− شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى
شىن جېڭيەن
گۈزەل جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ئويلايدىغان «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۈپ قوللانما ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، «بەش مۇھىم مۇناسىۋەت»نى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى.
بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.» يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىز يىلىغا ئوتتۇرىچە %3.3لىك ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئېشىش سۈرئىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يىلىغا ئوتتۇرىچە %6.1 ئېشىشىغا تىرەك بولدى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى جەمئىي %26.1 تۆۋەنلەپ، دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى ئەڭ تېز تۆۋەنلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزى دەل يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، ئېلېكتىرون يېڭى ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، 2024- يىلى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2023- يىلىدىكىدىن %21.6 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 13.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تىپىنى تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتتى. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بويىچە «ئۈچنى ئۆزگەرتىش بىرلەشمە ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، كۆمۈردىن ماي- گاز ئالىدىغان، كۆمۈردىن ئولېفىن ئالىدىغان، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى. يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئومۇمىي كۆلىمىنى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشۇردى؛ شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 900 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30كە يېقىنلاشتى؛ يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. يېشىل تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى. يېشىل كانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 158گە يەتتى. يېشىل زاۋۇتتىن جەمئىي ،196نى، يېشىل باغچە رايونىدىن جەمئىي 15نى، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى باشقۇرۇش كارخانىسىدىن جەمئىي ئوننى يېتىلدۈرۈپ، يېشىل مەھسۇلاتتىن 53 خىلنى ئېچىپ، سانائەت ساھەسىدىكى ئايلانما ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 152 ئورۇننى بېكىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.
ھازىرقى شىنجاڭ «يېشىل بولۇش» يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، «تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش» يېڭى قۇۋۋىتى ئۈستىدە ئىزدەندى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سۈپىتى بارغانسېرى يېتەرلىك بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى بارغانسېرى يارقىن بولدى. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، «يېشىل بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، «يېشىل بولۇش»قا قاراپ گۈللىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدۇ. كەسىپنىڭ «يېشىللىق تەركىبى»نى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسى، يېشىل تېخنىكىنى قوللىنىپ ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ؛ بىر تۈركۈم يېشىل باغچە رايونى، زاۋۇت، مەھسۇلات، تەمىنلەش زەنجىرى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ؛ دۆلەت زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىش، پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەپ ساقلاش (CCUS)، يېشىل ھىدروگېن قاتارلىقلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؛ يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، ئاليۇمىننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم لىتىي كەسىپ بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ «باغلىنىش دەرىجىسى»نى سىجىل ئۆستۈرىدۇ. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ؛ «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ؛ «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 ـ، 4- لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىنى كۆپ خىل ئەمەلىي قوللىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. يېشىل ئىستېمالنىڭ «ئېشىش نۇقتىسى»نى تولۇق قازىدۇ. يېشىل سەپەرگە چىقىش، سۇ، توك تېجەش، «تاماق ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتى» قاتارلىق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، يېشىل ئىستېمال ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، يېشىل ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئىككىنچى، نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ماسلىشىپ تۈزەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت ساھەسىدىكى جاھىل ئىللەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تۈزەش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي زىددىيەت بىلەن زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت مەسىلىلىرىگە قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش بىلەن بىللە، نىشاننى ماسلاشتۇرۇش، كۆپ خىل بۇلغىمىنى تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇش، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.» يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. 2024- يىلى، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %87.2كە يەتتى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %1كىمۇ يەتمىدى، PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 29.3 مىكروگىرام/كۇب مېتىرغا تۆۋەنلىدى، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى بولغان كەسمە يۈز نىسبىتى %90تىن ئاشتى.
ياخشى ئېكولوگىيە- مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر ياخشى قىلىش» توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، دۆلەتنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بويىچە باھالىشىدا ئۇدا ئۈچ يىل مۇنەۋۋەر بولدى. ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. «ئۈرۈمچى _ سانجى _ شىخەنزە» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، كۆپ خىل بۇلغىمىنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەش ۋە رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى. 2024- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئوتتۇرىچە ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %79.7، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %0.5، PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 28 مىكروگىرام/كۇب مېتىر بولدى. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %ەك90 يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە تېز تۈرتكە بولدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 3355 دەريا، 121 كۆلنىڭ ھەممىسىنىڭ دەريا- كۆل باشلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2024- يىلى، دۆلەتنىڭ باھالىشىغا كىرگۈزۈلگەن يەر ئۈستى سۈيى كەسمە يۈزى سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %95.9كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 5.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ناچار V تۈردىكى كەسمە يۈزدە نۆل ھالەت ساقلاندى. گۈزەل، سۈزۈك دەريا، كۆللەر زۇمرەتتەك سۇنى ساقلاپ، جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولدى. يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەردىكى تۇپراقنىڭ ئېغىر مېتالدىن بۇلغىنىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇلغانغان تېرىلغۇ يەردىن بىخەتەر پايدىلىنىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇقنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش، يىغىۋېلىشنى تولۇق زەنجىرلىك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنىڭ %85تىن يۇقىرى بولۇشىنى ساقلاپ، بىر جاينىڭ ياخشى ئېتىزى، مۇنبەت تۇپرىقى ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە شۇ جايدىكىلەرنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.
ھازىرقى شىنجاڭدا، مۇھىت قوغداش بىلەن ئېكولوگىيەنى تۈزەشنىڭ تەسىرلىك مېلودىيەسى ياڭرىماقتا، ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ گۈزەل ماكاننى ئورتاق قوغدىماقتا، مۇھىتى گۈزەل، ئېكولوگىيەسى ئەلا، پۇقرالار خۇشاللىققا چۆمگەن ئىناقلىق كۈيى ئۇزاققىچە ياڭرىماقتا. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق قاراشتا، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىدۇ. ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. ئاپتونوم رايون ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ «15- بەش يىل»لىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل بۇلغىما چىقىرىشنى ھەمكارلىشىپ ئازايتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش بويىچە «تۆت پەسىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش»نى قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈر يېقىلغۇ مەنبەسى، سانائەت مەنبەسى، كۆچمە مەنبە، دائىرىلىك مەنبەنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاسمىنى دائىم كۆك بولۇش، ھاۋاسى دائىم ساپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. سۇ ئېكولوگىيەسى- مۇھىتىنى قوغداشنى سىجىل ياخشى تۇتىدۇ. سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق دەريا- كۆللەرنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تارتىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىدۇ، شەھەر- بازار، سانائەت باغچە رايونلىرىدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، قارا- سېسىق سۇلارنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. تۇپراق بۇلغىنىش خەۋپ- خەتىرىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي تۈردە پۇختا زىممىگە ئالىدۇ. تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەردىكى تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭدىن بىخەتەر پايدىلىنىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئورۇنلار ئەتراپتىكى تۇپراق مۇھىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يولغا قويىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىدۇ. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ۋە تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش تور نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتقا بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
ئۈچىنچى، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تاغ چوققىسىدىن دېڭىز- ئوكيانغىچە بولغان قوغداش- تۈزەش چوڭ ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ۋاسىتىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، شارائىتقا، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايون، تۈرلەرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈش كېرەك.» يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك قوغداش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئون نەچچە يىلدا، 538 مىليون مو قۇملاشقان يەرنى ئىلمىي قوغداپ، 118 مىليون مو قۇملاشقان يەرنى ئۈنۈملۈك تۈزەپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %25تىن ئاشۇرۇپ، %61 سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش كۆلىمىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، چۆللىشىش ۋە قۇملىشىش كۆلىمىنى «قوش ئازايتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. چۆللۈكنى بوستانلىققا، قاقاسلىقنى ئورمانلىققا ئايلاندۇرۇش ئېكولوگىيە مۆجىزىسى ياراتتى، بۇ، گۈزەل جۇڭگونىڭ جانلىق ئىزاھاتىغا ئايلاندى.
ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ- تۇپراق ئېقىپ كېتىش، چۆللىشىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش» توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويدى. تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» تاقىدى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشتىن ئىبارەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، قۇملۇق گىرۋىكىدە قاتار- قاتار كەتكەن «يېشىل سەددىچىن سېپىلى»نى بەرپا قىلدى. چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن تۇپراق كۆلىمىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1956 كىۋادرات كىلومېتىر، 242.8 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايتىپ، «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. قۇم تىزگىنلەش بىلەن بېيىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇملۇق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1 مىليون 845 مىڭ مو يەردە خاس قۇملۇق رايونى ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىنى ئۆستۈردى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 370 مىليون يۈەن بولدى، «قۇملۇقتىن ئالتۇن سۈزۈش» «كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈش»نى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدا «ئوت ئۆچۈرۈش» سۈرئىتىنى تېزلەتتى. 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 84 جايدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونى ئىچىدىكى 24 جايدا تۈزەشنى تاماملىدى، تۈزەش كۆلىمى 2 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 1 مىليون 470 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئەسلىگە كەلتۈردى، يىلىغا ئوتتۇرىچە 3 مىليون 830 مىڭ توننا كۆمۈرگە ئۆزلۈكىدىن ئوت كېتىشنى ئازايتتى، 9 مىليون 850 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەردى، 57 مىڭ توننا بۇلغىمىنى ئاز قويۇپ بەردى، كۆمۈر بايلىقى بىخەتەرلىكى ۋە ئەتراپتىكى شەھەر- بازارلارنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتتى. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلەتتى، ھازىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 32 (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)سى بولۇپ، كۆلىمى 201 مىڭ 200 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %12.08ىنى ئىگىلىدى. سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش كۆلىمى 2011- يىلىدىكىدىن 55 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، سۇ- تۇپراقنى ساقلاش نىسبىتى %49.39كە ئۆرلەپ، سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش كۆلىمى ۋە سىجىللىقى «قوش تۆۋەنلەش»، سۇنىڭ يالىشى، شامالنىڭ يىمىرىشى «قوش ئازىيىش»تىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى؛ دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ قوغدىلىش نىسبىتى %70تىن ئاشتى.
ھازىرقى شىنجاڭدا، قاقاس تاغلار گۈزەل تۈسكە كىردى، قۇملۇقلار بوستانلىقلارغا ئايلاندى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ «ھۆسن»ى تېخىمۇ گۈزەللەشتى، ئېكولوگىيە- مۇھىت «سالاپىتى» تېخىمۇ ياخشىلاندى، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان بىر مەيدان يېشىل كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا جۇشقۇن نامايان بولماقتا، بىر پارچە گۈزەل جۇڭگو ئېكولوگىيە مەنزىرىسى پۈتۈن شىنجاڭ تۇپرىقىدا تەدرىجىي يېيىلماقتا. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەۋلادلارغا تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان ئېكولوگىيە بوشلۇقى قالدۇرىدۇ. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ. خېشى كارىدورى- تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، «ئۈچ توسۇق، ئىككى ھالقا» ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلاپ، يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قوللايدىغان توققۇز ماددىلىق تەدبىردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قۇملۇق كەسپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، «گىرۋەكنى قاشالاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ. تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە- مۇھىت قاتارلىق تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئوت رايونىنى تۈزەشنى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بايلىق ئېچىش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، 84 جايدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى تېزدىن تاماملايدۇ. تەبىئىي ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ. «ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېشىل قالقان» تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جايلارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى سىجىل قانات يايدۇرىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، قارامايلى، كوئىنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ. ئالتاي تېغى تاغ ئورمىنى، تىيانشان تېغى تاغ ئوتلىقى- ئورمىنى ۋە پامىر- كوئىنلۇن تېغى- ئالتۇنتاغ چۆل ئوتلىقى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تاشلاندۇق كانلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بويىچە چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىدۇ.
تۆتىنچى، تاشقى چەكلىمە بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى يېشىل تورىنى داۋاملىق زىچ توقۇش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «باشتىن- ئاخىر ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق تاشقى بېسىمنى ساقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ئورتاق قوغداشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.» يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى باھالاش، تەكشۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش- تىزگىنلەش قاتارلىق تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، «1+N+4» ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشقا ئائىت قانۇن- تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىي قىلىشنى ئۈنۈملۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
قانۇنچىللىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» ۋە «تۈرتكۈچ». شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىقنى يولغا قويغاندىلا، ئاندىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ» توغرىسىدىكى ئەمەلىيەت قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، تەپەككۇرى، پىرىنسىپىنى ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش قانۇنچىللىق ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى. «<ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە> نۇقتىلىق رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش نىزامى»نى چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» «كۈيتۈن- مايتاغ- شىخو» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە يەرلىك نىزام چىقىرىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇمىي لايىھەسى» «تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قوللايدىغان توققۇز ماددىلىق تەدبىر»نى تۈزۈپ، سىياسەت، مەبلەغ، پەن- تېخنىكىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇردى. مەملىكەت بويىچە «ئېكولوگىيە- مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى باشلامچىلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتقا ئالاقىدار ئەرز- شىكايەتلەرنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى. تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئۇدا 28 يىل قانات يايدۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش، سۇلۇق يەرنى قوغداش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن- نىزام قاتتىق تەلىپىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتتى. مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشىغا كىرگۈزۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتتى.
ھازىرقى شىنجاڭ قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىت ئۈچۈن چەك- چېگرا بەلگىلەپ، رامكا بېكىتىپ، تىزىملىك تەسىس قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتا بارغانسېرى كۆپ «يېشىل ئۆلچەم»گە ئىگە بولدى، قانۇنچىللىق شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەشتىكى روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېكولوگىيە- مۇھىت ساھەسىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. «كىچىك دائىرىلىك» نىزام چىقىرىش ئارقىلىق مۇھىتنى تۈزەشتىكى «زور سەھىپە»نى پۈتۈپ چىقىدۇ. ئېكولوگىيە- مۇھىت، بايلىق- ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر يەرلىك نىزام چىقىرىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجراسى سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە، ئورمان- ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلارنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، تارماق ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئىنكاس قايتۇرۇش- ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايونلارغا ئايرىش، پەرقلىق بولۇش، دەل جايىدا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى + قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؛ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋادىنى بىرلىك قىلغان سۇ ئىدارە قىلىش، سۇ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش يولىنى كېڭەيتىدۇ. ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بويىچە تىجارەت قىلىش- ئېچىش ھوقۇق- مەنپەئىتى بىلەن باغلاش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، بازار يۈرۈشتۈرىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىدۇ. مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلار»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ. مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى سىياسىي ۋەزىپە ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك يېپىق ھالقا ئارقىلىق ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا تۈرتكە بولىدۇ. تۈزىتىلىپ بولغان مەسىلىلەرنى «قايتا تەكشۈرۈش»نى كۈچەيتىپ، ساختا تۈزەش، يۈزەكى تۈزەش، ئەپلەپ- سەپلەپ تۈزەشنى قەتئىي توسىدۇ.
بەشىنچى، «قوش كاربون» ۋەدىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇش
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «بىز ۋەدە قىلغان <قوش كاربون> نىشانىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيمىز، بىراق بۇ نىشانغا يېتىش يولى ۋە ئۇسۇلى، رىتىمى ۋە سالمىقىغا چوقۇم شۇنداقلا جەزمەن ئۆزىمىز ئىگە بولۇشىمىز، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت ۋە ئۆز ئىقتىدارىغا قاراش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «قوش كاربون» نىشان- ۋەزىپىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئومۇمىي كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنى %34تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %36تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە «لەۋزىدە تۇرۇش، ئىشنى نەتىجىلىك قىلىش، دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت «جۇڭگو ۋەدىسى»نى نامايان قىلدى.
كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «<قوش كاربون> نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر مەيدان كەڭ كۆلەملىك ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇنى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىق، قەدەم- باسقۇچلۇق يولغا قويۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى. قوش كاربون «1+N» سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى مەركەز قىلغان، ساھەگە، كەسىپكە ئايرىش بويىچە 30 تۈرلۈك سىياسەت كاپالىتىنى تىرەك قىلغان، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) تەڭ قەدەمدە لايىھە تۈزۈشنى تارماق قىلغان قوش كاربون خىزمىتىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سىنى بەرپا قىلدى. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. «ئىككى يۇقىرى، بىر تۆۋەن» تۈرلەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ- تىزگىنلەپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشكە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى، قاراماي شەھىرى، كۇچا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا دۆلەت تۇنجى تۈركۈمدىكى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش سىناق نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىكى «ئون چوڭ ھەرىكەت» ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشتىكى «ئون چوڭ قۇرۇلۇش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان جەمئىي 369 نۇقتىلىق كارخانىدا ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ھۆكۈم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 28 مىليون 860 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، 2024- يىلى شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ بازارلاشقان سودا توك مىقدارى 51 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، «14- بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، يېشىل توك سودىسى 5 مىليارد 318 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن %265 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە پائال قاتناشتى. نۇقتىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان ئورۇنلارنى دائىملىق نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشى، بۇلغىما ئازايتىشىغا كۈچ قوشۇپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، توك چىقىرىش ساھەسىدىكى نۇقتىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان 87 ئورۇن مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرىدا 3- قېتىملىق ۋەدىگە ئەمەل قىلىش دەۋرىيلىكىدە نورما بويىچە پۈتۈشكەن سوممىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشنى %100 تاماملىدى. پولات- تۆمۈر، سېمونت، ئاليومىن تاۋلاش كەسىپلىرىدىكى نۇقتىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان ئورۇنلارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ «يۇقىرى كاربونغا تايىنىۋېلىش»تىن «تۆۋەن كاربونلۇق رىقابەتلىشىش»كە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.
ھازىرقى شىنجاڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، شەھەرلەردىن يېزا- كەنتلەرگىچە، زاۋۇتلاردىن ئائىلىلەرگىچە، چۆللۈكلەردىن بوستانلىقلارغىچە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ھەرىكىتى يېشىل دولقۇن قوزغىدى، «قوش كاربون» نىشانىنىڭ «يىرىك پىلان خەرىتىسى» قەدەممۇقەدەم «ئەمەلىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى»گە ئۆزگەردى. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز تەرەققىيات رىتىمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش يولىنى تىرىشىپ ئاچىدۇ. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال تۈردە پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ. كاربون قويۇپ بېرىشنى ھېسابلاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەش» نىشانىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە كاربوننى ئىزلاپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىدۇ. «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش»نى پۇرسەت بىلىپ، يېشىل توك، يېشىل ھىدروگېننىڭ ئاخىرقى ئۇچتا تاشقاتما ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىدۇ؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىدۇ. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. كاربون تۆت ئوكسىدى يىغىش، پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەپ ساقلاش (CCUS) قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېشىل ھىدروگېن، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق يۆنىلىشنى چۆرىدەپ بىرلىشىپ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق نېفىت خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، تۆۋەن كاربونلۇق پولات- تۆمۈر تاۋلاش، توك قاچىلاش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەسى قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىشقا مەدەت بېرىدۇ. كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش، كاربوننى توپلاشنى بىرتۇتاش قانات يايدۇرىدۇ. تورلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئارقىلىق پارنىك گازىنى ئۆزلۈكىدىن ئازايتىش (CCER) تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ دەلىللەشنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.
كىشىلەر تەبىئەتكە يۈز كېلەلىسە، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنى نائۈمىد قويمايدۇ. 2025- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، «قوش كاربون» مۇھىم خىتابنامىسىنى چىقارغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى، شۇنداقلا گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى ئىگىلەپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رېڭى قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى غەربىي شىمالنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىدىكى مۇستەھكەم توسۇققا ئايلاندۇرىدۇ.