مەملىكەت بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى يېشىل ھىدروگېننى سانائەتلەشتۈرۈپ قوللىنىش تۈرى چۆللۈكتىكى يېشىل ھىدروگېن دۆلىتىمىزنىڭ «قوش كاربون»لۇق كەلگۈسىنى يورۇتتى
جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ زاۋۇت رايونىدىن كۆرۈنۈش (5- ئاينىڭ 12- كۈنى تارتىلغان) جاڭ شياڭشياڭ فوتوسى
قۇرۇلۇش كىچىك ئارخىپى
جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى 2021- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى قوزغاتتى، 2022- يىلى 3- ئايدا قۇرۇلۇش باشلاندى، 2023- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى يېشىل ئېلېكتىردىن يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش نىشانى ئىشقا ئاشتى، 8- ئاينىڭ 30- كۈنى تۈر ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، نۆۋەتتە، پۈتۈن يۈرۈشلۈك قۇرۇلما بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈۋاتقىلى 640 كۈندىن ئاشتى. بۇ تۈرگە جەمئىي 2 مىليارد 996 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 300 مېگاۋات، ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 20 مىڭ توننا بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى 485 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگىلى بولىدىكەن.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلانمايتتى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 280 مو كېلىدىغان زاۋۇت رايونى ئىنتايىن جىمجىت ئىدى. 5- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىن شىنجاڭغا نەزەر» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى − جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ زاۋۇت رايونىغا كەلگەندە، سېخلارنىڭ سىرتىدا كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئالدىراش مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىدىغان مەركىزىي كونترول ئۆيىدە، خىزمەتچى خادىملار كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ھىدروگېن ئىشلەش زاۋۇتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى توختىماي ئالماشتۇرۇپ كۆزىتىپ تۇراتتى، ئۇلار سانلىق مەلۇماتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مەركىزىي كونترول ئۆيى ئارقىلىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەۋرىشىم ھىدروگېن ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتاتتى.
«يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۇراقسىزلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، توك چىقىرىدىغان ئۇچىدا مۇقىم توك چىقارغىلى بولمايدۇ، لېكىن خېرىدارلار ئۇچىدا 24 سائەت ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، مۇقىم يېشىل ھىدروگېن بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ، قانداق قىلغاندا <مەنبە، يۈك> ھەمتۈرتكە بولۇپ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەڭ چوڭ قىيىن نۇقتا.» جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ يېشىل ھىدروگېن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ماۋ يەنيۈن مۇنداق دېدى: تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدا، لايىھەلىگۈچى ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، ئاپتوماتىك تىزگىنلەش ئۈسكۈنە زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ئاقىل تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە يېشىل توك ئارقىلىق ھىدروگېن ئىشلەش سەپلىمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، توكلۇق تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسىنى ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى بىلەن ماس قەدەمدە مۇناسىپ ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلېكتىرولىزلاش ئوقۇرى توپىنىڭ تۇراقسىز ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈردۇق.
جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئىككى يىلچە بولدى، بۈگۈنگىچە يەنىلا مەملىكەت بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى يېشىل ھىدروگېننى سانائەتلەشتۈرۈپ قوللىنىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر ئاساسلىقى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش، ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش، ھىدروگېن ساقلاش، ھىدروگېن يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل ھىدروگېن تۇرۇبا ئارقىلىق «قوشنىسى» بولغان جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يەتكۈزۈلۈپ، تەبىئىي گازدىن ھىدروگېن ئىشلەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، بېنزىن، دىزېل مېيى ئايرىشنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر پونكىتى 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، يىللىق توك چىقىرىش ئىقتىدارى تەخمىنەن 600 مىليون كىلوۋات سائەت. يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر پونكىتى چىقارغان يېشىل توك توپلىنىپ بېسىمى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ھىدروگېن ئىشلەش زاۋۇتىغا يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ يەردە ئىشقارلىق سۇ بىلەن ئېلېكتىرو خىمىيە رېئاكسىيەسى ھاسىل قىلىپ، يېشىل ھىدروگېن ئېلېكتىرولىزلىنىپ چىقىرىلىدۇ.
«سۇنىڭ خىمىيەلىك فورمۇلاسى H2 O، سۇنى ئېلېكتىرولىزلاش ئەمەلىيەتتە H2 Oنى پارچىلاپ، ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننى ئايرىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت» دېدى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ يېشىل ھىدروگېن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما جاۋچىڭ چۈشەندۈرۈپ.
زاۋۇت رايونىدا ھىدروگېن ئىشلەش سېخىدىن يەتتىسى بار، 52 ئېلېكتىرولىزلاش ئوقۇرى ئورنىتىلغان بولۇپ، پۈتكۈل تۈرنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان يېشىل ھىدروگېن ساپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئون ھىدروگېن ساقلاش باكىغا يەتكۈزۈلىدۇ. كۈندۈزى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش يېتەرلىك بولغاندا ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل ھىدروگېننىڭ بىر قىسمى تۇرۇبا ئارقىلىق تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يەتكۈزۈلىدۇ، يەنە بىر قىسمى ھىدروگېن ساقلاش باكىدا ساقلىنىدۇ؛ كەچتە يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرالمىغاندا، دۆلەت ئېلېكتىر تورىدىن توك سېتىۋېلىنىپ، ھىدروگېن ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نورمىدا ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ توختىماستىن مېڭىش- توختىشىدىن ساقلىنىدۇ، بۇ بۆلەك ۋاقىتتا ھىدروگېن ساقلاش باكىدا ساقلانغان ھىدروگېن قويۇپ بېرىلىپ، تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يەتكۈزۈلىدۇ.
ھىدروگېن بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ يېنىك گاز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىچىك دوستلار ئوينايدىغان شارغا ھىدروگېن قاچىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنى قويۇۋەتسىلا شار بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. زاپاس ھىدروگېن ساقلاش باكىنى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىر ھىدروگېن ساقلاش باكىنىڭ سىرتقى دىۋارىغا پولات تۈۋرۈك ئۇلانغان بولىدۇ، پولات تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 9.6 مېتىر بولۇپ، پولات تۈۋرۈك بىلەن پولات چىۋىقلىق بېتون ئۇلى تۇتاشتۇرۇلىدۇ، پولات چىۋىقلىق بېتون ئۇلىغا قۇيۇلغان سېمونتنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىرغا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ «ئېغىرلىقى»نى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شار شەكىللىك باكنىڭ ئىچكى دىۋارىمۇ قېلىنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.
بۇ تۈر دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يېشىل ھىدروگېن نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، 2022- يىلى قۇرۇلۇش مەزگىلىدە يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرىنىڭ باھاسى ھازىرقىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى، شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچىدە ئېلېكتىرولىزلاش ئوقۇرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى، يەتتە ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئۈچ كارخانىنىڭ ئېلېكتىرولىزلاش ئوقۇرىنى سېتىۋېلىپ ئاندىن تەل بولدى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىرولىزلاش ئوقۇرى ياساش كارخانىلىرى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ئېلېكتىرولىزلاش ئوقۇرىدا ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىمۇ شۇ سەۋەبلىك زور دەرىجىدە ئۆستى.
«بۇ تۈردە نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى ساھەسىدە يېشىل ھىدروگېن ئارقىلىق ئورنىنى ئېلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبە شەكىللەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.» ماۋ يەنيۈن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى مەزگىللىك ئۈسكۈنە سېلىنمىسى كۆپ بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل ھىدروگېننىڭ باھاسىمۇ يۇقىرى بولۇپ، كۈل رەڭ ھىدروگېننىڭ ئىككى- ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى، ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ئاخىرىدا نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى سېتىۋالالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى.
ئادەتتە، ساھە ئىچىدە كۆمۈر، تەبىئىي گاز قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيەلەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان ھىدروگېن كۈل رەڭ ھىدروگېن، دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئەگەر كۈل رەڭ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشقا كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بولسا، كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ھىدروگېن كۆك ھىدروگېن، دەپ ئاتىلىدۇ؛ شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەردىن پايدىلىنىپ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىلسا، كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىلمەيدۇ، بۇنداق ھىدروگېن يېشىل ھىدروگېن، دەپ ئاتىلىدۇ.
«قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ يېشىل ھىدروگېن ئىشلىتىشنى كۈل رەڭ ھىدروگېننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشى مۇقەررەر يۈزلىنىش. بۇ تۈرنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ئوردوستا شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن يىلىغا 30 مىڭ توننا يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش بىر گەۋدىلەشكەن تۈرنى باشلىدى؛ ئۇلانچاپتا شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن يىلىغا 100 مىڭ توننا ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى دەلىللىنىۋاتىدۇ، 1100 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۇرۇبا يولى ئارقىلىق يېشىل ھىدروگېننى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىكى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىغا يەتكۈزۈپ، بىر قىسمىنى ھازىر بار بولغان كۈل رەڭ ھىدروگېننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش پىلانلاندى.
تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى قۇرۇپ، ھازىر بار بولغان نېفىت ئايرىش، پىششىقلاش ئىقتىدارى يىلىغا 5 مىليون توننا بولۇش ئاساسىدا يىلىغا 8 مىليون 500 مىڭ توننىغا كېڭەيتىشنى پىلانلىدى، بۇ، كەلگۈسىدە تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېشىل ھىدروگېن ئىشلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ يېشىل ھىدروگېن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قاتناشتا ھىدروگېن ئىشلىتىش ھالىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2028- يىلىغا بارغاندا تولۇق نورمىدا ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىكەن.