قومۇل − چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى
12:07:28 2025-05-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قومۇل − چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى: 

توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى

 قۇرۇلۇش كىچىك ئارخىپى

 قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: بۇ قۇرۇلۇش دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى، شۇنداقلا «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى 3- تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولى. بۇ قۇرۇلۇش قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىدىن باشلىنىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يۈبېي رايونى يۈبېي توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىي 28 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، لىنىيە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2290 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، شەنشى، سىچۇەن، چۇڭچىڭدىن ئۆتىدۇ. قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى چۇڭچىڭغا 36 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك يەتكۈزۈلۈپ، سۇ، ئوت، شامال، يورۇقلۇقتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدە بىر- بىرىنى تولۇقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئېشىپ، چۇڭچىڭنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بېسىمى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى تەقسىماتى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ جىلى) تومۇز ياز كۈنلىرىدە، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سەنتاڭخۇ بازىرىدىكى بىپايان چۆللۈكتە، شەرققە سوزۇلغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى «بۇيرۇق كۈتۈپ» تۇراتتى.

 تەخمىنەن يېرىم ئايدىن كېيىن، قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قومۇل − چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» دېيىلدى) نىڭ يەتكۈزۈش ئۇچى − باركۆل توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىنىڭ ئاساسىي كونترول ئۆيىدە، قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى يۈرۈشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسىلا، نەچچە مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 2290 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يۈبېي رايونىغا تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلىدۇ.

 «ھازىر، قومۇل − چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، بىز قۇرۇلۇشنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ئۇچى بولغان يۈبېي توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىدىكى قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرى بىلەن ماس قەدەمدە سىستېمىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، 6- ئاينىڭ باشلىرىدا، قوش قۇتۇپلۇق تۆۋەن دەرىجىلىك تەڭشەش تاماملانغاندىن كېيىن، تاۋارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق»، دېدى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلۇشى شۆبە شىركىتى باركۆل توك ئايلاندۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇش مۈلۈك ئىگىسى تۈرىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى شۈ جياياڭ.

 مۇخبىر ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 400 مودىن ئاشىدىغان باركۆل توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆمۈچۈك تورىدەك زىچ ئىكەنلىكىنى، قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ھەربىر بۆلەك، يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر، ھەربىر زاپچاسنى تەكشۈرۈپ تەڭشەۋاتقانلىقىنى، قەيەردە مەسىلە بولسا، شۇ يەردە توختاپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە يۈبېي توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىدىن كەلگەن ئۇچۇرغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئورتاق دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى يىراقتىن بىر- بىرىگە ماسلىشىپ ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

 «يەتكۈزۈش ئۇچى ۋە قوبۇل قىلىش ئۇچىدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلسىلا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئاندىن راۋان، ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلىدۇ. سىستېمىنى تەڭشەش ھەربىر كۈن ئىلگىرى سۈرۈلسە، توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بىر كۈن يېقىنلىشىدۇ، غەلىبە قىلايلا دەپ قالدۇق، غەيرەت قىلايلى!»، دېدى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش چەكلىك شىركىتى باركۆل توك ئايلاندۇرۇش پونكىتى ئېلېكتىر A ھۆددە تۈرىنىڭ دىرېكتورى تەن شياۋگاڭ خىزمەتداشلىرىغا.

 دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش شۆبە شىركىتى باركۆل توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى لى يۈەنشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان قومۇل − چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى 3- تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسىغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى 33 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغان «ئۈچ تۇراقلىق، ئىككى ئۆزگىرىشچان» توك يەتكۈزۈش يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈچ چوڭ تۇراقلىق توك يولى ئارقىلىق غەربىي جەنۇب، خۇادۇڭ، خۇاجۇڭ ئېلېكتىر تورىغا توك يەتكۈزۈلۈپ، 750 كىلوۋولتلۇق ئىككى چوڭ ئۆزگىرىشچان توك يولى ئارقىلىق غەربىي شىمال يۈرۈشتۈرۈش مەركىزىگە توك يەتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى زورايتىدۇ، كۈچەيتىدۇ. شۇڭا، بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان قۇرۇلۇش خادىملىرى زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىنتايىن پەخىرلەندى.

 توك ئېقىمىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى نۇرغۇن ۋاقىت ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشى كېرەك. لى يۈەنشېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قومۇل − چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باركۆل توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى ئىش باشلانغان، ئەڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە قۇرۇلۇش خادىملىرى 1800دىن ئاشقان، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن قۇرۇلۇش تېخنىك خادىمى ئىلگىرى باشقا يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. شۇڭا، بۇ جاي قومۇل − چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ توك يەتكۈزۈش مەنبەسى بولۇپلا قالماي، يەنە توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى «تېخنىكا ئېگىزلىكى» ھېسابلىنىدۇ.

 «ئەتراپتىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ لىنىيەلىرى بىزنىڭ توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىمىزغا ئۇلىنىپ، قوش تۆۋەن قۇتۇپلۇق، قوش يۇقىرى قۇتۇپلۇق بولۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، توك ئايلاندۇرۇش پونكىتى بۇ توك چىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى چۇڭچىڭغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش بۇرچىمىز تاماملىنىپ، توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىنى يۈرۈشتۈرۈش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز»، دېدى شۈ جياياڭ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125