ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەرنى چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
11:57:38 2025-05-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت دائىرىسى كېڭەيتىلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەرنى چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا رايونلىرىدا ATM ماشىنىسى، POS ئاپپاراتىدىن جەمئىي 10 مىڭ 700ى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بانكا كارتىسى دېھقانلارنىڭ پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 13 مىڭ 700ى قۇرۇلۇپ، يېزا رايونلىرىدا توردا چىقىم قىلىش، كۆچمە چىقىم قىلىش قاتارلىق غەيرىي نەق پۇل چىقىم قىلىش قورالىنىڭ مۇئامىلىدارلىرى 42 مىليون 202 مىڭ 800گە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەرنى چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

 دىققەتنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بانكا ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى نىسبەتەن ئاجىز رايونلارغا بولغان ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىشقا تەشكىللەپ، چەت- ياقا رايونلاردىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى؛ بانكا ئاپپاراتلىرىنى يېزا رايونلىرىدا تىجارەت تور نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىشقا يېتەكلەپ، ATM ماشىنىسى، POS ئاپپاراتى قاتارلىق بانكا كارتىسى قوبۇل قىلىپ بېجىرىش تېرمىنالىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بانكا كارتىسى دېھقانلارنىڭ پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇپ، غەيرىي نەق پۇل چىقىم قىلىش قوراللىرىنى كېڭەيتىپ، چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى چىقىم مۇلازىمىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىكلىكى، قولايلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى «كۆچمە چىقىم قىلىش +» مۇلازىمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۈچەيتتى. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى «بىر ناھىيەدە بىر خاسلىق» پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆچمە چىقىم قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆچمە چىقىمنىڭ يېزا رايونلىرىغا چۈشۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى؛ مەۋقەنى يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، «كۆچمە چىقىم قىلىش + ساياھەت» «كۆچمە چىقىم قىلىش + يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» «كۆچمە چىقىم قىلىش + سۇ ئىشلىرى» «كۆچمە چىقىم قىلىش + يەر» «كۆچمە چىقىم قىلىش + داۋالىنىش سۇغۇرتىسى» قاتارلىق ئاقىل بولغان دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ھالىتىنى سىجىل كېڭەيتىپ، يېزا رايونلىرىدىكى ھەرقايسى ھالەتتىكى ھەقلەرنى راسچوت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ جەمئىي كۆچمە چىقىم قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن 39نى، ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسىدىن يەتتىنى، ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدىن 44نى، ئۈلگە كۆرسىتىش تۇەن- مەيدانىدىن يەتتىنى بەرپا قىلدى.

 بانكا كارتىسى دېھقانلارنىڭ پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسى بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ كەنت دەرىجىلىككىچە كېڭەيگەن چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى تېرمىنالى بولۇپ، يېزا رايونلىرىدا ئاز سوممىلىق نەق پۇل ئېلىشقا قولايلىق يارىتىدىغان مەخسۇس بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى «دېھقانلارنىڭ پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىش + N » مۇلازىمىتىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدا ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك ھەققى تاپشۇرۇش، تېلېفون ھەققى تاپشۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ھەم دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى ئېلىش- تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى سەپلەپ، كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، پونكىت- نۇقتىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىلدىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىلىرىدا جەمئىي 1 مىليون 626 مىڭ 900 قېتىم پۇل ئېلىش كەسپى، 27 مىڭ 100 قېتىم ۋاكالىتەن ھەق تاپشۇرۇش كەسپى بېجىرىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125