ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- يىغىنىنى 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر جاڭ لېي) 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 54- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- يىغىنىنى 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ 21- قېتىملىق يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ پورت ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى لايىھەسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپكە قاراپ چىقىلىدۇ؛ تەستىقلاشقا سۇنۇلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەرلىك نىزام تۈزۈش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، قاراماي شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى باشقۇرۇش نىزامى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش مۇلازىمىتى نىزامى، قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «قومۇل شەھىرىنىڭ يەرلىك نىزام تۈزۈش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «تۇرپان شەھىرىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم سۈپىتىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنت ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى توغرىسىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق يەرلىك قەرزنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2025- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، 2025- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى (لايىھە) تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنى تاماملاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش- نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئايرىم- ئايرىم ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.
يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار قاراپ چىقىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ ۋاڭ جياڭ يىغىنغا قاتناشتى.