خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالتاي شەھىرىدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان موڭغۇلىيە دۆلىتى، قازاقىستان، رۇسىيەلىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
كۆرۈشۈش داۋامىدا، ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ گۈزەل جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئالتايغا كېلىپ ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىق تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. جۇڭگو شىنجاڭ كۆپ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپ خىزمىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتى، قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىكلەر ئارا دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، كۈچلۈك ۋەزىيەت، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى رامكىسىدا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كىچىك كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى خالايمىز. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رايون ئالاقىسى ۋە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، نۇقتىلىق قاتناشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورت قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سودا كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپ ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
موڭغۇلىيە دۆلىتى خوبدۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لا. ئېنكىبايار، بايانئۆلگە ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كا. باقىتجان، ئۇبۇس ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئې. باتۇرساڭ سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، موڭغۇلىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. بىز ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق مېخانىزمىدا، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايون بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە كۆپ ساھەدە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق سودىسى ۋە ئالاقىدار كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېمەكلىك، گۆش تۈرى ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت- ئېكسپورتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. يول ۋە پورتلارنىڭ قاتناش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان قاتناش ۋە يۈك تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. جۇڭگو تەرەپنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پائال ئۆرنەك ئېلىپ، چېگرا خاس ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايمىز.
قازاقىستان ئاباي ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بېرىك ۋالى، شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ باشلىقى نۇرېمبېت ساكتاجانوف ۋە يەتتەسۇ ئوبلاستىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ياخشى دوستلۇق ئورنىتىپ ھەم كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، قازاقىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 30 يىلى»نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستاندىكى ئالاقىدار رايونلار بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت- ئېكسپورتىنى كېڭەيتىپ، ياغاچ ماتېرىياللىرى، سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىش ۋە يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۆچەك- ئاياگۇز تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ- چوڭ قاتناش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز، ئىقتىساد- سودا نورمىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز. ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، پەن- مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز.
رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېتالى سنېسالى، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 1- مۇئاۋىن رەئىسى ئېرېر مارچىنوف مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىپ، قويۇق ئالاقىلىشىپ، رۇسىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ئۈزلۈكسىز تۈردە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇردى. ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. ئالتاي چېگرا رايونى، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق رۇسىيە تەرەپ رايونلىرى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالاقىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلار بىر- بىرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. بىز رايوندىكى ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رۇسىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى قوللايمىز. ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پورتلارنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا نورمىسىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە، مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىككى تەرەپتىكى خادىملارنىڭ ئالاقىسى ۋە ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرىمىز.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، جۇ لىفەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە- مۇھىت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)