100 تۈرلۈكتىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى قىزغىنلىقنى ئاشۇردى
12:38:21 2025-05-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ھەبىبە) بۇ يىل 5- ئاينىڭ 19- كۈنى 15- قېتىملىق جۇڭگو ساياھەت كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى 100 تۈرلۈكتىن ئارتۇق مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى يولغا قويدى، مەززىلىك تائاملار بايرىمى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، چاقلىق كانكى تېيىلىش، گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر قالتىس نامايان بولدى.

 جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە «گۈزەل تاغ- دەريالار، گۈزەل سەپەر − يولغا چىقايلى! شىنجاڭ» باش تېما قىلىنغان، خاس يارقىن نۇقتا پائالىيىتىدە مۇزىكا، ئەرمەك ھايۋان، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق كۆپ خىل ھېس قىلىش يۇغۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ.

 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسى ھەر كۈنى سائەت 21دىن سائەت 23 كىچە «مۇزىكا ئاجايىپ شادلىق باغچىسى»غا ئايلىنىدۇ. كۆل بويى مۇزىكا كېچىلىكى، ئارقا ساندۇق بازىرى، پىۋا مۇسابىقىسى نۆۋەت بىلەن باشلىنىدۇ، دەرەخ شاخلىرىغا ناخشا تېكىستى ئېسىلىپ، كۆل يۈزىگە مېلودىيە تەسۋىرى چۈشۈرۈلۈپ،  چۆكۈش شەكلىدىكى «غەربىي قىسىم ناخشا شەھىرى» تەسىراتى يارىتىلىدۇ. 5- ئاينىڭ 20- كۈنى يەنە «ئەرمەك ھايۋانلار»نى كۆرگەزمە قىلىش ھالقىسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىدۇ − پاكار ئات بىلەن كىچىك ئېنوت كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ نامايان قىلىنىدۇ، ساياھەتچىلەر ھەمتۈرتكە بولۇپ بىرلىكتە ھەقسىز سۈرەتكە چۈشسە بولىدۇ.

 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدانى مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىدا، مول، رەڭدار خاس مەدەنىيەت- ساياھەت تاۋارلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

 ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى 7- نۆۋەتلىك ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى. 100 ئاپتوموبىللىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش» پائالىيىتى، «غەربىي شىمالنىڭ ئەڭ شىمالىنى ساياھەت قىلىپ 10 مىڭ قەدەم مېڭىپ ئۇچرىشىش» ھەم چوڭ قەدەم تاشلاپ مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مۇسابىقىسى، «چىڭگىلدا ئات چاپتۇرۇش» ئات بەيگىسى پائالىيىتى، كۆكتوقاي لوڭقىسى پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى، چىڭگىل لاڭشەن مەنزىرە رايونى «باتاي بىلەن ۋېنشيۇنىڭ تويى» خەلق ئۆرپ- ئادىتى توي مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرگە پائالىيەت جەريانىدا ئالتاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

 جۇڭگو ساياھەت كۈنىدە، 2025- يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىنىڭ قەشقەر مۇسابىقە رايونىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىنىڭ كوئىنلۇن كۆزى مەنزىرە كۆرۈش چاقپىلىكى باش تېما باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا، ساياھەتچىلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن بىللە يېڭىسار ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى قۇملۇق توغراقلىقى، قۇملۇق بوستانلىقى قاتارلىق مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە «شۈەنزاڭنىڭ شەرققە قايتىش نادىر لىنىيەسىنى پىيادە مېڭىش سەپىرى»گە قاتنىشىپ، يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلسا، پامىر ئېگىزلىكىگە بېرىپ رومانتىك يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلسا بولىدۇ؛ مارالبېشى ناھىيەسىگە بېرىپ «خۇياڭ تيەنلۇ ئېكولوگىيە ساياھەت ئىستىراھەت رايونى»دا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئەگرى- بۈگرى كەتكەن يەكەن دەرياسى ھەم شېئىرىي تۈسكە ئىگە يارداڭلىق يەر شەكلىدىن ھۇزۇرلانسا بولىدۇ.

 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقى، ناخشا- ئۇسسۇل گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت كۈنى پائالىيىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ساياھەتچىلەر خوتەن شەھىرىدە ھەقىقىي مەنزىرە تىياتىرى كۆرۈپ، تۆگە چاسا ئەترىتى، ئەتلەس بېزەك چاسا ئەترىتى، غەربكە ساياھەت چاسا ئەترىتى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ كوچا ئايلانسا؛ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى كەسىپلەر باغچىسى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كونا شەھىرىگە بېرىپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلسا؛ چىرا ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ كوئىنلۇن تېغى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ گۈلخان كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، ناخشا كېچىلىكىدە ناخشا ئاڭلىسا؛ كېرىيە ناھىيەسىدە قىزىلگۈل بىلەن يېقىندىن ئۇچراشسا، نىيە ناھىيەسىدە سىمفونىيەلىك مۇزىكا بىلەن مىللىيچە چالغۇلارنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ھاسىل بولغان ھاياجانلىق تۇيغۇنى ھېس قىلسا بولىدۇ.

 بۇنىڭدىن باشقا، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمىسى، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش پائالىيىتى، باغراش كۆلى داخېكۇ مەنزىرە رايونى پىرىستانىدىكى ساۋۇردىڭ ئويۇنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بويىچە ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى، قاراماي شەھىرى مايتاغ چوڭ جىلغىسىدىكى خەتەرلىك دارۋازلىق ئويۇنى، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ئات بەيگىسى، مىنى مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى «رەڭگارەڭ سانجى. ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت» خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىش پائالىيىتى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كىنو كىچىك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاقسۇچە تەم» مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مول، رەڭدار پائالىيەتلەر بار.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەتچىلىكنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى ئالماشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇيخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ جۇڭگو ساياھەت كۈنى پائالىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر كۆپ خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ماس قەدەمدە تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ ھەم بىر قاتار مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ساياھەت كۈنى پائالىيىتى ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدۇ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125