىرى مۇكاپاتلاندى، «يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى (3)» ئالاھىدە پوچتا ماركىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، «داڭلىق شەخسلەرنىڭ بايانى . شىنجاڭدىكى تەبەسسۇم قوغدىغۇچىلار» ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى قوزغىتىلدى.

 نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان مۇزېيدىن 150ى بار، 2024- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مۇزېيلار كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى 13 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، مۇزېيلارنىڭ يىغىپ ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش، تەربىيەلەش ئىقتىدارى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125