جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى داغدۇغىلىق باشلاندى
11:35:45 2025-05-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر ياۋ گاڭ) ھاياتىي كۈچكە تولغان ناخشا- ئۇسسۇللار، قىزغىن، مېھماندوست تەكلىپ، 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى، 2025- يىللىق «19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى بۇ جايدا داغدۇغىلىق باشلاندى.

 شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يۈرۈشلۈك تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «خۇشال ئاتلىنىش 19- ماي باش تېما كۈنى»دە، 2- يول شەھەر بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى مۇزىكا ئاپتوبۇسىغا ئايلىنىپ، ھەمتۈرتكىلىك ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى؛ «خۇشال بەھرىمەن بولۇش 19- ماي باش تېما ھەپتىلىكى»دە، 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ھەر كۈنى كەچتە، كۆل بويى مۇزىكا كېچىلىكى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسىدا رومانتىك ئۆتكۈزۈلدى؛ «خۇشال ساياھەت قىلىش 19- ماي باش تېما ئېيى»دا، پۈتۈن شەھەردىكى پوچتىخانىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ بۇيرۇتۇپ ياساتقان «شەھەر ئاۋازى» باش تېمىسىدىكى ئاتكرىتكىدىكى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلغاندا كاۋاپنىڭ ئوتتا پىشىۋاتقان ئاۋازى، كاۋاپچىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش ئاۋازى قاتارلىق قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، ئاتكرىتكا سېتىۋالغاندا يەنە «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» ناملىق پوچتا ماركىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ «خۇشال ياشاش 19- ماي باش تېما يىلى»دا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «دەرھال ساياھەت قىلىش، ئويۇننى دەرھال باشلاش» پائالىيىتى پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈلىدۇ.

 بۇ يىللىق جۇڭگو ساياھەت كۈنى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «جەلپكار تاغ- دەريالار، گۈزەل سەپەر» بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى مەزمۇنى مول، ئېتىبار بېرىش دائىرىسى زور بولغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت بازىرىنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

 شۇ كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىدىكى ئۈرۈمچى مەخسۇس رايونىدا ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ساياھەت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلدى؛ «شىنجاڭ سوۋغىسى» مەخسۇس رايونىغا شىنجاڭنىڭ خاس مەدەنىيەت- ساياھەت تاۋارلىرى توپلاندى؛ جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ «سىزنى ساياھەت قىلدۇرىمىز، سىزگە ماي قاچىلاپ بېرىمىز» باش تېما پائالىيىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى؛ ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەخسۇس رايونلاردا خاس ساياھەت لىنىيەلىرىنى يولغا قويۇپ، مەنزىرە رايونلىرىدىكى مەخسۇس رايونلاردا باھانى مۇۋاپىق چۈشۈرۈش، يۈرۈشلۈك ئېتىبار بېرىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭ سوۋغىلىرىنى ئېلىپ كەلدى.

 «ساياھەتچىلەرنىڭ چىڭخۇ يۈيۈەن مەنزىرە رايونىدا ئىستېمال قىلغان سوممىسى 519 يۈەنگە يەتسە، مېھمانساراي ياتىقىنى زاكاز قىلىشتا %60لىك، كاۋاپ يۈرۈشلۈك تامىقىدىن %10لىك، كىچىك ياغاچ ئۆي مەيدان- ئورۇن ھەققىدىن %20لىك ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ بوغدا كۆلى تەيكۇڭساڭ لاگېرىدا قونىدىغان ساياھەتچىلەر يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ مەنزىرە رايونىدىكى لاگېر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا بېرىپ، كېچىلىك قونالغۇ مەنزىرە رايونى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ھېس قىلالايدۇ». شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پېي دۇڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر يەن نەيمىن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ كۆلىمىنى زورايتىپ، مەھسۇلات تەمىناتىنى بېيىتىپ، بازار تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خاس كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> ماركىسىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125