خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە جۇڭگو (شىنجاڭ) − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە شەرقىي ئاسىيا سودا كېڭىشىنىڭ 63- قېتىملىق كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيې ۋېنخۇي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ شىنجاڭغا مەخسۇس زىيارەتكە كېلىپ، ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئۈلگە بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە. جۇڭگو شىنجاڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەتراپ خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇردى، ھەمكارلىق ۋەزىيىتى كۈنسېرى ئاكتىپلاشتى. ھازىر، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تېز جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىمىز، بولۇپمۇ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز.
نيې ۋېنخۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم شىنجاڭدا ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇش مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى يېڭىلاندى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرۇش تېزلىتىلدى، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى سىجىل مۇكەممەللەشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىلدى. شىنجاڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پاكىز ئېنېرگىيە، ماشىنا- جابدۇق، يېزا ئىگىلىكى ھەم مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان. جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئالاقە كۆۋرۈكىنى داۋاملىق ياخشى سېلىپ، ھەمكارلىق رىشتىنى ياخشى ئورنىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىغا ياخشى تۈرتكە بولغۇچى، ياخشى مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە ياخشى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولىدۇ.
مالايسىيا ياسىمىچىلىق سودىگەرلىرى جەمئىيىتى، سىنگاپورنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى، لائوس دۆلەت سودا- سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، بىرۇنېي دۆلەت سودا- سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، تايلاند سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشماقتا. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ غايەت زور ئىقتىسادىي تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كۈنسېرى نامايان قىلدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىق، يېشىل ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت، سودا- ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر جەمئىيىتى ۋە بىر قىسىم ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)